مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: tegin12

ئۆزىنى ئۆزى سۆكۈش چوڭ ساراڭلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1322
يازما سانى: 788
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11195
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 2599 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-14 12:02:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ كۈندە قۇرۇق سۆزلەپ  سۆككەننىڭ  ئورنىغا قانداق قىلىپ خاتانى توغرا يولغا باشلىغىلى بولىدىغانلىقىنى  مۇنازىرە قىلساق بولاتتى .مەسلەن تۈنۈگۈنكى مىنكاۋخەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇم تېمىدا ئۇلارنى سۆككەن ھەتتا ئۇلارنى دىنسىزغا چىقىرىپ غاجىلىغۇچىلارمۇ  بولدى  .شۇنىڭ ئورنىغا  خەنچە مەكتەپتە ئوقۇغانلار مانداق مانداق ئۇسۇللار بىلەن ئانا تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرسە بولىدۇ دەپ مەسلىھەت بەرگەن بولسا بۇنىڭ تەسىرى چوقۇم كەينىدىن تىللاپ ئۇلارنى  57-مىللەت قاتارىغا چىقىرىۋەتكەندىن كۆپ ياخشى بولىدۇ .
يامان تەرىپىنى ئاڭلاۋەرسە ئادەمنىڭ قۇلقى بېزىرىپ كېيىنچە بۇ گەپلەر ئىنتايىن نورمالدەك ئاڭلىنىپ تەسىر قىلماسمۇ بولۇپ قالىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85989
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-10-12
ئاخىرقى: 2013-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-14 12:41:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
islamogli1566 يوللىغان ۋاقتى  2012-10-14 12:01 PM
تەنقىدىي پىكىر كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلايدۇ دىگىنى ...

پىكىرىڭىزگە قوشۇلىمەن !  مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىممۇ ھەرگىز ئومۇمىيلىققا كۈتۈرۈش ئەمەس ،ناچار ئىللەتلەرنى تەنقىدلەش كېرەك ،توغرا ئۇسۇل ئارقىلىق يېتەكلەش كېرەك ،بەزىدە كىشى ئۆزىدىكى ئىللەتلەرنى بىلەمەيدۇ بۇنى باشقىلار ۋاقتىدا كۆرسىتىپ بېرىشى كېرەك ،بۇنى ھەرگىزمۇ مىللەتكە ،ئومۇمىيلىققا  كۈتۇرۈش توغرا ئەمەس   دەپ قارايمەن ،بۇيەردە دېيىلىۋاتقان سۆكۈشنى ئاشۇنداق بىرقىسىم كىشىلەرگە قارىتىلغان دەپ ئويلىغانىدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 2858
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5764
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 9897 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-14 03:28:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر دانا مۇنداق دىگەن بالاڭنى ھامىلە ۋاقىتتىن باشلاپ تەربىيلە .   

مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم،
مىللەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم .
     ئۆز تىلىن خار قىلغان مىللەت خار مىللەت،
  ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم ...

