|
|
|
|
ماھىرە 1985-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇلۇغچات ناھىيىسى كانسۇ بازىرىدا تۇغۇلغان ،مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا ئىلغار كۆزقاراشتىكى ئاكتىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرسى ئىدى، ياشلىق قۇرامىغا يەتكەندە ،ئائىلىسىگە يۈك بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن شەخسى شىركەتلەردە ئىشلەپ ئائىلىسىگە يار-يۈلەك بولۇپ كېلىۋاتاتتى. 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى ماھىرە تۇيۇقسىز ئىككى كۆزىنىڭ كۆرمەيۋاتقانلىقىنى ئاپىسىغا ئېيتىدۇ، ئارقىدىنلا كۆڭلى ئېلىشىپ ماغزاپ ياندۇرىدۇ،ئەھۋالنى كۆرگەن ئاتا-ئانا ئۇنى دەرھال قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى ۋە 12-دوختۇرخانىدا تەكشۈرتىدۇ،نەتىجىدە ماھىرەنىڭ ھەر ئىككى بۆرىكى زەئىپلەشكەن ،زەھەر قانغا ئۆتكەن ،بەدەندە ئاقسىل قالمىغان ،قورساقتا ۋە ئۆپكىدە سۇ بار ،يۈرەكنىڭ بىر تەرىپى يوغىنىۋالغان، يۈرەك زەئىپلەشكەن دەپ دىئاگىنۇز قويۇلۇپ،2012-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىدا ياتاققا ئېلىنغان .ھازىر جىددى قۇتقۇزۇلۇش بىلەن بىللە قان تازىلاش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ،ياتاققا كىرگەن 18 كۈن جەريانىدا ئەللىك مىڭ يۈئەندىن كۆپرەك پۇل خەجلەنگەن بولسىمۇ ماھىرەنىڭ ئەھۋالىدا ئانچە زور ياخشىلىنىش بولمىغان.يەنىلا جىددى بۆرەك ئالماشتۇرۇش كېرەك ئىدى .بىر تال بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈچ يۈز مىڭ يۈئەندىن ئارتۇق پۇل كېتىدىكەن،ئەپسۇس ماھىرە ئۆزىمۇ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلمىغان،ئانىسى خۇرشىدەم كانسۇ بازارلىق ھۆكۈمەتتىن ،دادىسى روزاخۇن كانسۇ كۆمۈركاندىن پىنسىيىگە چىقىپ ئائىلىدە بولغاچقا ،ئىقدىسادى ئەھۋالى خېلىلا ناچار ئىدى،گەرچە ئۇرۇق-تۇغقان ،خىزمەتداشلار ئانچى-مۇنچە ياردەم قىلغان بولسىمۇ ،بۇ پۇل ماھىرەنىڭ بىر نەچچە كۈنلۈك داۋالىنىشىغا ئارانلا دال بولدى، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى 4 ياشلىق ئوماق قىزى ۋە سىڭىللىرى ماھىرەنىڭ كېسەل كارىۋىتى يېنىدا زار-زار يىغلاپ ئاللاھقا نالە قىلىپ ،ئىلاجىسىز قالدى، شۇ ۋەجىدىن ئاۋال ئاللاھقا سېغىنىپ ،ئاندىن جەمىئىيىتىمىزدىكى ساخاۋەتچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ئاجىز قېرىندىشىمىزنى ئەجەل قوينىدىن قايتۇرۇپ كېلىشكە يېقىندىن ياردەمدە بولىشىنى مۇراجەت قىلىمىز . مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە :
كارتا ئىگىسى ماھىرە 马依热.肉扎洪
سودا سانائەت بانكا كارتىسى نومۇرى : 6222023012006332144
ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نومۇرى : 15299522371 ، 15276107065
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا pakdil01 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-10 09:04 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-10-11 11:51 AM):
يىزا ئىگىلىك بانكىسى :6228483670407608915 ئىسمىي: روزاخۇن ھىيىت
|
|
|
|
|
|