خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار
23-نويابىر،سەيشەنبە،ھاۋا تۇتۇق.
بېيجىڭنىڭ سوغۇق شاماللىق كۈنلىرى باشلاندى.ھەممە يەرنى ھەريان ئۇچۇپ يۈرگەن سارغايغان غازاڭلار قاپلىدى.ئوقۇشۇم بىر ئىزدا كېتىۋاتىدۇ.ئەتراپىمدىكى ئوقۇش موھېتىغا دېققەت قىلغانچە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنى سېلىشتۇرىدىغان بولۇپ قالدىم.ئۇلارنىڭ پەرقى،ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكلىرى،ئۈگىنىدىغان تەرەپلىرىنى ئۆزەمچە يەكۈنلەپ چىقتىم.
خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار كىچىكىدىن باشلاپ مۇنتىزىم، سىستېمىلىق،ئەتراپلىق،قاتتىق سۆڭەكلىك بىلەن ئۈگىنىش ئادىتىنى،قاتتىق تۈزۈم ئىچىدە ياشاش ئېرادىسىنى يېتىلدۈرگەن.كۆپ قىسىملىرى ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى،دەرىستىن سىرتقى كۇرۇس،كۈچەيتمە تەكرار سىنىپلىرى،كومپىيۇتىر قاتارلىق ۋاستىلەرنىڭ ئىمكانىيىتىدە پۇختا ئۈگىنىش ئاساسىغا ئىگە بولغاچقا،دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرىشى ياخشى،تەبىئىي پەن ئاساسى پۇختا كېلىدىكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە،ئۆز ئانا تىلى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇيدىغان بولغاچقا،ئالىي مەكتەپتە ئانچە قېينىلىپ كەتمەيلا دەرسلەرنى ئېلىپ كېتىدىكەن.
خەنزۇ ئوقوغۇچىلار ئىنتايىن ئىرادىلىك، ۋاقىت قارىشى كۈچلۈك بولۇپ،قىلچە بوشىشىپ قالماي،كېچە-كۈندۈز ئۈگىنىدىكەن.ئەتتىگەن سائەت بەشتىن تارتىپ،كېچە سائەت بىرلەرگىچە مەكتەپلەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە جىددى ئۈگىنىش قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرگىلى بولىدىكەن.مەيلى تاماق يەۋاتقان بولسۇن،ئاپتۇبوستا كېتىۋاتقان بولسۇن قولىدىن كىتاب، ماتېرىيال چۈشمەيدېكەن.ۋاقىتنى ئىنتايىن قەدىرلەيدىكەن.
خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى ئاڭلىق، ئىنتىزامچان بولۇپ، مەدەنىيەتلىككە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىكەن.مەكتەپنىڭ قائىدە تۈزۈملىرىگە،جامائەت ئەخلاقىغا، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە قاتتىق رىئايە قىلىدىكەن.ھاراق شاراپ ئىچىدىغان،ۋارقىراپ-جاقىرايدىغان،جىدەل چىقىرىدىغان ئىشلارنى ئاساسەن سادىر قىلمايدىكەن.جىمچىت ھالدا ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇپ،ئارتۇقچە ئىشلارغا ئارلاشمايدىكەن.
نەزەر دائىرىسى كەڭ، بىلىم قۇرۇلمىسى پۇختا ، ئەتراپلىق ئىكەن.ئۇلارنىڭ گېزىت ژورنال،ئىنتىرنىت تورى،ھەرخىل ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرگە داۋاملىق قاتنىشىپ تۇرغاچقا،ئىجتىمائىي بىلىمى، جەمىيەت بىلىمى بىرقەدەر ئەتراپلىق ئىكەن.دۇنيا ۋەزىيىتى،دۆلەت ئەھۋالى ،ھەرخىل ئىقتىسادى،ئىجدىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە ئىكەن،ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزەلەيدىكەن.
مەن ئۇلاردا مۇنداق كەمچىلىكلەرنى ھىس قىلدىم:ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يالغۇز پەرزەنت،ئائىلىدە ئەتىۋارلىنىپ چوڭ بولغان بولغاچقا،جاپاغا چىداش ئىرادىسى،سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئاجىز،ئەركە،ئۆزۈمچىل،شەخسىيەتچى،ھەققانىيەت تۇيغۇسى كەمچىل كېلىدىكەن.ئۇلار ئۆزىگىلا پۇختا ئىكەنكى، كوللىكتىپنىڭ،ئەتراپتىكى موھىتنىڭ نىمە بولىۋتقانلىقىغا ئانچە پەرۋا قىلمايدىكەن.يېنىدا ئىككى ئادەم ئۇرىشىۋاتسا ،پەرۋاسىز تۇرۇپ تاماشا كۆرىدىكەن.بىر ئادەم ھادىسىگە،قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا<<ئۆزۈمگە ئاۋارچىلىق تېپىۋالماي>>دەپ كۆرمەسكە سالىدىكەن.
خەنزۇ ئوقۇغۇچىلاردا يۇرت،قېرىنداشلىق مۇھەببىتى،ئەنئەنە ئۆرۈپ ئادەت،ئەدەپ-ئەخلاق قارىشى قاتارلىقلار ناھايىتى سۇس ئىكەن. بېيجىڭ ئونۋىرسىتىتىدا ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچى خەنزۇ ياتاقداشلىرى ھەققىدە مۇنۇلارنى سۆزلەپ بەردى:<<ماڭا ئاتا-ئانامدىن ،ئائىلەمدىن تېلىفۇن كەلسە،ئىنتايىن خوشال بولۇپ ، ئۇلار بىلەن قانماي مۇڭدېشىپ كېتىمەن.خەنزۇ ساۋاقداشلىرىم بولسا ، ئائىلىسىدىكىلەردىن تېلېفۇن كەلسە سوغۇقلا مۇئامىلە قىلىدۇ.<پۇل ئەۋەتمېدىڭلار> دەپ دوق قىلىدۇ.ھەتتا بەزىلىرى <ئادەمنى ئاۋارە قىلىپ تېلېفۇن ئۇرىۋېرىدېكەنسىلەر > دەپ ئاچچىقلىنىدۇ. بىر كۈنى بىر ياتاقدېشىم تېلېفۇندا سۆزلېشىپ بولۇپلا ، مىشىلداپ يىغلاپ كەتتى. مەن ئائىلىسىدە بىرەر ئىش بولغان ئوخشايدۇ دەپ سورىسام،ئۇنىڭ ئۆيىدىكى ئامراق مۆشىكى ئۆلۈپ قاپتۇ.ئەسلىدە شۇنىڭغا يىغلىغانىكەن! ئادەمنى ئەڭ ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى ئۇلار ئوغۇل دوسلىرىنى قىلچە ھېيىقماستىن ياتاققا ئېلىپ كىرىپ،بىللە قونىۋىرىدۇ.كۆپىنچە قىز ئوقۇغۇچىلار تاماكا چېكىدۇ،ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئوغۇل دوستى بار.>>
مەن يەنە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەت ئەلگە پۇتۈن نىيىتى بىلەن ئىنتىلىدىغانلىقىنى،پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن چەت ئەلگە چىقىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم.ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بىلىم ئىگەللەشنى مەقسەت قىلسىمۇ، بىر قىسىملىرى شۇ يەردە قېلىپ ياخشى شارائىتقا ئېرىشىشنى ئويلايدىكەن.
ئاپتۇر بۇ كۈندىلىك خاتىرىنى يازغىلى ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى. بىزنىڭ مىللىتىمىز بۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىۋاتامدۇ ياكى كەمچىلىكلىرىنى قوبول قېلىۋاتامدۇ دېگەننى ئويلاپ باقساق بولىدۇ.
خوش،ئەمدى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارچۇ؟ ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەقىللىق ، زېھنى ئۆتكۈر، كاللىسى ئوچۇق،چېچەنلىكى بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپتۇ.ئۇلار ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئانا تىلىدا ئوقۇغان بولسىمۇ، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن خەنززۇ تىلىدىكى دەرىسلەرنى تەڭ ئۆزلەشتۈرۈپ ماڭىدىكەن، ھەتتا بەزىلىرى سىنىپتا ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ قالىدىكەن.ئىنگىلىز تىلىنىمۇ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئۆگىنىپ بولىدىكەن.بۇ تەرىپىگە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارمۇ قايىل ئىكەن.
ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ شارائىتقا ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك،ئاكتىپ،جۇشقۇن،كۆڭلى كۆكسى كەڭ ئىكەن.خېلى ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى ، ئىقتىسادى بىسىملارنى ۋايسىماي يېڭىپ كېتىدىكەن.ھەرخىل پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتتىشىدىكەن.سودا،مۇستەقىل ئېگىلىك تىكلەش ئېڭى گەۋدىلىك بولۇپ،ئازراق تىل ئۈگىنىۋالسىلا ھەرخىل كۇرۇسلارنى ئېچىپ ياكى دەرىستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئاشخانىلارغا ياردەملىشىش دېگەندەك ئىشلارنى قىلىپ ئىقتىسادىنى كاپالەتكە ئېگە قىلىدىكەن.
بىر-بىرىگە مىھرىبان، ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇپ،باشقىلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ، تەشەپبۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىدىكەن.يۇرت،قېرىنداشلىق مۇھەببىتى چوڭقۇر ئىكەن.
ئەدەبىيات-سەنئەت، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىكى تەبىئي تالانتى بىلەن ئۆزلىرىنى تونۇشقا ماھىر ئىكەن.
خوش، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى ھاراق ئىچىپ جىدەل چىقىرىدىغان،ھورۇن،يېرىم يولدا بەل قويىۋىتىدىغان،شارائىتتىن چوڭ ئۈمىد كۈتىدىغان تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدىكەن.بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئالىى مەكتەپكە يېڭى كەلگەندە ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ئۈگىنىدىكەنىيۇ،خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا يېتىشەلمەي قالسىلا،<<بولدىلا،مەن بەرىبىر ئۇلار بىلەن تەڭ بولالمايدىكەنمەن>> دەپ ئۆزىنى تاشلىۋىتىدىكەن.ئۆزلىرىنىڭ باشقىلارغا تەغدىم قىلغىنى بىلەن ھېساپلاشمايدىكەنىيۇ،ھە دەپ ھۆكۈمەتنىڭ مەكتەپنىڭ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىگە بەرمىگىنىدىن نارازى بولىدىكەن.بىر ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلىنىشنىڭ ئورنىغا ،يوق نەرسىلەرنى تەما قىلىدىكەن.<<مەكتەپ كۆڭۈل بۆلمەيدۇ،مۇئەللىمنىڭ كارى يوق،دەرس بەك ئېغىر،تۈزۈملەر بەك بوش>>دېگەندەك يوقىلاڭ باھانىلەرگە يۈكلەپ،ئۆزىنىڭ ئارقىدا قالغانلىقىنى مەلۇم ئاساسقا ئېگە قىلماڭچى بولىدىكەن.بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى ھورۇن بولۇپ،چۈشكىچە دەرسكە چىقماي ئۇخلايدىكەن، دەرس ئۈگىنىش تېخى خوش ياقمايدىكەن.كېچىلەپ ھاراق ئىچىپ ياتمايدىكەن.
ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرخىل قائىدە يۇسۇن ئارتۇق ئىشلىرى تولا بولۇپ، يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقتىنى سەرپ قىلىۋىتىدىكەن.
ئۈگىنىش جەھەتتە ئىجدىمائىي پەنلەردە ياخشى،تەبىئىي پەن ئاساسى ئاجىز،ئىزچىل تۈردە بېسىپ ئولتۇرۇپ ئۈگىنىش ئادىتى يېتىلمىگەن.كىتابى بىلىمى مول،جەمئىيەت بىلىمى ئاجىز ئىكەن.
ئۆمەرجان سىدىقنىڭ <<بەرگەن ۋەدىمىز ۋەدە>> دېگەن كىتابىدىن ئۈزۈندە...( فىليەتۇن ۋە ئەدەبىي خاتىرىلەر)