bugaltir يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 04:48 PM
‹‹ كۇچانىڭ سوپۇنى ياخشى ›› دەيدىغان بىر گەپ بولۇدىغا ...
بۇ گەپ ئېيتىلماققا ئاددىدەك قىلغان بىلەن پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى ، ئىشلىتىش ئۈنۈمى تولىمۇ جايىغا چۈشكەن ،مېغىزلىق پاراسەت ئاتالغۇسى ، چۇڭقۇر ئويلاپ باقىدىغان بولسىڭىز بىرخىل دۇنياۋى ئىجتىمائى مۇناسىۋەت فورمىسىنىمۇ ئىپادىلەپ بىرەلەيدۇ . سىز ئادىل مىجىتنىڭ بىر ئىپىزوتىدا كىشىنىڭ نەرسىسىدىن كۆڭلى سۇ ئىچكۈدەك قانائەت ھاسىل قىلالمىغاندىن كىيىن ، ئەقلىگە كىلىپ ئىشنىڭ يولىنى تاپقان چاغدا «يەنىلا كۇچانىڭ سوپۇنى ياخشى -ھە ! » دەپ ، ئىپىزوتنىڭ ئاساسى ئىدىۋى مەناسىنى تۈگەللەيدىغانلىقىنى ئاڭلىغان بولغىيدىڭىز ؟ بۈگۈنكىدەك مۇرەككەپ ، زىددىيەتلىك ، قالايمىقان ، تەرتىپسىز ، مەلۇم تەرەپلىرى ئادالەتسىز مۇھىتتا ، «خەقنىڭ سوپۇنى» غا قولىمىز يەتمەي قالسا يەنىلا «كۇچانىڭ سوپۇنى ياخشى » . سىز ئەقىللىق ئادەم ، گەپنىڭ تىگىگە يىتەلەيسىز .
ھە-راست ، كۇچانىڭ سوپۇنى راستىنلا ياخشى جۇمۇ ، كۇچاغا كەلگەنلەر بىرەر يىشىكلەپ ئەكەتمەي قالمايدۇ .