ھىسام بىلەن مۇنبەردىكى زاپەر ئومابا نەپرەتنىڭ چاقچىغىمۇ بار ئىدى بۇ كېچىلىكتە قېنى ھوزورلانغايسىلەر..
ئوباما:سىز بىلەن كۆرۈشكەنلىگىمگە خۇشالمەن.
ھېسام:مەنمۇ ئامىرىكىنىڭ تۇنجى نېگىر زوڭتۇڭىنى كۆرگۈنىمدىن خۇرسەنمەن.
ئوباما:پۈتىڭىز ئاخسىيدىكەن ھە؟ بۇنى بىلگەن بولسام ئامىرىكىدىن راس پۇتقا ئوخشاش سۇننى پۈتتىن بىرنى ئالغاچ كېلىدىكەنمەن.
ھېسام:بولدى ئاۋارە بولماڭ، پۈتۇمنى ئالماشتۇردۇم دەپ، سۇننى پۈتقا ئوخشايدىغان بومبىدىن بىرنى پۇتۇمنىڭ ئورنىغا سېلىپ قويساڭلار قانداق قىلىمەن
***
ئوباما:ئامىرىكا توغرىسىدا سىزدىن بىر پىكىر ئېلىپ باقسام دەيمەن، ھازىر خەلىقئارادا بىزگە قانداق پىكىرلەر بار؟
ھېسام:پىكىر جىق، ئەڭ ئاساسلىق پىكىر ئامىرىكا ئۆزىنىڭ ھەربى تېخنىكا ئەۋزەللىگىدىن پايدىلىنىپ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىلا بۆزەك قىلىدۇ دىگەن پىكىردىن ئىبارەت.
ئوباما: سىز دەپ باقسىڭىز بىز قانداق قىلساق خەلىقئارانىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىسىنى تۈگۈتەلەيمىز.
ھېسام: بۇنىڭ چارىسى ئوڭاي سىلەر بۇ جەھەتتە باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىسرالىيە بىلەن ئەنگىلىيەنى ئانچە مۇنچە بومباردىمان قىلىپ تۇرساڭلار بولدى.
***
ئوبابا:سىزنى ئامىرىكىغا ئەكەتسەم بارامسىز؟
ھېسام:ئەلۋەتتە بولىدۇ.
ئوباما:شەرتىڭىز بارمۇ؟
ھېسام:بار.
ئوباما:قانداق شەرىتكىن ئاڭلاپ باقاي.
ھېسام:ئەگەر مېنى ئامىرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى قىلساڭلار بارىمەن.
ئوباما:بۇ مۈمكۈنمۇ؟سىزنى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ قىلسام خەلقىمگە قانداق چۈشەندۈرۈمەن.
ھېسام:بۇنىڭ ھەممىسى مەخپى بولىدۇ، مېنى ھازىرقى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاپ ئامىرىكىغا ئەكىتىسىز، سىلەرنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭنى«ھېسام»دەپلا بادام دوپپىدىن بىرنى كىيگۈزۈپ مېنىڭ ئورنۇمغا ئەكەپ قويۇسىلەر.
ئوباما:ئۇنداقتا قانداق بولىدۇ، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭىمىز سىزگە ئوخشاش توكۇر بولمىسا؟
ھېسام:ھەي..ي زۇڭتۇڭ ئەپەندى مۇشۇنىڭغىمۇ كاللىڭىز ئىشلىمىدىمۇ ئۇ زۇڭتۇڭنىڭ بىر پۇتىنىڭ پېيىنى كېسىۋەتسەڭلار بولمىدىمۇ؟
***
ئوباما: ئەگەر سىز ئازراق ساقال قويۇۋالسىڭىز ئىران زۇڭتۇڭى ئەخمەت نىجاتقا ئوخشاپ قالىدىكەنسىز.
ھېسام: يائاللا زۇڭتۇڭ ئەپەندى، سىلەر بەك سەزگۈر ھە؟ شىنجاڭنىڭ نېفىت زاپىسىنىمۇ بىلىۋاپسىلەردە؟
***
ئوباما: سىز ئايدا قانچە مۇئاش ئالىسىز؟
ھېسام:ئىككى مىڭ يۈن خەلىق پۇلى.
ئوباما:ئامىرىكىلىق قەلەندەرمۇ ئايدا ئىككى مىڭ ئامىرىكا دوسلىرى ئالىدۇ.
ھېسام:سىز ئايدا قانچە ئالىسىز؟
ئوباما:ئوتتۇر مىڭ ئامىرىكا دوسلىرى.
ھېسام:بولىدىكەن، سىز بىر ئادەم ئون بەش قەلەندەرنىڭ ئىشىنى قىلىدىكەنسىز؟
***
ئوباما: سىلەرنىڭ غۇلجىدا ماڭا ئوخشايدىغان ئۇيغۇر بارمۇ؟
ھېسام:بار مېنىڭ بىر قوشنام بولىدىغان جۇماخۇن دەپ سىزگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدۇ.
ئوباما:ئۇ قوشنىڭىز نىمىش قىلىدۇ.
ھېسام:باشقىلارنىڭ ئېشىگىنى ئوغۇرلاپ تۈرمىگە كىرىپ كەتتى.
***
ئوباما: يۈزىڭىدىكى قورۇقلارنى ساناپ باقتىڭىزمۇ؟
ھېسام:ياق تېخى، سىز بېشىڭىزىكى ئاق چاشنى ساناپ باقتىڭىزمۇ؟
ئوباما:ياق .
ھېسام:ئۇنداق بولسا سىز مېنىڭ يۈزۈمدىكى قورۇقلارنى ساناپ بېرىڭ، مەن سىزنىڭ بېشىڭىزدىكى ئاقنى ساناپ بېرەي.
ئوباما: بېشىمدىكى ئاقنى سانىتىدىغانغا نەدە ۋاقىت دەيسىز.
ھېسام:ھېچقىسى يوق، بۇنىڭغا ئانچە ۋاقىت كەتمەيدۇ، سىز بېشىڭىزنى پاكىز چۈشۈرۈپ چېچىڭىزنى تاشلاپ كېتىڭ، مەن ساناپ بولغاندىن كېيىن تىلىفوندا خەۋىرىنى بېرەي.