                  __ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

كاللاڭنى سىلكىۋەت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56276
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4047
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 715 سائەت
تىزىم: 2011-9-12
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 01:26:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈستىدىكىلەرنىڭ بۇ تېمىغا بەرگەن ئىنكاسلىرىدىن مەن بەزىلەرنىڭ تېمىنى ئېنىق،تۇلۇق ئۇقۇمىغانلىقىنى ياكى بولمىسا يەنە شۇنداق ئازراق بىر ماقال تەمسىل بىلىۋالسىلا قالايمىقان بىلجىرلايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھىس قىلىپ قالدىم،يەنە بەزىلەر ھەقىقەتەن ياخشى ئىنكاسلارنى قايتۇرۇپتۇ،ئۇلارنىڭ زىھنىنىڭ ئۇچۇق ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرۇپتۇ،ئۇلارنىڭ يۈرىكى ئۆز ئۈچۈن ئەمەس باشقىلار ئۈچۈنمۇ سۇقىدىغانلىقى مېنى تۇلىمۇ سۈيۈندىردى،بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسى ساختا بىلىمدان شەخسىيەتچى نائەھلىلەرنىڭ ساختىلىقلىرى بىلەن ئەمەس بەلكى ھەقىقى ۋىجدانلىق زىيالىلارنىڭ،كوللىكتىپنى سۈيىدىغان،خەلقىگە ھەقىقى كۆڭۈل بۈلىدىغان ياخشى ساپ كۆڭۈللىك شەخسىيەتسىز كىشىلەرنىڭ تېرىشچانلىقى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.‹‹كېسەلنى يۇشۇرسا ئۈلۈم ئاشكارا››دېگەننى قالايمىقان ئىشلىتىدىغان سىزلەر يابىر لوقمان ھەكىم بولمىغاندىكىن ماقال-تەمسىلنى جايىغا ئىشلىتىڭلار،بىلىنىپ تۇرۇپتۇكى قەلىبتىكى ‹‹كېسەللىك››تەندىكى كېسەللىكتىن يامان ئىكەن،سىلەر ئالدى بىلەن قەلبىڭلاردىكى كېسەللىكنى ياخشى داۋالاپ ئاندىن مۇنبەرگە كەلسەڭلار بولغۇدەك،‹‹قول سۇنسىمۇ يەڭ ئىچىدە››دەپتىكەن،ئۆز قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆزىمىز توردا ئۇچۇق ئاشكارا تىللاپ،ئۆز مىللىتىمىزنى ئۆزىمىز سۆكۈپ ياد خەقلەرگە بۈلدۈرۈپ ئۇيۇن قۇيۇپ بەرسەك ياخشى بولىدىغان ئوخشىمامدۇ؟؟؟باشقىلار يەنە سىزنى ۋە  قېرىنداشلىرىڭىزنى داۋاملىق شۇنداق ناكەس كۈرۈپ يۈرىۋەرسۇنمۇ ئەمىسە؟؟دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئىسىل مىللەتنىڭمۇ يامان دەپ ئاتىلىدىغان ئادەملىرى بولىدۇ،چۈنكى مۇكەممەل نەرسە بولمايدۇ،بىر قىسىم كىشىلەرنى ياخشى بولغان ئىلمىي ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوڭشىۋالغىلى بۇلىدۇ،بۇنداق ئۈزىڭىزنى ئۈزىڭىز سۆكەۋىرىرىپ يۈزىڭىزنى قويمىسىڭىز ‹‹كەتكەن يۈزنى قايتۇرۋالغىلى بولمايدۇ››،ئارتۇق گەپ ئېشەككە يۈك ،بۇ تېمىنى ياخشى ئويلاپ باققىدەك ھەقىقى ساپ يۈرىكىڭىز بارلىقىنى ھېس قىلالايدىغان بولسىڭىز تېمىنى قايتا ئالدىرىماي ئوقۇپ چېقىڭ، ئاندىن ھەقىقى مەنىسىنى چۈشىنىسىز.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59318
يازما سانى: 595
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3727
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 01:36:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

باشقىلار ھازىركىتاب كۆرىۋاتىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1854
يازما سانى: 2208
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 314252
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 5511 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 03:08:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمما ئۆزىنى ئۆزى ئىتىراپ قىلالماسلىق چوڭ ئاجىزلىق .

دۈشمەنلىرىمگە ئۈزۈم تىتىيمەن ، دوستلىرىمنىڭ قەستىدىن ساقلا خۇدايىم!

كاللاڭنى سىلكىۋەت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56276
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4047
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 715 سائەت
تىزىم: 2011-9-12
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 01:43:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ گېپىڭىز توغرا،مەن بۇ تېمىنى ھەقىقى ساپ ئۇيغۇر تىلىدا يازدىم... ھەرقانداق ئەقىللىق ئادەم ئۈزىنى ئېتراپ قىلىشنى ئۇقىدۇ،بۇ مۇكەممەللىشىنىڭ توغرا يولى.....مەن بۇ يەردە ئۆزىڭىزنى ئېتراپ قىلماڭ دىگىنىم يوق.....ئۈزىڭىزنى ئېتراپ قىلىپ ناچار تەرەپلىرىڭىزنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ھەل قىلىڭ دىمەكچى.‹‹چۈشەندىڭىزبا››؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5289
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7875
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2023 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-20 06:39:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەنقىد  ـ  جازالاش   بىر  ئادەمنى  ئۆزگەرتەلەيدىغان  ئىش  بولسا  ، بۇ  دۇنيادا
خاتالىق ئۆتكۈزىدىغان  ،  جىنايەت  سادىر  قىلىدىغان  بىرمۇ  ئادەم قالمايىتتى .
ئوتتۇرا  ئەسىرلەردىن  باشلاپ  ،  خاتالىق  ئۆتكۈزگەنلەرنى  ئوتتا  كۆيدۈرۈش ،چالما
كىسەك  قىلىش  ،  دارغا  ئېسىشتەك  قەبىھ  ئۇسۇللارنى  قوللىنىپ كەلدى .
ئەمما  ،  تا  ھازىرغىچە  خاتالىق  ئۆتكۈزدىغانلار  ئازلاش ئۇياقتا تۇرسۇن  ؟
باسقۇنچىلىق  ،  بۇلاڭچىلىق ،  قاتىللىق ، خىيانەت دېگەندەك  ئىشلار كۈنسېرى
ئاۋۇماقتا .

