tabhakiyik يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 11:13 PM
بۇتىمىدا پاراڭ نىمانداق كۆپ شۇسۆزلىگەنلەر قۇلۇڭلادىن ...
ئېلىشقۇنىڭ ئوتتۇرىچە داۋامى يەكەن ناھيىسىدىكى ئوتتۇز نەچچە يېزا-بازارنىڭ ئىچىدە كەينىدىن سانىغاندا 6-دىن يۇقىرى ئەمەسقۇ دەيمەن، قوشراپنىڭ ئوتتۇرىچە داۋامى كەينىدىن سانىغاندا چېمپىيون، خاڭدى كەينىدىن سانىغاندا چېمپىيوننىڭ ئالدىدىراق.
بۇ تېمىغا توغرىسىدا سىزمۇ يەنە بىر ئويلىنىپ باققان بولسىڭىز، بۇ يەردە ھېچكىم بالىلارنى ئوقۇشسىز تاشلاش كېرەك دېگىنى يوق، مەن ھەم ئەزەلدىن بالىلار چوقۇم ئوقۇشى كېرەك دەپ قارايمەن، بۇ تېمىدا مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ئەشۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى چوقۇم ئادەمدەك مۇئامىلىگە ئۇچىرىشى كېرەك. ئەگەر سىزنىڭ قولىڭىزدىن كەلسە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەممىسىنى سولىتىۋېتىڭ، شۇنىڭ بىلەن شۇ ئاتا-ئانىلارمۇ قورساق ئۈچۈن مەدىكار ئىشلىمىسۇن، سىز ئىشلەڭ، زىندانىڭىزدىكىلەرنى بېقىڭ، بالىلىرىنىڭ خىراجەتلىرىنى چىقىرىڭ، شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بىر توپ«كەلگۈسىنىڭ ئىگىسى»نى تەربىيىلىەپ چىقىڭ، خوپما قېرىندىشىم.....
سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز مەلۇم بىر كاتتا باشلىقنىڭ 2009-يىلى «ئەگەر ماڭا قويۇپ بەرسە بىر كېچىدىلا مۇشۇ ناھىيەدىكى ھەممىسىنى قىرىپ تاشلايتىم» دېگەن سۆزىنى ئەسلەتتى....