salkindax يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 12:40 PM
سىلىنڭ قانداق شەھەردۇ ئۇ چۇخەينى مايلاپ كىيدىغان ...
دۆلىتىمىزدە ئۇدا نەچچە ئون يىل جۇڭگۇدىكى ئەڭ باي ، ئەڭ بەخىتلىك شەھەر دەپ نام ئالغان خافېي شەھرى دەپ ئاڭلىغانما قوزام ؟ مەن مۇشۇ قىممەت چىلىكتە ياشاۋاتىمە ئەينا ، ئاددىسى بۇ-يەردە تۈفېي دەپ يەرگە تۈكۈرۈپ قويسىڭىزمۇ پۇل ، سىلەر تەرەپتە تۈكۈرۈش تۈگۈل چوڭ تەرەت قىلىپ قويسىمۇ ھىچقىسى يوققۇ دەيمەن ...
ئىشقىلىپ ھاۋادىن باشقا ھەممىنى پۇلغا سېتىۋالىمىىز ، ھە راس ئاپ تاپ بىلەن يامغۇر مۇت ھە ....
بىر قانچە مىسال دەپ بىرەي : ئادەتتىكىدەك چاچ يۇدۇرساق سەكسەن سوم . يۇرتتا يىگىرمە سومغۇ دەيمەن ؟
ئادىشىم ئىككىمىز تاماقنى تولىسى ئۆيدە ئىتىپ يەيمىز ، ئىككىمىزنىڭ بىر ۋاق تامىقى ئەڭ ئەرزان دىگەندە ھە ، بىر يۈز سەكسەن سوم ئەتىراپىدا پىشىدۇ . ئولتۇرغان ئۆيىمىزنىڭ ئايلىق ئىجارىسى ئونمىڭ سەككىز يۈز سوم ، توك پۇلى ، سۇ پۇلى ، گاز پۇلى .... دىگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا ، دەپ كەلسەم تاتلىق گەپلىرىم بەك جىق يىگىت ، ئەڭ ياخشىسى قىممەت چىلىككە ئۆگۈنۈپ قالماڭ !
ھە راس بۇ-يەردە ئاياغ مايلىمايدۇ ، ئەگەر مايلاشقا توغۇر كەپ قالسا مايلاپ ئولتۇرماي باشقا ئاياغ ئالىمىز ، چۈنكى بۇ يەردە مايلامچى يوق دىيەرلىك ، بىر ئاياغنى بىر يىل كەيسىمۇ خۇددى كەيگىلى بىرە سائەت بولغاندەكلا ئاياغنىڭ شولىسى شۇنداق شوخ ھەم چىرايلىق پاقىراپ تۇردۇ .