«ئالاھىدە پەتنۇس»
(ھېكايە)
ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر
- قاسىم ئاخۇن، شەنبە كۈنىدىكى چېللاقنى ئۇنتۇپ قالمىغانلا؟
- ياق، ئۇنتۇمىدىم.
- ئەمىسە، مۆرىمەي يۈرىلىغۇ؟
- قانداق قىلسام بولاتتى، قويلارنى قوتانغا سولاپ قويدۇم. گۈرۈچ، سەۋزىلەرنى ئەكىلىپ قويدۇم. قالغىنىنى ئۆزلىرى ئەھۋالغا قاراپ بىر ئىش قىلماملا؟
- مەن چىللاقتا ئېتىدىغان ئاشنىڭ خۇرۇچىنى دەۋاتمايمەن، مېھمانلارغا تىزىدىغان پەتنۇسنى قانداق قىلىمىز دەۋاتىمەن.
- پەتنۇسنى ئەل قاتارى قىلىۋەرمەملا، بۇ ئايال خەقنىڭ ئىشىغۇ...
زەينەپخان ئېرىنىڭ بىپەرۋالىقىغا قاراپ چېچىلىشقا باشلىدى:
- ئەل قاتارى قىلىمىشمەن تېخى، قۇدىلىرىمىز سابىر ھاجىم، ياقۇت خېنىملار ئادەتتىكى ئادەملەرما؟ قول-ئىلكىدە بار، ئابرويلۇق مۇنداق قۇدىلارنى چىللىغاندا، ئادەتتىكى پەتنۇس ئەمەس، ئالاھىدە پەتنۇس راسلايمىز.
- ئالاھىدە پەتنۇس؟
- شۇنداق، ئالاھىدە پەتنۇس.
- ئالاھىدە پەتنۇس دېگەنلىرى قانداق؟
- ھازىرغىچە ھېچكىم راسلاپ باقمىغان پەتنۇس. مەسىلەن، خەق تىزمىغان نەرسىلەرنى تىزىمىز، قويمىغان نەرسىلەرنى قويىمىز.
- قېنى، ئېيتىپ باقسىلا، نېمىلەرنى تىزاي دەۋاتىلا؟
- ئىككى كۈندىن بېرى ئۇيان ئويلاپ-بۇيان ئويلاپ پەتنۇسقا تىزىدىغان يېمەكلىك، تاتلىق-تۇرۇم ۋە باشقا نەرسىلەرنى تىزىملاپ چىقتىم. قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاپ تۇرسىلا.
- قېنى ئوقۇسىلا، قۇلىقىم سىلىدە.
- قىممەت باھالىق ھەسەلدىن بىر قۇتا (250گىرام)، ئارمان قۇۋۋەت تالقىنىدىن بىر خالتا، ئىخلاس فېرىمادىن بىر خالتا، قەنت، ئالفىننا، پەشمەت، باقالى، بال پىرەنىك، ئېرىس كەمپۈت، بولكا قاتارلىق يېمەكلىك ۋە تاتلىق-تۇرۇملارنى تىزىپ ئۈستىگە بىردىن ئاياللانىڭ ئېسىل شارپىسىنى قويىمىز.
- شۇنچە كۆپ نەرسە پەتنۇسقا قانداق سىغىدۇ؟
- سىغدۇرىمىز، پەتنۇسنىڭ يوغىنىنى تاپىمىز، مېۋە-چېۋىلەرنى كىچىك تەخسىلەرگە تىزىمىز. بۇنىڭ بىلەن سىلىنىڭ كارىلىرى بولمىسۇن.
- بەك چەكتىن ئاشۇرۇۋەتتىڭلىغۇ دەيمەن، خەق نېمە دەپ قالىدۇ؟
- خەق بىلەن نېمە كارىم، سىلى ماڭا بانكىدىكى پۇلنى ئەكىرىپ بەرسىلىلا بولدى.
- قانچە پەتنۇس راسلاي دەۋاتىدىلا؟
-توپتوغرا 40 پەتنۇس، يىگىت تەرەپتىن كېلىدىغان ئاياللار 30، قولۇم-قوشنىلار بىلەن تۇغقانلار10، جەمئىي 40 پەتنۇس راسلايمىز. تولا ئەزمىلىك قىلماي قوپسىلا، پۇلنى ئەكىرسىلە. مەن دېگەندەك بولسۇن، قىلىدىغان ئىشلىرىم
چېچىمدىن تولا مېنڭ،ھە ماڭسىلا...
قاسىم ئاخۇن ئەمدى گەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ھېس قىلدى-دە، ئورنىدىن تۇرۇپ بانكىغا ماڭدى. مەھەللە دوقمۇشىدىكى مېۋە-چېۋە دۇكىنى قاسىم ئاخۇننىڭ ئىدى. ئۇنىڭ مېۋىلىرى سەر خىل بولغاچقا، سودىسى ھەر ھالدا يامان ئەمەس ئىدى. قىزى مېھرىبان ماگىزىندا ئىشلەيتتى، ئائىلە ئىقتىسادى ئانچە باياشات بولمىسىمۇ، يامان دېگىلى بولمايتتى. لېكىن زەينەپخان ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشمەيدىغان، داغۋاز، ئابرويپەرەس خوتۇن ئىدى. ئۇ يۇرتتىكى باشلىقلارنىڭ، باي ۋە مۆتىۋەر زاتلارنىڭ خوتۇنلىرى بىلەن قويۇق ئارىلىشاتتى. ئۇ تولا دەككە بېرىۋېرىپ، قاسىم ئاخۇننىمۇ ئىزىدىن چىقماس قىلىۋالغانىدى. شۇڭا قاسىم ئاخۇننى مەھەللىدىكىلەر «پاختەك» دەپمۇ قويۇشاتتى.
