ئادەمنىڭ ئەقىللقلىقى قەيەردە؟
ئادەتتىكى ئەزا
ھېچ بولمىسا ئوغرى بولساممۇ، مەيلىتىغۇ داڭقىم بولسىلا. يۈرسەممۇ گەر ئاچ-زىرىن دائىم، مەيلىتىغۇ داڭقىم بولسىلا. قورساق توق دەپ يۈرىۋىرەتتىم، قايغۇدا ھەم كۈلىۋىرەتتىم، شىرىن خىيال سۈرىۋىرەتتىم، پەقەت مېنىڭ داڭقىم بولسىلا. خەقكە دائىم چاكار بولساممۇ، ئىگىز ئەمەس پاكار بولساممۇ، سامانلىقتا ياتار بولساممۇ، مەيلىتىغۇ داڭقىم بولسىلا. خەقلەر مىنى تىللاپ تۇرسىمۇ، ھازىلارغا چىللاپ تۇرسىمۇ، كەينىمدىن گەر پايلاپ تۇرسىمۇ، مەيلىتىغۇ داڭقىم بولسىلا. مەيلى دەيتتىم پۇلۇم بولمىسا، يۈزلىرىمدە قىنىم بولمىسا، ياكى ھەتتا جىنىم بولمىسا، مەيلىتىغۇ داڭقىم بولسىلا. ئاچ قالساممۇ ئۇزۇن كۈنلەردە، ئۇخلىيالماي قارا تۈنلەردە، توۋلىمىسام مۇڭلۇق ئۈنلەردە، مەيلىتىغۇ داڭقىم بولسىلا. تىلەمچى بوپ قالساممۇ گەرچە، دەيتتىم دائىم ئۆزۈم بايۋەتچە، پەرۋايىم يوق ئامالىم قانچە، مەيلىتىغۇ داڭقىم بولسىلا. ئۆلۈم بىلەن كارىم يوق مېنىڭ، تاماققا ھېچ تاۋىم يوق مېنىڭ، بولمىسىمۇ چىن يارىم مېنىڭ، مەيلىتىغۇ داڭقىم بولسىلا. ئۇچالمىسام مەيلى سامادا، ياتالمىسام مەيلى تاۋاردا، ئۆتسىمۇ كۈن يەردە، كامادا، مەيلىتىغۇ داڭقىم بولسىلا. پۇرالمىسام خۇشبۇي ئىپارنى، قىسالمىسام گۈزەل گۈللەرنى، كۆرمىسەممۇ يورۇق كۈنلەرنى، مەيلىتىغۇ داڭقىم بولسىلا. مەيلى قانداق بولسۇن قىسمىتىم، مەيلى قانچە بولسۇن قىممىتىم، تەگمىسىمۇ ئەلگە ھېممىتىم، مەيلىتىغۇ داڭقىم بولسىلا... مەنبە:ئۆزۈم(توڭتاش ئىجادىيەتلىرى)
پاش قىلىش
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