مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: marziyya

قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 2725
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15282
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3293 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2013-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 01:03:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ پەزىلەتلىك كۈنلەرنى غەنىيمەت بىلىپ. اللەنىڭ رەھمىتىگە ئىرىشىش ئۈچۈن تىرىشايلى !

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85896
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 108
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2013-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 01:30:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن سىزگە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4092
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7976
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 489 سائەت
تىزىم: 2010-7-16
ئاخىرقى: 2013-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 11:28:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم بەك ياخشى تىما يوللاپسىز .

http://ershad.blogbus.com/

قىلالمايمەن دىي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7420
يازما سانى: 590
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12781
تۆھپە نۇمۇرى: 936
توردا: 7771 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2013-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 11:32:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تىما يوللاپسىز ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

قىلالمايمەن دىيىش مەغلۇبىيەتنىڭ باشلانمىسى!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17729
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1544 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 12:49:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى ، ئۇلار ، رامىزاندا تەقۋالىشىدۇ  ، رامىزاندىن كېيىن لەقۋالىشىدۇ  .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bugaltir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-16 01:00 PM  


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17729
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1544 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 01:03:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتۇش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

سوئال:

قىرىنداشلىرىم ياخشىمۇسىزلەر، قۇران كەرىمنى تاھارەتسىز تۇتسا بولامدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاپ:

بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمنى ھاياتىمىزغا رەھبەر قىلىشىمىز ئۈچۈن نازىل قىلغان. ھاياتىمىزغا رەھبەر بولىدىغان بىر كىتابنى خالىغان چاغدا تۇتۇپ پايدىلىنىشىمىز لازىم.
قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتسا بولمايدۇ دېگۈچىلەرنىڭ ھېچقانداق دەلىلى يوق. بولار تارىختىن بۇيان ئىنسانلارنىڭ قۇرئاندىن يىراقلىشىشىغا سەۋەبچى بولۇپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ ئاللاھدىن قورقىشى لازىم.