بىر  قىسىم  جانباقتى   يازغۇچىلار   بىرەر  چەتئەلگە  چىقىپ  كەلسە  ئالايىتەن
ئۇيغۇر بىلەن ئۇلارنى  سېلىشتۇرۇپ (  كوت ـ كوت  خوتۇن ئېرىنى باشقائەرگە
سېلىشتۇرغاندەك  )  مەتبۇئات  يۈزىنى بىر  ئالدى  .  ئۇيغۇرنى سۆكتى ...
ئەمما   قانداق  قىلغاندا   مەسلىنى  ھەل قىلىشنىڭ  كىچىككىنە يولىنى
شەرھىيلەپ بېرەلمىدى .  نەچچە  يىللاردىن  بۇيان  ھەر  قىسىم  
پوشكالچى موللىلارنىڭ  ، ھاكىيمىيەت  يۈرگۈزگۈچىلەرنىڭ  ئادالەتسىزلىكى
تۈپەيلى  يۈرىكى خۇن بولغان بىر  خەلىقنى  ئەيىبلەپ   ،  تەنقىدلەپ
كەلمەكتە  ...
خوتۇنۇڭنى  ...   شۇنداق  بىر  نېمىلەرنىڭ  قولىدىن  بىر  ئىنسانغاياخشىلىق
تىلەش  كېلەمدۇ  ؟
بىر  ـ  بىرىگە  يامانلىق  ،  دۇزاخ  تىلەپ  ئۆتىدۇ  خالاس  ...  
ئۇنداق  تەنقىدپەرەسلەر   ئازراق  نەپ   يۇقماي  قالسا  ، ئاتا ـ ئانىسىنى
خۇتۇن ، باللىرىنىمۇ  تەنقىدلەشتىن يانمايدۇ .
مەن   تەنقىدكە   قارشى  ئەمەس  ،  ئەمما  بىرىنى   تەنقىدلەشتىن  ئىلگىرى :
<< مەن قانداق >> <<  مەن خەلىق ئۈچۈن  نىمە  ئىش قىلدىم ،  نىمە ئىشلارنى
قىلماقچى >> دەپ سوراپ بېقىشى لازىم  .    پەقەت  خەلىقنىڭ  غېمىنى   يېگەنلەر  
ۋاقتى  كەلسە  ، ياۋ  بىلەن ئېلىشىپ جان پىداكارلىق  كۆرسىتەلەيدىغان  ، جان
پىدا قىلالايدىغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇقادىر  داموللام  
نىمشىھىت ، ئەخمەتجان قاسىمى (  ئۇلۇغ  خۇدا ، ئۇلارغا رەھمەت قىلغاي ) ۋە  
شۇلارغا ئوخشايدىغان كىشىلەرنىڭلا  باشقىلارنى ، خەلىقنى  تەنقىدلەشكە  
سالاھىيىتى تۇشىدۇ  .
ھاراق  ئىچىپ كاللىسى قىزىپ قالسائىلھامى  تۇتۇپ  مىللەتتىكى  ھاراقكەشلىكنى
سۆكىدىغان   قەلەمكەشلەرنىڭ  ئەمەس...  





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-20 11:00 PM  


ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

كاللاڭنى سىلكىۋەت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56276
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4047
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 715 سائەت
تىزىم: 2011-9-12
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-20 08:04:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sargarda يوللىغان ۋاقتى  2012-10-20 06:39 PM
تەنقىد  ـ  جازالاش   بىر  ئادەمنى  ئۆزگەرتەلەيدىغان  ئىش  ...

قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن،تىمىنىڭ ھەقىقى مەزمۇنىنى چۈشەنگىدەك يەنە بىرەيلەننىڭ چىققانلىقىدىن تولىمۇ سۈيۈندۈم....ھەقىقى مىللەتكە كۆڭۈل بۈلۈش مىللىتىنى تىللاپمۇ ياكى ماختاپمۇ ئىشقا ئاشمايدۇ،ئەڭ مۇھىمى ئۇنى بايقىغاندا ئۈنۈملۈك ئىلمىي ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىش ئەڭ ياخشى ئاقىلانىلىكتۇر....ئەشۇنداق جانباقتىلار بارغانسېرى كۈپۈيۈپ كېتىپ بارماقتا.يازسا يازسۇن لېكىن بىرەر ئۈنۈملىك ئۇسۇلنى كۆرسىتىپ بەرسۇن....خۇدايىمدىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ئەقىل تىلەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41850
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3214
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 545 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 03:51:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
islamogli1566 يوللىغان ۋاقتى  2012-10-14 12:01 PM
تەنقىدىي پىكىر كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلايدۇ دىگىنى ...

كەلسە كەلمەس كۆپلەپ ئۆزىنى سۆكۇش بولۇۋەرسە،چۇشكۈنلۈك ئەۋىج ئالىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش