baytura يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 06:12 PM
مائارىپتىن ئاغرىنىشتىن ئاۋال ،مەن نىمە قىلدىم ؟مەن نى ...
توغرا گەپ. ئالىي مەكتەپ مائارىپى ئەركىن مائارىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزگە پەقەت ئۆگىنىش سەھنىسىلا ھازىرلاپ بېرىدۇ، ئۆگىنىش، ئۆگەنمەسلىك ئۆزىمىزنىڭ ئىشى. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئارىسىدا (ئۇيغۇرنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كېچە كۈندۈز ئۆگىنىۋاتقان، كىتابىي بىلىم بىلەنلا قانائەتلەنمەي تېرىشىپ ئىزدىنىۋاتقانلار ئىنتايىن كۆپ. ئاتاقلىق دوكتۇرلىرىمىز، تەتقىقاتچىلىرىمىز قانداقتۇ تېمىدا دىيىلگەنلەرگە ئوخشاش ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىۋەتمىدى، ئۇلارمۇ بىز ئوقۇغان ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان، سىياسىي تۈزۈلمە ئوخشاش ئىدى، مەكتەپ كۈتۈپخانىلىرى، تەجرىبىخانىلىرى يەنە شۇ جايىدا(بەزىلەر ئوقۇغان ۋاقىتتىكى شارائىت ھازىرقىدىن ناچار ئىكەنلىكىنى ھەممە ئېتىراپ قىلىدۇ) . ئەجىبا ئۇلار شۇنداق ئىجتىھات قىپتىغۇ؟
مېنىڭ تاغام شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىنىڭ ئاخبارات كەسپىدە ئوقۇغان، ياخشى نەتىجە بىلەن ئوقۇغان، ھازىر تىرىشچانلىقى بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئامرىكىدا بېقىۋاتىدۇ.
بىر قوشنام بولىدىغان، ئۇ قىزمۇ تېرىشچان ئىدى، ياپونىيەگە ئوقۇشقا چىقىپ كەتكىلى 8 يىل بولدى....
بۇ، ئاددى مىساللار. ئۇنىڭدىن كۆپ مىساللار بار. بىربىرلەپ ساناشنىڭ ھاجىتى يوق.
مائارىپ تۈزۈلمىسىدە ئاز تولا مەسىلە ساقلانغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم، لېكىن، بار گۇناھنى شۇنىڭغا ئارتىپ قويۇپلا، ئالىي مەكتەپتە ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك ھېچنىمە يۇقماي قايتىپ كەلگەنلىكىمىزنى يېپىشقا ئۇرۇنۇشىمىز نادانلىقتىنلا ئىبارەت.
ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگەنلىرىمىز دەمال جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشالماسلىقى مۇمكىن. لېكىن، بۇنىڭلىق بىلەن ئالىي مەكتەپنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتى ئىكەنلىكىدەك ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ.