|
|
|
|
بۇ قەشقەر شەھىرىنىڭ ئايرۇپىلاندا تارتقان ئومۇمى كۆرۈنىشى ئىكەن .
بۇ قەشقەر ھېيتگاھ كىنوخانىسى بۇ كىنوخانا ھەممىگە تونۇش .
يۇمۇلاقشەھەر خارابىيلىكى . بۇ يەر ھازىرمۇ بار بولۇپ ۋىلايەتلىك ج خ باشقارمىسى ھويلىسى .
شەرقىي كۆل باغچىسىنىڭ ئومۇمى كۆرنىشى . ئەينى ۋاقىتتىكى 3 د لىق كۆرنۈش سۈپىتىدە كەڭ تارتىلغان
تۆمەن دەرياسى رەسىمدىكى بىنا ۋىلايەتلىك 1 - خەلىق دوختۇرخانىسى
يۇمۇلاقشەھەر سىپىلى دەرۋازىسى
ئەنجان رەستە كوچىسى ھازىرقى ئوردا مىھمانخانىسى ، زەرگەر بازىرى دىگەنلەرنىڭ ئورنى
ھىيتگاھ جامەسىنىڭ گۈللۈكتى سائەت مۇنارى بىلەن تارتىلغان كۆرنىشى .
مانا بۇ ھەقىقىي كونا رەسىم . بۇرۇنقى ئىسمىي ماي كۇلۇب 1 - ماي تىياتىر خانىسى قارشى تەرەپتىكى بولسا ، ھازىرقى سودا سانائەت بانكىسىنىڭ ئورنى يول بولسا ، ھىيىتگاھقا باردىغان يول
گۈزەل ھىيتگاھ جامەسى. گۈللۈك ۋە سائەت بىلەن تىخىمۇ قىممىتى ئاشقۇسى .
خەلىق مەيدانى
ماي كۇلۇپنىڭ خەلىق مەيدانى تەرەپتە تۇرۇپ تارتقان كۆرنىشى
ھىيتگاھ كىنوخانا ئالدىدىكى كەچلىك بازار مەن شۇ يەردە مال سىتىپ چوڭ بولغان .
ھىيىتگاھنىڭ ھازىرقى كۆرنىشى ھىيىت نامىزى
يارۋاغ چۆرگىلمەچ . قەشقەرگە يارشىملىق بىردىن- بىر قۇرلۇش
مانا ئالدىدا ياڭيۇ ، نۇقۇت ، پۇرچاق سىتىۋاتقان كۆرنۇش . قەشقەر شەھەرلىك باللارنىڭ ئىسىدە بار بۇ چاغلار
قەشقەر پوچتا ئىشلىرى ئىدارىسى
قاسقان بازىرى كوچامنىڭ ئاغزى
سۈت قايماق كوچىسى ئارقا ئوردا كىرىش ئىغىزى
قەشقەرنىڭ قەدىمىي يەرلىرى ئۆزگەرگەن بىلەن يەنىلا ئەخلاقلىق ، مەرىپەتپەرۋەر ، ئاقكۆڭۈل ، ئەمگەگچان مىللىي پۇراققا باي بولغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمىيلىكى تىخى بار . قەدىمىيلىكىمىز يەنىلا قەلبىمىزدە، تەربىيەمىزدە ، ئۆيىمىزدە مەۋجۇد بولۇپ تۇرغۇسى . ياقتۇرشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبەسى : يىغىپ ساقلىغانلىرىم ھەمدە تەڭرىتاغ تورى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-8 01:38 PM
|
|
|
|
|
|