ئىنسان داۋاملىق تاھارەت بىلەن تۇرمايدۇ. تاھارىتىم بولمىغاندىن كېيىن قۇرئاننى تاھارەت ئالغان چېغىمدا تۇتامەن دەپ قۇرئاننى قولىغا ئالمايدۇ، شۇنداقلا قۇرئاندىن يىراقلىشىدۇ.
قۇرئاندا ياكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسىدە «قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتماڭلار» دېگەن مەزمۇندا بىر ھۆكۈم بولسا، بۇنىڭغا بويسۇنماي ئامالىمىز يوق، لېكىن ئۇنداق بىر ھۆكۈم يوق. ئەكسىچە تاھارەتسىز تۇتۇشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن دەلىل بار. مەسىلەن:
1- تاھارەت ئايەتلىرى مەدىنىدە نازىل بولغان. مەككىدە نازىل بولغان سۈرىلەر ۋە ئايەتلەر قەغەزلەرگە، تېرە پارچىلىرىغا ۋە بەزى تاختىلارغا يېزىلغان. ئۇ چاغدىكى مۇسۇلمانلار ئۇ ئايەتلەر ۋە سۈرىلەر يېزىلغان نەرسىلەرنى تۇتۇپ ئوقۇغان ۋە ئوقۇتقان. ئۇلارنىڭ تاھارەتسىز ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم. چۈنكى ئۇ چاغلاردا تاھارەت دەيدىغان بىر نەرسە يوق. تاھەرەت نامازنىڭ شەرتىدۇر.
شۇڭا قۇرئان كەرىمدە «نامازغا تۇرساڭلار تاھارەت ئېلىڭلار» دېگەن مەزمۇندا ئايەت بار (سۈرە مائىدە 6- ئايەت). «قۇرئان ئوقۇغاندا ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىرەجىم دەڭلار» دېگەن مەزمۇندا ئايەت بار(سۈرە نەھل 98- ئايەت). قۇرئان ئوقۇشنىڭ ۋە قۇرئان تۇتۇشنىڭ بۇنىڭدقن باشقا ھېچقانداق شەرتى يوق.
2- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رەئىسلىرىغا خەت ئەۋەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەتنى ئېلىپ بارىدىغان ساھابىلىرىنى يولغا سېلىشنىڭ ئالدىدا «تاھارىتىڭلار بارمۇ؟ بولمىسا ئېلىۋېلىڭلار، تاھارىتىڭلار سۇنۇپ كەتكەنلا يەردە يېڭىلاپ مېڭىڭلار، ئۇ پادىشاھلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ‹تاھارىتىڭلار بارمۇ يوقمۇ؟› دەپ سوراڭلار، ئەگەر ئۇلارنىڭ تاھارىتى بولمىسا بۇ خەتنى تۇتمىسۇن» دېگەن مەزمۇندا ھېچبىر ئاگاھلاندۇرۇشتا بولمىغان. ئۇ خەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئايەتلەر ئىدى.
3- ئەگەر قۇرئان كەرىمنى تاھارەتسىز تۇتقىلى بولمىسا، بۈگۈنكى قۇرئان كەرىم ئېلىنغان ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنى، دىسكا (Floppy) ۋە پلاستىنكالارنى، قۇرئان كەرىم ئېلىنغان يانفونلارنى ۋە دىگىتال (Dijital) قۇرئانلارنى نېمىچۈن تاھارەتسىز تۇتقىلى بولىدۇ؟ ھەممىسىنىڭ ئىچىدە قۇرئان كەرىم بارغۇ؟ تۇتقىلى بولمىسا ھەممىسىنى تۇتقىلى بولماسلىق كېرەك. چۈنكى ھەممىسىنىڭ ئىچىدە قۇرئان بار. ھەتتا قۇرئان كەرىمنى يادقا بىلىدىغان قارىملارغىمۇ تاھارەتسىز تېگىپ بەرسەك بولمىسا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بالا- چاقىلىرىنىڭ تاھارەت ئېلىپ ئاندىن ئۇلارغا يېقىنلىشىشى لازىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ قۇرئان كەرىم بار…
ئېتىراز
ئەزىز قېرىندىشىم! سىز قۇرئان كەرىمنى تاھارەتسىز تۇتۇش ۋە تۇتماسلىق توغرىسىدا ناھايىتى ياخىشى چۇشەنجە بېرىپسىز، ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن. لېكىن سىز سۇرە ۋاقىئەنىڭ 79- ئايىتىنىڭ تەپسىرىنى ئاز-تۇلا كۇرۇپ قويسىڭىز، ئۇ يەردە ئاللاھ، «تۇتمىسۇن ئۇ قۇرئاننى پەقەتلا پاك ھالەتتە تۇتسۇن» دىگەن. بۇ ئايەت توغرىسىدا كۇپ كۈز قاراشلار بولغان. دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملىرى قۇرئانى كەرىمنى تەھارەت بىلەن تۇتۇشقا تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ ھەمدە بۇنىڭغا ئايەت-ھەدىس دەلىل.
جاۋاپ:
مۆھتەرەم قېرىندىشىم! سىز سۈرە مائىدەنىڭ 6- ئايىتىگە ئۇبدان قارىسىڭىز ۋە ئۇ ئايەتنى ئەرەبچە قائىدە بويىچە مۇلاھىزە قىلسىڭىز تاھارەتنىڭ قايسى ئىبادەت ئۈچۈن شەرت قىلىنغانلىقىنى چۈشىنىشىڭىز قىيىن بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەرەبچىدىن تولۇق مەلۇمات بولۇش لازىم. ئىنشائاللاھ سىزنىڭ ئەرەبچىدىن ئۇبدان مەلۇماتىڭىز باردۇ. بىزگە سالغان لوقمىڭىزدىن قارىغاندا تەرجىمىڭىز يېڭى چىققاندەك تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولسا، ئاللاھ سىزگە ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىدا مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلسۇن.
ۋاقىئە سۈرىسىىڭ 79- ئايىتىنىڭ مەنىسى ھەرگىزمۇ سىز تەرجىمە قىلغان شەكىلدە ئەمەس. سىز «…ئۇ قۇرئاننى…» دەپ تەرجىمە قىلغان سۆزنىڭ ئەرەبچىسى لا يەمەسسۇھۇ «لَا يَمَسُّهُ» دىكى ھۇ «هُ» ئالمىشى بولۇپ، بۇ ئالماش يېنىدىكى يەنى 78- ئايەتتىكى كىتابى مەكنۇن «كِتَابٍ مَكْنُونٍ» غا قايتىدۇ. ئەرەبچىدىن خەۋىرى بولغانلار بۇنى بىلىدۇ. چۈنكى ئەرەبچىدە ئالماش ئەڭ يېقىنغا قايتىدۇ. ئىككىنچىدىن سىز «پەقەتلا پاك ھالەتتە» دەپ تەرجىمە قىلغان سۆز ئەلمۇتەھھەرۇن «الْمُطَهَّرُونَ» دېگەن كەلىمىدۇر. بۇ كەلىمە مۇتەئەددىي ئىسىم مەفئۇل يەنى ئۆتۈملۈك مەجھۇل سۈپەتداش بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى «پاك قىلىنغۇچىلار» دېگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ مەنىسى ھەرگىزمۇ «پاك ھالەتتە ياكى تاھارەتلىك ياكى تاھارىتى بار» دېگەن بولمايدۇ. قۇرئان كەرىمدە پاك بولغۇچىلار دېگەن ئىپادە ئۈچۈن ئەلمۇتەتەھھىرىين ۋە ئەلمۇتتەھھىرىين «المتطھرين، المطھرين» (بەقەرە سۈرىسى 222- ئايەت ۋە تەۋبە سۈرىسى 108- ئايەتلەرگە قاراڭ) دېگەن كەلىمىلەر كېلىدۇ. بۇ كەلىمىلەر ئۆتۈمسىز ئېنىق سۈپەتداش بولۇپ، مەنىسى پاك بولۇش پېئىلىنى ئۆزى قىلغۇچىلار دېگەن بولىدۇ. پاك قىلىنىش باشقا، پاك بولۇش باشقىدۇر.
قۇرئان كەرىمدە تەتھىير «التطھير» دېگەن مەسدەردىن تۈرلەنگەن پېئىللەرنىڭ مەنىسى باشقىدۇر. تەتەھھۇر «التطھر» ياكى ئىتتىھار «الإطّھار» ياكى تۇھر «الطھر» دېگەن مەسدەرلەردىن تۈرلەنگەن پېئىللەرنىڭ مەنىسى باشقىدۇر. بەقەرە سۈرىسىنىڭ 125- ئايىتى، ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 42- ۋە 55- ئايەتلىرى، تەۋبە سۈرىسىنىڭ 103- ئايىتى، مائىدە سۈرىسىنىڭ 6- ۋە 41- ئايەتلىرى، ئەنفال سۈرىسىنىڭ 11- ئايىتى، ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 33- ئايىتى، ھەج سۈرىسىنىڭ 26- ئايىتى مۇددەسسىر سۈرىسىنىڭ 4- ئايىتى قاتارلىق ئايەتلەردىكى پېئىللەر ۋە سۈپەتداشلار تەتھىيردىن تۈرلەنگەن بولۇپ، مەنە ئېيتقان ۋاقتىمىزدا ئۇلارنىڭ ئۆتۈملۈك ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىشىمىز لازىم.
بەقەرە سۈرىسىنىڭ 222- ئايىتى، تەۋبە سۈرىسىنىڭ 108- ئايىتى، ئەئراف سۈرىسىنىڭ 82- ئايىتى، نەمل سۈرىسىنىڭ 56- ئايىتى قاتارلىق ئايەتلەردىكى پېئىللەر تەتەھھۇردىن ياكى تۇھرىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، مەنە ئېيتقان چېغىمىزدا ئۇلارنىڭ ئۆتۈمسىز ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. مەن بۇنى مىسال ئۈچۈن دەۋاتىمەن. قۇرئان كەرىمدە ۋە ھەدىسلەردە كەلگەن ھەر كەلىمىگە بەلكى ھەربىر ھەرپگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز لازىم. شۇنداق قىلغاندا ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ سۆزلىرىنى توغرا چۈشىنەلەيمىز، شۇنداقلا خاتا يوللارغا كىرىپ قالمايمىز.
ۋاقىئە سۈرىسىنىڭ 79- ئايىتىنى سىزنىڭ ئۇسۇلىڭىز بويىچە تەرجىمە قىلساق يەنى ئالماشنى يېقىنى بولغان 78- ئايەتتىكى كىتابى مەكنۇنغا ئەمەس، يىراقتىكى يەنى 77- ئايەتتىكى قۇرئان كەرىمگە قايتۇرۇپ مەجھۇل سۈپەتداشنى ئۆز ھالى بىلەن قويۇپ تەرجىمە قىلساق، ئالدىمىزغا مۇنداق بىر مەنە چىقىدۇ:
«تۇتمايدۇ ئۇ ئۇلۇغ قۇرئاننى پەقەت باشقىشى تەرىپىدىن پاك قىلىنغۇچىلار، باشقىسى تەرىپىدىن تازىلانغۇچىلار، باشقسى تەرىپىدىن تاھارەت ئالدۇرۇلغۇچىلار تۇتىدۇ».
