ئىككى ياشلىق كىچىك بالىنى بىر ماشىنا سوقۇپ دەسسەپ ئۆتۈپ كېتىپ چاتىقى بولمىغان جۇڭگوچىلىقتا بۇ بىر فانتازىيە بوپ قاپتۇ .
بىر ساۋاقدىشىم ‹‹ جۇڭگوغا ساياھەتكە بارىتىم نېمىگە دېققەت قىلىشىم كېرەك ›› دېگەنتى ، ‹‹ قىزىل چىراق يانسىمۇ ئالدىراپ يولدىن ئۆتمە ، فرانسىيەگە ئوخشاش ساڭا توختاپ بەرمەيدۇ ، ‹ پىيادىلەر سىزىقى › دېگەننى كاللاڭدىن چىقىرىۋەت ، بۇنىڭ جۇڭگودا ھېچقانداق رولى يوق ، يەنىلا ماشىنا سەل ئازلىغاندا يۈگرەپ ئۆتىشىڭگە توغرا كېلىدۇ ؛ خەق ساڭا كېتىپ بېرىپ سوقۇلۇپ كەتكەندە سەن خاپا بولما دېسەڭ ‹ كۆزۈڭ يوقمۇ › دېسە كۆڭلۈڭگە بەك ئەپ كەتمە ، بۇنداق ئىشلار جىق ، ئەدەپلىكلەرمۇ بار ئەمدى ... ›› دەپ تىلىمنى چايناپ تۇرسام ‹‹ ئىككى ياشلىق قىزنىڭ فىلىمىنى كۆردۈم ›› دېمەمدۇ ... ئارتۇق گەپ قىلماي ‹‹ ئەمسە چۈشىنىپ بوپسەن ›› دېدىم . يەنە بىزنىڭ يۇرتلارنى بىرەر قۇر ماختاپ بەردىم ، ئوخشىمايدۇ دەپ .
ئۇ كىچىك قىزنىڭ فىلىمى راستلا دۇنياغا پۇر كېتىپتۇ دەپ قالدىم .
خۇدايىم ساقلىسۇن ئىشقىپ جۇڭگونىڭ بىرەر قالاقراق يېرىدە بىرەر ئىش بولۇشتىن .