FIRDEWIS يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 08:24 AM
بۇ ئوخشىتىش پەقەت توغرا ئەمەس،ئايال كىشى ئۆينىڭ گۈل ...
ھاي..ھاي ،نەدىكى يوق گەپلەرنى قىلماڭە ئاداش . ئۆي تامىقى بىلەن ئاشخا تامىقىنىڭ ھەر قايسىنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق ئارتۇقچىلىرى ۋە كەمچىللىگى بولىدۇ .
نىمىشقا ئۆي تامىقىدىن ئاشخانا تامىقىنىڭ مىھرى ئىسىق دىيىسلە ، ئاشخانا تاماقلىرىنىمۇ ئۆي تامىقىغا ئىشلەتكەن ماتىرياللارنى ئىشلىتىپ ئىتىدۇ . شۇنداق تۇرۇپمۇ يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۆي تامىقىدىن ئاشخانا تامىقىنىڭ تەمى باشقىچە ياخشى دەپ قارىلىدۇ . بۇ كىچىكىنە پەرىق نەدە دىيىلسە ئاشخانا تاماقلىرنى ئېستىمال قىلىش جەيراندىكى خىرىدار مىھانغا قىلىنغان مۇلازىمەت ئۆي تاماقلىرىنى ئېستىمىمال قىلىش جەرياندىكى مۇلازىمەتتىن كۆپ ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن كىشلىك تۇرمۇشتا كۆنگەن يامانمۇ كۆيگەنمۇ دەپ ئاشخانا تاماقلىرىنىڭ مۇلازىمىتىگە كۆنۈپ قالغان كىشلەرگە نىسپەتەن ئۆي تاماقلىرى باشقىچە مىھرىسىز كۆرىنىدۇ .
بۇلارنىڭمۇ ئۆي تاماقلىرىغا ئامراق ۋاقىتلىرى بولىدۇ .يەنى يىنىدا پۇلى قالمىغاندا، ئاشخانا مۇلازىملىرى قىزغىن قارشى ئالمىغان ۋاقىتلاردا .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzumtal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-5 09:54 AM