كارخانىچىدا ھەمكارلىق روھى بولۇشى كېرەك
دۇنياغا داڭلىق كارخانىلارنىڭ كۆپ قىسمى كېچىكلىكتىن زورايغان. بۇ كارخانىلارنىڭ خوجايىنلىرى ھەمكارلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئاساسىنى پۇختىلاپ، بازار رىقابىتىدە پۇت تىرەپ تۇرالىغان.
كارخانا مەبلەغ توپلاپ تىجارەت باشلاش، مەھسۇلاتنى سېتىپ چىقىرىش، كۆلەمنى كېڭەيتىش، يېڭى تۈرلەرنى ئېچىش قاتارلىقلاردا باشقىلارنىڭ مەبلىغىدىن پايدىلىنىدۇ. كارخانا يېڭى تېخنىكىلارنى كىرگۈزۈش جەريانىدا، يېڭى تېخنىكىلارنى سېتىۋالغۇدەك كۆپ پۇل بولمىسا، تېخنىكىسى بارلار بىلەن ھەمكارلاشسا بولىدۇ. كارخانىچىنىڭ ھەمكارلىشىش روھى كۈچلۈك بولسا جەمئىيەتتىكى پايدا ئىزدەپ يۈرگەن كاپىتال، تېخنىكا، ئەمگەك كۈچى، خام ماتېرىيال، سودا ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى ئۆزى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدۇرالايدۇ.
ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەرنىڭ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇسۇلى ھەم ئۇلارنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرگەن جەريانغا قارىساق، ئۇلارنىڭ باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ھېس قىلىمىز. ئاپتوموبىل پادىشاھى فورد، نېفىت ماگناتى روكفېللىر، مىكروسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گايتىس قاتارلىقلار باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئىقتىدارى يۇقىرى شەخسلەردۇر.
شېرىكچىلىكنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ۋە كارخانىچىلار ياخشى ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھەمكارلىقنىڭ قانداق بولۇشى كېيىنكى تىجارەتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىش ياكى ئىگىلىك تىكلەشتىن ئىلگىرى كەلگۈسىدە ھەمكارلاشقۇچىلار ئارىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلسە ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ چېكىنىپ چىقىشىدىكى شەرتلەر ھەمكارلىشىش كېلىشىمىدە ئېنىق ئەسكەرتىلىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا توقۇنۇشنىڭ ئۆتكۈرلىشىپ، كارخانىنىڭ جەمئىيەت ئالدىدىكى ئوبرازىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
كۆپ ساندىكى كارخانىچىلار كارخانا قۇرۇشتىن ئىلگىرى شېرىكچىلىك كېلىشىمى ئىمزالىمىغانلىقى، ھېساب ئېنىق بولمىغانلىقى، ھېسابات باشقۇرۇشقا مۇۋاپىق ئادەم قويمىغانلىقى ئۈچۈن شېرىكلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئۇزاق داۋاملاشتۇرالمايدۇ.
كارخانا −− كۆپ ئادەم بىر گەۋدىلەشكەن، مەنپەئەت جەھەتتىن بىر - بىرىگە زىچ باغلانغان ئوخشىمىغان ھەمكارلاشقۇچىلاردىن تەركىب تاپقان ئەڭ زور پايدىنى نىشان قىلغان ئىقتىسادىي قۇرۇلما. شېرىكلەرنىڭ تونۇش جەھەتتىكى پەرقى، بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە بازارغا بولغان تونۇشى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بازاردىكى ھەر خىل مۇرەككەپ ئەھۋالغا يولۇققاندا، پىكىردە بىرلىككە كېلەلمەي شېرىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. زىددىيەت كۆرۈلگەندە، شېرىكلەر ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، زىددىيەتلەرنى پەيدىنپەي ھەل قىلىشى كېرەك.
شېرىكلىشىپ تىجارەت قىلغۇچىلار ئارىسىدا پايدا ئالسا مۇناسىۋەت ياخشىلىنىپ، تىجارەت ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا زىددىيەت ئۆتكۈرلىشىپ كېتىدۇ، ھەتتا پايدا ئالغان تەقدىردىمۇ ئالغان پايدىنى مۇۋاپىق بۆلۈشەلمەسلىك سەۋەبىدىن شېرىكچىلىك بۇزۇلىدۇ.
ھەر قانداق كارخانا مەيلى كۆلىمى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن شېرىكلەشكۈچىلەرنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا شېرىكچىلىكنىڭ قانداق بولۇشى ھەم كارخانا باشقۇرغۇچىنىڭ ھەمكارلىق ئېڭىنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقى كارخانىنىڭ كەلگۈسىنىڭ قانداق بولۇشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. قىيىن كۈنگە قالغاندا باشقىلارنى شېرىكلىشىشكە تەكلىپ قىلىپ، ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋالغاندا ئۇلارنى سىقىپ چىقىرىش ياكى قىيىن كۈنلەردە باشقىلارنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئىش كۆرۇش، ئەھۋال ياخشىلانغاندا ئۆز سەنىمىگە دەسسەش ئاخىرقى ھېسابتا كارخانىچىنىڭ ئوبرازىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ.
شېرىكلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپ كۆپىنچە، بىر - بىرىنىڭ مۇددىئاسىنى توغرا چۈشەنمەسلىك سەۋەبىدىن كۆرۈلىدۇ. شېرىكلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپ يۈز بەرگەندە ئۇلار مۇۋاپىق تۈردە سۆھبەتلىشىپ، كارخانىنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان ئاساستا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولىغا قاراپ ماڭمىسا كارخانا بازار پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. ئادەتتە شېرىكلەشكەن ھەر بىر كىشىنىڭ كارخانىنىڭ تىجارەت تەدبىرلىرىگە قارىتا قارىشى بولىدۇ. ئەگەر كارخانا خوجايىنى ھە دېگەندە ئۆزىنىڭ گېپىنى يورغىلىتىپ، كارخانىنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى قارار قىلغاندا باشقا شېرىكلەرنىڭ پىكرىنى ئالمىسا، ئۇنىڭ باشقا شېرىكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بۇزۇلىدۇ.
كارخانىدىكى ئوخشىمىغان شېرىكلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت كۈچىيىپ كەتكەن، زىددىيەتلەرنى دەرھال ھەل قىلىش تەس بولغان ۋاقىتلاردا كارخانا باشقۇرغۇچى ئامال قىلىپ، زىددىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن مەسىلىنى تەدرىجىي ئايدىڭلاشتۇرۇپ، زىددىيەتلەشكۈچىلەر بىلەن مۇئەييەن ئارىلىق ساقلاپ قالغان بىتەرەپ شېرىكلەرنى ئارىغا قويۇش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش لازىم.
http://www.radioxj.com/n17803c10.aspx