ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
شاھدىيار تورى يېڭى نەشىرى ئېلان قىلىندى.
<<شاھدىيار تورى>> كومپيۇتېر، يۇمشاق دېتال ۋە تېخنىكىنى ئاساسىي نىشان قىلغان تور بېكەت بولۇپ، ھەر خىل ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار، زامانىم ئەپ بازىرى، تېخنىكىلىق ماتېرىياللار، ھەر خىل پىروگرامما لايىھىلەش تېخنىكىلىرى ... قاتارلىقلارنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان كەسپىي كومپيۇتېر تېخنىكا تور بېكىتى.
شاھدىيار تورى (شاھدىيارسوفت) نىڭ ئىلگىرىكى تور بېكىتىدە پەقەت ئۆزىمىزنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىلا بار بولۇپ، مەزمۇن جەھەتتىن چەكلىمىگە ئۇچىراپ قالغان. يەنە، يۇمشاق دېتاللارغا قارىتا باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ كۆز - قاراشلىرىنى، تەكلىپ - پىكىرلىرىنى يېزىشقىمۇ بولمايىتتى. ئۆزىمىز چىقىرىپ قويغان ماتېرىياللارنىلا كۆرۈش بىلەن چەكلىنىدىغان بولۇپ، تور بېكىتىمىزنىڭ يېڭى نەشىرىنى ئىشلەشنى پىلانغا كىرگۈزگەن ئىدۇق.
شۇنداق قىلىپ <<شاھدىيارسوفت تورى>> نىڭ يېڭى نەشىرىمۇ پۈتۈپ تاماملاندى.
بۇ نەشىرىدە <<شاھدىيارسوفت>> يۇمشاق دېتاللىرىدىن باشقا يەنە زامانىم ئەپ بازىرى مەخسۇس سەھىپىسىمۇ تەسىس قىلىندى.
يەنە، ھەر خىل پىروگرامما تىللىرىدىن پىروگرامما كودىنىمۇ تەمىنلەشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، پىروگرامما ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ياكى پىروگرامما بەزى تېخنىكىلىق مەسىلىلەرگە يولۇققانلار ئۈچۈن ھەر خىل پىروگرامما تىللىرىدىن ھەر خىل مەزمۇنلار بويىچە پىروگرامما كودىنىمۇ چىقىرىپ تۇرىمىز. شۇنداقلا يېڭىدىن پىروگرامما ئۆگىنىۋاتقانلار ئۈچۈن ھەر خىل تۈردىكى يۇمشاق دېتاللارنى ياساش دەرسلىكىمۇ رەسىملىك تېما شەكلىدە داۋاملىق يوللىنىدۇ.
تور بېكىتىمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلارنىڭ ئاستىغا تورداشلار ئەزا بولمايلا بىۋاستە ئىنكاس يوللىغىلى بولىدىغان بولۇپ، مەزمۇنغا قارىتا ئويلىغانلىرىڭىزنى ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ (تور بېكىتىمىزدە ئىنكاس يوللىغۇچىلار چوقۇم مۇنبەردىكى ئەزالىق نامىغا ئوخشاش مۇقىم بىر ئىسىم قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ ئىنكاسقا قارىتا جاۋاب بېرىش ۋە بەزى مەسىلىلەر ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن پايدىلىق. مەسىلەن: مەن <<شاھدىيارسوفت>> نامىنى قوللىنىمەن).
سۆز قالدۇرۇش ئورنىدىن ياردەم سورىماقچى بولسىڭىز، تەكلىپ - پىكىر ۋە باشقا دەيدىغانلىرىڭىز بولسا سۆز قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.
تەپسىلاتىنى تور بېكىتىمىزگە كىرىپ كۆرۈپ باققايسىز.
شاھدىيارسوفت تورىنىڭ يېڭى نەشىرىنىڭ ئادېرىسى:
www.shahdiyar.com
تور بېكىتىمىزگە قارىتا تەكلىپ - پىكىرلەر بولسا
http://www.shahdiyar.com/Soz_Qaldurung.asa بۇ يەرگە قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.
شاھدىيارسوفت يۇمشاق دېتال تەتقىقات، ئىجادىيەت گۇرۇپپىسى
Shahdiyarsoft Software Research, Invent Group