kaLGundi يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 05:33 PM
خانلىقنىڭ گۇمران بۇلۇش مەسىلىسىدە خانلىق گۇمران بۇلۇش ...
ئۆزگىچە پىكىر، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ گۇمران بولىشنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ ھەممىسىنى سوپا-ئىشانلارغا ئىتتىرىپ قويساق تازا توغرا بولمايدۇ،بۇنىڭدا يەنە سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدىكى سۇلتانلىرنىڭ كەسكىن بولماسلىقى،بوشاڭلىقى،تەپرىقىچلىك قىلىشى سەۋەب بولغان. ئەگەر ئۇلار كەسكىن،قەتئىي،ئىتتىپاق بولغان بولسا ئۇ سوپا-ئىشانلار سەلتەنەتنى ئۇنداق ئاسانلا ئۆرۈۋېتەلمىگەن بولاتتى.يەنە بىرسى غالدان باشلىق جۇڭغارلارنى ئاباق باشلاپ كەلمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇلار ھامىنى سەئىدىيەگە تاجاۋۇز قىلىپ كەلگەن بولاتتى،چۈنكى غالدان ماڭلار سۆيەرگە كۆز تىككىلى ئۇزۇن بولغان،پەقەت شۇ تۇتامىغا چىققۇدەك بانا ۋە ئەپلىك پۇرسەت تاپالماي تۇرغانلا يېرى بار ئىدى،ئاباق ئۆز مەئىشتى ئۈچۈن ئۆز ۋەتىنى ۋە قېرىنداشلىرنى ئوتقا ئىتتىردى،ئاخىردا جۇڭغارلار بىلەن ئىچى-تېشىدىن ماسلىشىپ ۋەتەننى يەكسان،خەلقنى قۇل قىلىش بەدىلىگە ئون نەچچە يىل قورچاق خوجاخان بولۇشتەك ئىپلاس غەرىزىگە يەتتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-11 11:29 PM