muttelib يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 03:42 PM
ئاشۇ كاھىش شۇ،كۆزۆمگە پەقەت ئىسسىق كۆرۈنمەيدىكەن. ئۇ ...
دېگىنڭىزغۇ توغىرا،پەقەت ئادەمنىڭ كۆزىگە سېغمايدىكەن، بىراق يامغۇر كۆپ ياغىدىغان يەرلەردە شۇنداق ياپمايمۇ بولمايدىكەن، ئىچكىردە بەزى جەنۇبىي شىنجاڭغا بىرىپ باققان خەنلەر مەندىن سىلەرنىڭ ئۇيەردە نېمىشقا ئۆينىڭ ئۈستىنى تەكشىلا يېپىۋىتسىلەر،يامغۇر ياغسا ئۆيۈڭلاردىن يامغۇر ئۆتۈپ كەتمەمدۇ..؟دەپ سورىغاندى ، مەن ئۇلاردىن سىلەر نىمىشقا بۇنداق كاھىشنى ئشلىتىسلەر دىسەم بۇيەردە يامغۇر كۆپ ياغىدۇ،ئۆيگە مۇشۇ كاھىشنى ئشلەتمىسەك يامغۇردىن مۇداپىئەلەنگىلى بولمايدۇ-دەيدۇ،دېمىسۇ ياز كۈنلىرى بولۇپمۇ دېڭىز بويى رايۇنلاردا بەك ياغىدىكەن، مەن ئۇلاردىن بۇ كاھىشنىڭ ئورنىغا باشقىچە يىڭى چىققان قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى ئشلەتسە بولمامدۇ ؟-دەپ سورىغاندىم، ئۇلار: يامغۇر ياغقاندا ئۆي ئىچىدە شاۋقۇن كۈچلۈك بولۇپ كىتىپ ئولتۇرغىلى بولمايدۇ-دەيدۇ. قارىغاندا ئۆيلەرنىڭ ئۈستىنىڭ قانداق يىپىلىشى شۇ يەرنىڭ تەبئي شارائىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ئاخىردا بىرخىل مىللىي خاسلىقنى شەكىللەندۈردىغان ئوخشايدۇ، خۇددى غولجىدا ئوينىڭ ئۈستىنى روسلارنىڭ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىدا ياپقاندەك.