- بۇ قېتىم تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ مەھەللىدىكى چوڭ باي سابىر ھاجىم زەينەپخاننىڭ قىزىغا ئەلچى كىرگۈزگەندە، ئۇنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى. سابىر ھاجىمنىڭ ئوغلى ئىچكى ئۆلكىلەردە ۋە چەت ئەللەردە سودا قىلاتتى، كۈيئوغۇلمۇ زەينەپخاننىڭ ئويلىغان يېرىدىن چىققانىدى. ھەر ئىككى تەرەپتە ئۆتكۈزۈلگەن توي ناھايىتى ھەشەمەتلىك، داغدۇغىلىق بولدى. مۇشۇ شەنبە كۈنى قىز تەرەپ ئوغۇل تەرەپنى ئۆيگە چىللىماقچى بولۇۋاتاتتى.
چىللاققا كەلگەن ئاياللار ئالدىدىكى پەتنۇسقا قاراپ ھەيران قېلىشتى. پەتنۇستىكى يېمەك-ئىچمەكلەر، تاتلىق-تۇرۇملار كۆزنىڭ يېغىنى يەيتتى. يېمەكلىكلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان ئېسىل شارپا ئاياللارنىڭ كۆزلىرىنى چاقنىتىۋەتتى. ئاياللار بىر-بىرىنى نوقۇشۇپ پەس ئاۋاز بىلەن كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى قىلىشاتتى:
- زەينەپخان ئېسىل يەر بىلەن قۇدىلاشقاچقا، پەتنۇسنىمۇ قالتىس راسلاپتۇ-دە...
- ئانچە باي بولمىسىمۇ سېخىي، قولى ئوچۇق ئايال-دە...
- بولسا قىلغانغا يېتەمدۇ؟
- ئۆزىنى بىر كۆرسىتىۋاپتۇ-دە، مۇشۇنىڭ بىلەن ئابرويى تېخىمۇ ئۆسىدىغان بولدى.
- بارىدا پولدۇرۇڭ-پولدۇرۇڭ، يوقىدا قاراپ ئولتۇرۇڭ، دېگەن شۇ... بىر پەتنۇسقا قانچە پۇل كەتكەندۇ؟
- ئاز بولغاندا 300 يۈەن خەجلىگەندۇ.
- مەن ئىنچىكە ھېسابلاپ باقتىم، - دېدى مەھەللىدىكى مال ساتقۇچى ئايال، - تاتلىق-تۇرۇم، يېمەكلىكلەرگە 150 يۈەن، شارپىغا 100 يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلەپتۇ.
- ئۇنداق بولغاندا 40 پەتنۇسقا 10 مىڭ يۈەن خەجلەپتۇ-دە.
- بىر پەتنۇسقا 50 يۈەندىن بولغاندا، 40 پەتنۇسقا 2000 يۈەن يېتەتتى.
- قالغان 8000 يۈەننى يېتىم-يېسىرلارغا، ئىقتىسادتىن قىينىلىپ ئوقۇشسىز قالغان بالىلارغا ياردەم قىلسىچۇ؟!
- شۇنداق قىلغان بولسا خەق زەينەپخاننى بېشىدا كۆتۈرمەمتى.
- ساۋابنىڭ چوڭىنى ئالاتتى دېسىلە...
- مۇشۇنداق ھەشەمەتچىلىك، داغۋازلىق قاچانمۇ تۈگەر؟
چېللاققا كەلگەن ئاق-قارىنى ئايرىيالايدىغان ئاقكۆڭۈل ئاياللار زەينەپخان راسلىغان بۇ «ئالاھىدە پەتنۇس» مەھەللىدە دورامچىلىق، ھەشەمەتچىلىكنىڭ يامراپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇپ قالىدۇ دەپ ئەنسىرىشەتتى. چۈنكى«ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بولىدۇ»دە... ئاياللار ئادەت بويىچە يوغان پەتنۇسنىڭ ئاستىدىكى يوغان سۇلياۋ خالتىغا پەتنۇستىكى تاتلىق-تۇرۇملارنى، ئېسىل شارپىنى ۋە تەخسىدىكى مېۋە-چېۋىلەرنى سېلىپ ئېلىپ كېتىشتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئوغۇل تەرەپمۇ «ئالاھىدە پەتنۇس» راسلاپ زەينەپخاندىن ئاشۇرۇۋېتىپتۇ. «ئالاھىدە پەتنۇس»ھەققىدىكى سۆز–چۆچەكلەر ئېغىزدىن-ئېغىزغا تاراپ ھەشەمەتچىلىكنى تەنقىد قىلىدىغان يۇمۇرغا ئايلىنىپ قاپتۇ.
مەنبە:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى ،2012-9-27 سان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dartman119 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-6 02:35 PM