kaLGundi يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 07:16 PM
مىنىڭچە بۇ فىلىم ھىچنىمىنى چۇشەندۇرۇپ بېرەلمەيدۇ. مۇ ...
شۇ ۋاقىتتا ئىسلام دىنىغا ئىتقات قىلىۋاتقان 300 نەچچە مىڭدىن ئارتۇق تۈرۈك مۇسۇلمانلىرىنىڭ جىنىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە كەلتۇرگەن شۇ ھۆرلۈكنى . مۇستافا كامال نىمىشقا ئۆزى يالغۇز قىلىپ تۈركىيەنى مۇستەقىللىككە ئىرىشتۇرمەپتىكەن ؟
نىمىشقا ئىسلام دىنى مۇرۇتلىرىغا تاينىپ تۈركىيەنى مۇستەقىل قىلغان شۇ مۇستاپا كامال تۈرۈك دۆلىتىنى قورۇپ بولغاندىن كىيىن تۈرۈك زىنىمدا ئىسلامغا ئىتقات قىلىۋاتقان سانسىز تۈرۈك پۇقراسىنىنىڭ ئىتقادىنى بوغىدۇ ؟ نىمە ئۇچۇن بۇلارنى تۈرمىگە تاشلايدۇ ؟ نىمە ئۈچۈن قەتىلئام قىلىدۇ ؟ قىنى ئۆز مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا جان پىدا قىلغان شۇ مۇستاپا كامال يۇقارقى سۇئالارغا جاۋاپ بىرىپ باقسىنچۇ ؟
- بىراق مۇستافا كامال بۇ سۇئالغا جاۋاپ بىرىشتىن تولىمۇ ئاجىزدۇر .چۈنكى ئۇ ئۆلۈپ كەتتى . يەنە شۇنداقتىمۇ مۇستافا كامال قالدۇرۇپ كەتكەن شۇ رەزىل سىياسەت تاكى 2000 -يىلغىچە ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىنى تۈرۈك زىنىمىدا كۆرىسىتىپ بىگۇناھ ئىتقاتچى ئاممىنى ۋاقىتسىز ئۇ ئالەمگە ئۇزاتتى .
...ئېسلام دىنى مۇستافا كامالنىڭ كۆزىگە سانجىلىپتىكەنمۇ ، ئوبرازچىلار ، يازغۇچىلار ....يەنە بىر نىمىلەر مۇستافا كامالنى ياخشىلىقتا پەدازلىسۇن . تۈركىيەنىڭ كىيىنىكى ئەۋلاتلىرى چوقۇم بۇنىڭ سورىقىنى قىلىدۇ . بۇلار قىلمىسا ئاللاھ قىلىدۇ .
ئىككى گەپنىڭ بىرسى بولسا مۇستافا كامال تۈركىيەنى قۇتقازغان ،ئۇنى قىلغان بۇنى قىلغان دىيشى بار . مۇستافا كامال بولمىغان بولسىىمۇ تۈركىيە ھامان باشقا بىرسنىڭ سەۋەپ قىلشى بىلەن مۇستەقىل بولاتتى . خۇددى مۇستافا كامال بولمىغان بولسا تۈركىيە مەڭگۈ ئىشغالىيەت ئاستىدا قالدىغاندەك
.
مۇستافا كامال پەقەت بىر داڭلىق سىياسۇن ۋە ئۇرۇش قىلىشقا ماھىر ھەربى گىنىرال خالاس ،بىراق زادى مۇستافا كامال بولمىغان بولسا تۈركىيە ئۇنداق بولاتتى ، مۇنداق بولاتتى دىيىش ھىچبىر چويلىدا توختىمايدىغان سۆزلەردۇر .
ئەينى يىللىرى رەئىس ماۋزۇدۇڭ بولىغان بولسىمۇ جۇڭگۇ ھامان دىڭ
شېياۋپىڭ ياكى باشقا بىرسىنىڭ رەھبەرلىك قىلىش بىلەن ئازات بولاتتى . ھەممۇ دۆلىتىمىزنى ماۋزۇدۇڭ يالغۇزلا ئازات قىلمىغان ، ھەر خىل مىللەت ،ھەر خىل تىلدىكى ،ھەر خىل ئىقاتتىكى كىشىلەرنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىشى ئاستىدا ئازاتلىق ئىشقا ئاشقان .
مەتبۇئات . نەشىريات ئورۇنلىرى دەيدۇ ۋاي ئانداق كىشى ۋاي مۇنداق كىشى دەپ ....قۇياشنى ئىتەك بىلەن ياپقىلى بولمىغاندەك ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ نەتىجىسى ھامەن بىر كۈنى ئاشكارە بولىدۇ .
مۇستافا كامال توغۇرسىدا تىخمۇ ئوچۇق بولغان تەپسىلاتلارنى بىلمەكچى بولغان ئوقۇرمەنلەر . ئەلكۈيى مۇنبىردە مۇستافا كامال توغۇرسىدا يوللانغان تىمىغا چۈشكەن 70 بەتكە يىقىن ئىنكاسلاردىن بىلەلەيسىلەر .
.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzumtal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-5 11:26 AM