Ahmadi يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 10:06 PM
مانا كۈرۇڭلار ئۇيغۇر ھەيدى http://www.nur.cn/news/2012/10/85110.shtml
ئاد اش ! قۇسۇر تاپقىنىم ئەمەس ، باشقا ئىشلارغۇ مەيلى لىكىن ما-قىزنىڭ ھىلىتتىن كىچىك تۇرۇپ بېلىنى ئۇچۇق قويۇپ ، خەنلەرنى سۆيۈپ يۈرگەن يەنە بىر قاتار ...... ئىشلىرىنى تىلغا ئالمىغاندا يامان ئەمەس دىسەك بولغىدەك ...
بەلكىم كۆرەلمەسلىك قىلىۋاتقاندىمەن ياكى ھەسەت قىلىۋاتقاندىمەن ، مەن بۇ-قىزدىن ئاغرىنمايمەن بەلكى ئاپ-ئاق سۈتتەك ساپ ئەقلىدىن ، ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس جاسارىتىدىن پەخىرلىنىۋاتىمەن ،ئاغىرنىشقا توغرا كەلسە مۇشۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن قاتتىق نەپرەتلىنىۋاتىمەن ، ئەگەر بۇ-قىزدا ھازىردىن باشلاپ ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس ئەخلاق بولمىسا ، تەربىيە كۆرمىسە بەلكىم بۇ قىزنىڭ كەلگۈسى ھىلىقى 1-دەرىجىلىك ئەرتىسىمىزنىڭ گۈلنەزەر دىگەن قىزىغا ئوخشاش ياكى شۇ-گۈلنەزەردىنمۇ ئۆتە ئەخلاقسىز ، تېتىقسىز يا-ئادەم بالىسىغا يا-ھايۋان بالىسىغا ئوخشىمايدىغان بىر قىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن .
قىز بالا دىگەننى بولۇپمۇ ھازىرقىدەك مۇشۇنداق كىچىك ۋاقتىدا باشقۇرۋالمىسا ، ئاۋۇ داڭلىق ئەرتىس ھەدىمىزنىڭ قىزىغا ئوخشاش يامان يىرىگە كەلگەندە ئۆلىۋالىمەن دەپ بىرلا قوقاق سالىدىغان بولسا ھىشنىمە قىلاممايلا قالماستىن بەلكى يەنە تىخى ئەركىلىتىپ نىمە دىسە خوش قىزىم دەيدىغان بوپ قالىدۇ شۇ ، ئاندىن ئۇنداق قىزنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ دىگەندە باشقۇرغۇلى ئادەم بولمىغانكىن ئۆزىنى ئۇنتۇپ ، خەنلەر بىلەن ئاپاق-چاپاق بولۇپ چوچقا گۆشىدىن باشلاپ ھەممىنى يەيدىغان ، چىرايىغا قارىسا ئادەم چىراي لىكىن كىملىكىدىن باشقا چىرايى ، كىيىنىشى ، گەپ سۆزى ياكى ئىش ھەركىتى ھىچقايسى ھىچ قانداق بىر مىللەتكە ئوخشىمايدىغان ئۇيغۇرلىقىدىن ئەسەرمۇ يوق 57-مىللەتكە تەۋە بوپ قالىدۇ .
قېرىنداشلار ئۆتكەندە مۇشۇ توغۇرلۇق يەنى مۇشۇ قىزغا ئوخشاش كىچىك قىزلىرىنىنىڭ چېچىنى بۇياپ ، يۈزىگە ھەر خىل ئەڭلىكلەرنى سۈرۈپ ، ئۇيە-بۇيە لىرىنى ئۇچۇق قويۇپ سەھنىگە چىقىرۋاتقان ئاتا-ئانىلارنى قاتتىق تەنقىتلەپ ھەم ئاگاھلاندۇرۇپ ئۆتكۈزۈلگەن بىر سۆھپەت پىراگىراممىسىنى كۆرگەن ئىدىم ، ھازىر شۇنى ئىزدەۋاتىمەن تېپىپ قالسام يوللاپ قوياي .ئەگەر شۇ-پىراگىراممىدىكى ئۈمۈد غېنى ۋە باشقىلارنىڭ دىگەن بەزەنبىر گەپلىرىنى ئاڭلىساڭلار بەلكىم بۇ ئىشقا سەل قارىماسلىقىڭلار ھەتتا چۆچۈپ كىتىشىڭلار مۇمكىن .