جۈدەپ كەتتىم دەردىڭدە قىزچاق،
سەۋدا قۇشتەك ئارامسىز يېتىپ.
ناخشا ئېيتىم سېغىنىپ تۈندە،
تەپتى ئوتلۇق قوشاققا قېتىپ.
جۈدەپ كەتتىم دەردىڭدە قىزغاق،
جانغا دوزاق ئازابى كۆچۈپ.
مۇزدەك تۇيغۇ ئۆرلىدى كۆككە،
شېرىن ۋىسال يۇلتۇزى ئۆچۈپ.
جۈدەپ كەتتىم دەردىڭدە قىزچاق،
ئەزىز تەننىڭ ماغدۇرى قېچىپ.
سايە تاشلاپ تۇرىدۇ ئەجەل،
نۇردەك ئۆلۈم قوينىنى ئېچىپ.
جۈدەپ كەتتىم دەردىڭدە قىزچاق،
بارخان باسقان قاخشالدەك قۇرۇپ.
نالە قىلىپ تەڭرىگە سەھەر،
ياشاپ روھسىز پەرىشان تۇرۇپ.
جۈدەپ كەتتىم دەردىڭدە قىزچاق،
نامسىز ئاغرىق يۈرەككە ئۆتۈپ.
سۆيگۈ پەسلى ئۇزىدى ناخۇش،
دىلغا ھىجران داستانى پۈتۈپ.
مەنبە: مەن شۇ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-7 02:20 PM