بۇنىڭ مەنىسى قۇرئاننى تۇتماقچى بولغان كىشىنىڭ تاھارىتى بولۇشى ۋە ئۇ تاھارەتنىڭ ئۆزى ئالغان تاھارەت ئەمەس، باشقىلار ئالدۇرۇپ قويغان تاھارەت بولۇشى كېرەك دېگەن بولىدۇ. بۇ مەنىنى ئېيتىش ئۈچۈن ئاللاھ بەرگەن ئەقىلنى يوقاتقان بولۇش لازىم.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرەبچىدە تاھارەت ۋۇدۇئ دېيىلىدۇ، تاھارەتنىڭ مەنىسى پاكلىق، پاكلانماق دېگەن بولىدۇ.
سىزنىڭ تەرجىمىڭىزدە نەفيى پېئىلى (بولۇشسىز بايان پېئىلى) نەھيى پېئىلى (بولۇشسىز بۇيرۇق پېئىلى) گە ئۆزگەرتىلگەن، ئالماش ئۆز جايىغا قايتۇۇرۇلمىغان ۋە مەجھۇل سۈپەتداشقا ئېنىق سۈپەتداش مەنىسى ئېيتىلغان.
ۋاقىئە سۈرىسىنىڭ ئۇ ئايىتىنىڭ بېشىدىكى ۋە ئاخىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن بىرلىكتە تەرجىمە قىلساق مۇنداق بىر مەنا چىقىدۇ:
«ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش كاپىرلار دېگەندەك ئەمەس)، يۇلتۇزلارنىڭ ئورۇنلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى-
بىلسەڭلەر بۇ ناھايىتى چوڭ قەسەمدۇر-
شۈبھىسىزكى، ئۇ ھۆرمەتلىك قۇرئاندۇر،
ساقلانغۇچى كىتابتىدۇر،
ئۇنى پاكىزلانغۇچىلاردىن باشقىسى تۇتالمايدۇ،
ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغۇچىدۇر»- ۋاقىئە 56/75-80.
بۇ ئايەتتە قۇرئاننىڭ قانداق بىر كىتاب ئىكەنلىكى بىلەن پەيغەمبىرىمىزگە ۋەھىي نازىل قىلغان پەرىشتىلەرنىڭ ئەھۋالى بايان قىلىنىدۇ. بۇ پەرىشتىلەرنىڭ باشقا سۈپەتلىرى ئەبەسە سۈرىسىدە بايان قىلىنىدۇ:
«… قۇرئان ئايەتلىرى بىرەر ئەسلىتىشتۇر.
خالىغان كىشى قۇرئاندىن نەسىھەت ئالسۇن.
ئۇ ئايەتلەر قىممەتلىك سەھىپىلەردىدۇر.
بۇ سەھىپىلەر ئالىي سۈپەتلىك پاك سەھىپىلەردۇر،
ئەلچىلەرنىڭ قوللىرىدىدۇر.
بۇ ئەلچىلەر ھۆرمەتلىك ۋە ياخشى ئەلچىلەردۇر»- ئەبەسە 80/11-16.
ئاللاھقا ئامانەت بولۇڭ.



http://www.musulmanlar.com/?p=1859

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80942
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3668
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2012-6-1
ئاخىرقى: 2013-7-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 11:26:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزغا رەھمەت قىرىندىشىم

ھەقىقىي تەرەققىيات ئىقتىسادتا ئەمەس ئىتىقاتتا بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80942
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3668
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2012-6-1
ئاخىرقى: 2013-7-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 11:27:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزغا رەھمەت،قىرىندىشىم

ھەقىقىي تەرەققىيات ئىقتىسادتا ئەمەس ئىتىقاتتا بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75437
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3142
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-2-11
ئاخىرقى: 2013-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 02:51:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا رەھمەت قىلسۇن  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30132
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5373
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 1945 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2013-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 05:41:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزگە رەھمەت، سىڭلىم! داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش