ئايچىن يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 10:16 PM
مەندە 12 سى باركەن ، يىل ئاخىرى بولغانسىرى خىزمەت جىددى ...
ئوخشاش ئىكەنمىز. لېكىن روھى ھالەتنى تەڭشەشنى، ئىشلارنى تەرتىپ بويىچە قىلىشنى ئۈگىنىۋالسىڭىز چارچاپ كەتمەيسىز. مەنمۇ بۇرۇن سىزدەك ئىدىم. سىرتقا ئىش بىجىرگىلى چىقسام، توكسىكلىتنى شۇ جايىدا قويۇپ قويۇپ ئىدارىغا پىيادە قايتىدىغان، كىيىن ئىدارىدىكىلەردىن كىمگە بېرىپ تۇرغان بولغىتىم دەپ سوراپ يۈرىدىغان، ئاشخانىدا تاماق يەپ بوپ قايتىپ كېلىپمۇ تاماق يىدىممۇ دەپ ئويلىنىپ تۇرۇپ قالىدىغان.... بولوپ قالغان. ھازىر ئۇنداق چارچاش يوق.
1. چۈشتە تاماق يەپ بوپ ئىشخانىغا قايتىپ كىرىسلودا 10 مىنۇتمۇ بولسا يېتىۋالىمەن.
2. سەل كېچىكىپ يوللىسىمۇ بولىدىغان ماتىرياللارنى تاشلاپ قويۇپ، ۋاقت چىقىرىپ ئالدىرماي تەييارلايمەن.
3. توردىن ياخشىراق كىنو (قىزىقارلىق، ياخشى كارتون، ھەركەتلىك، ئۇرۇش) نى چۈشۈرۈپ، فورمانىنى ئالماشتۇرۇپ، بارماق دىسكىغا قاچىلاپ كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ ھوزۇرلىنىپ كۆرىمەن.
3. نۇرمال خىزمەت ۋاقتىدا 15 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ ياخشى يېزىلغان ماقالىلەر بولسا كۆرىمەن.
4. ئانچە مۇنچە قەھۋە ئىچىمەن(كەچتە ئۇخلاشتىىن بۇرۇنمۇ ئىچىۋىرىمەن).
5، كەچتە يېتىپ «جاللات خېنىم»، «ئىز»، «ئويغانغان زىمىن» قاتارلىق ئېسىل ئەسەرلەرنى ئوقۇيمەن، 2 بەت ئوقۇپ بولمايلا بۇخاراغا يول ئالىمەن.
6. ئەتتىگىنى ئويغانغاندىن كىيىن دەرھال ئورنۇمدىن تۇرماي 5 مىنۇت ئېغىناپ، خىيال سۈرۈپ يېتىۋالىمەن. (بىر كىتابتا كۆرۈشۈمچە ئويغانغان ھامان ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىش سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەن)
7. كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئانچە كۆپ ئويلىمايمەن.
8. ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتا سەل ئارىسالدى بولسام 5، 10 مىنۇت ئىدارىنىڭ ھويلىسىدا تۇرۇپ كىرىمەن.
سىزمۇ سىناپ بېقىڭ، بەلكىم پايدىسى تىگەر.