tapalmidim يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 12:26 PM
ئەلۋەتتە چىن سۆيگۈگە يولۇققاندا ئەستايىدىل مۇئاملە ق ...
شۇ چىن سۆيگۈگە يولۇققاندا، بارلىغىنى ئاتاش بىلەن بىرگە، شۇ ئۆزىدە چىن مۇھەببەت ھىسسىياتى قوزغالغانلىقى ئۈچۈن، بىرسىنى چىن يۈرىكىدىن سۆيەلىگەنلىكى ئۈچۈن، خوش بولۇش كېرەك، چۈنكى بۇنداق چىن يۈرەكتىن چىققان سۆيگۈنى ئادەم بېشىدىن پەقەت بىرلا قېتىم ئۆتكۈزىدۇ، دەپ ئاڭلىغان، شۇڭا مەن باشتىكى ئىنكاسىمنى ئۆزىدە چىن سۆيگۈ تۇيغۇسى بوللالىغانلارغا قارىتا يازدىم، چۈنكى ھەركىم ئۆزىدە چىن سۆيگۈ ھىسسىيات بولغان بولمىغانلىقىنى ئۆزى ئېنىق بىلەلەيدۇ، قارشى تەرەپمۇ چىن يۈرەك ئىگىسى بولۇپ سېزەلىسە، ھەقىقى ئاشىق-مەشۇقلار بولغىنى دىگەن گەپ، ئەمەلگە ئېشىشى شۇ ئىككىيلەننىڭ تاللىغان يولىغا باغلىق.
چىن سۆيگۈنى چۈشەنمەيدىغانلارغا سىز ئۆلۈپ بەرسىڭىزمۇ بەرىبىر، شۇڭا مەن بۇ يەردە ئۆزىدە چىن سۆيگۈ بولغانلارغا قارىتا يازدىم، ۋە بۇنى سەزگەندە قەدىرلەش كېرەك دىدىم.
بىر ئادەمدە چىن سۆيگۈ ھىسسىياتى بولغاندا، قارشى تەرەپنىڭمۇ شۇ زامان شۇ ھىس تۇيغۇ بولۇشى ناتايىن، بۇنى بىرلا تەرەپ ياخشى كۆرۈپ قېلىش دەيمىز، يەنە بەزەنلەر مۇھەببەتنى ئويۇن قاتارىدا كۆرىدۇ، مانا مۇشۇنداقلارغا سىز تېمىڭىزدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك ئەقىل كۆزىدە قارىسا بولىدۇ دەپ قارايمەن،
لېكىن چىن يۈرەكتىن بولىدىغان ياخشى كۆرۈشكە شەرت قويۇۋېلىش بۇ مۈمكىن بولمايدىغان ئىش.