مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: 1miskal

قۇربانلىق قوي گۆشىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 02:00:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېيىتنىڭ نامىدا قۇربانلىق قىلىپ قويسا مېيىتكە ساۋابى يېتەمدۇ؟



بۇ مەسىلىدە ئالىملار ھەر خىل قاراشتا بولغان. دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈك بىر قاراشتا بەزى ئالىملار: كىشى ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن يېقىن تۇغقانلىرى ئۈچۈن خۇددى ھەج قىلىپ، روزا تۇتۇپ، سەدىقە قىلىپ قويسا بولغاندەكلا قۇربانلىق قىلىپ قويسا بولىدۇ، قۇربانلىق قىلىپ قويۇشمۇ بىر خىل سەدىقە، دەپ قارايدۇ. بۇ قاراشنى كېيىنكى ئالىملاردىن ئىمام ئىبنى تەيمىيە، شەيخ بىننى باز، شەيخ ئۇسەيمىن قاتارلىق ئالىملار تەرجىھ قىلغان.

ھەنەش رىۋايەت قىلىدۇكى، مەن ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىككى قوچقارنى قۇربانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن: بۇ نېمە؟ دەپ سورىسام، ئۇ: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا ئۆزى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشىمنى ۋەسىيەت قىلغان، شۇڭا مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىمەن، دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئەھمەد، بەيھەقىي ۋە ھاكىم قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان بولۇپ، بۇ ھەدىسكە ھۆكۈم قىلىشتا ھەدىسشۇناسلار ئىختىلاپلاشقان، بەزىلەر ئاجىز دەپ باھالىغان بولسىمۇ بىر گۈرۈپ ئالىملار سەھىھ ياكى ھەسەن دەپ باھالىغان. ئەبۇ داۋۇد بۇنىڭغا قارىتا ئۆز قائىدىسى بويىچە باھا قويمىغان، بۇ سەھىھ ياكى ھەسەن دەپ باھالىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، يەنە ھاكىم، زەھەبىي ۋە ئەھمەد شاكىر قاتارلىقلار سەھىھ دەپ قارىغان.

ئىمام بەيھەقىي دەيدۇ: بۇ ھەدىس سەھىھ ئىسپاتلانسا مۇسۇلمانلاردىن بۇ دۇنيادىن ئۆتكەنلەر ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىپ قويسا بولىدىغانلىقىغا دەلىل بولالايدۇ، دېگەن.

يەنە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى ھەم ئۈممىتى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغانلىقى سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگەن بولۇپ، ئۈممىتى ئىچىدە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھاياتىدا ۋاپات بولغانلارمۇ بار ئىدى. دېمەك ھەزرىتى ئەلىنىڭ ھەدىسى ئاجىز بولغان تەقدىردىمۇ بۇ سەھىھ ھەدىس ئۇنىڭغا شاھىت بولالايدۇ. يەنە مېيىت باشقىلارنىڭ ئىشلىرىدىن مەنپەئەتلىنىدۇ، دېگەن ئومۇم قائىدە ئاستىغا كىرىدۇ.

يەنە بىر گۈرۈپ ئالىملار: مېيىت ۋەسىيەت قىلغان ئەھۋالدا قۇربانلىق قىلىپ قويسا بولىدۇ، دەپ قارىغان. يەنە بىر گۈرۈپ ئالىملار: مېيىت ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىش مەكرۇھ دەپ قارىغان. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 02:05:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇربانلىق قىلماي قۇربانلىق مالنىڭ پۇلىنى سەدىقە قىلسا بولامدۇ؟


كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈك قارىشىدا قۇربانلىققا مال بوغۇزلىماي مال ئالىدىغان پۇلنى نامراتلارغا سەدىقە قىلسا قۇربانلىق ئادا بولمايدۇ، مال ئېلىپ بوغۇزلىماي گۆش سېتىۋېلىپ پۇقرالارغا تارقىتىپ بەرسىمۇ ئوخشاشلا قۇربانلىق ئادا بولمايدۇ، قىلغىنى پەقەتلا ئادەتتىكى سەدىقە بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا دەيدۇ: ](كەئبىگە ھەدىيە قىلىنىدىغان) تۆگىلەرنى سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىدىن قىلدۇق، ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن خەير باردۇر، شۇڭا ئۇلارنى قاتار قىلىپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىڭلار، بېقىنلىرى يەرگە چۈشكەندە، ئۇنىڭدىن ئۆزەڭلارمۇ يەڭلار، قانائەتچان مۇھتاج ۋە سائىلغىمۇ يېگۈزۈڭلار، سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ، ئۇلارنى بىز سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ياكى قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا پەقەت سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلار يېتىدۇ، ئاللاھنى سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئەھكاملىرىغا يېتەكلىگەنلىكىگە ئۇلۇغلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇلارنى سىلەرگە ئاشۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش بىشارەت بەرگىن[ (ھەج سۈرىسى 36-37-ئايەتلەر.)

دېمەك كەئبىگە ھەدىيە قىلىنىدىغان قۇربانلىق، ھېيت قۇربانلىقى ۋە ئەقىقە قاتارلىقلار دىننىڭ ئالامەتلىرى، شوئارلىرى، بەلگىلىرىدۇر، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدۇر، ئەگەر قۇربانلىققا مال سويماي نامراتلارغا پۇل ياكى گۆش تارقىتىپ بېرىش ئەۋزەل بولىدىغان بولسا، ياكى قۇربانلىقنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان بولسا، ئەلۋەتتە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق قىلغان بولاتتى.

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86243
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 79
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2014-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 02:34:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇربانلىق قوي گۇشىنى يات دىندىكىلەرگە  يىگۇزسسە بۇلامدۇ؟تەبىر  بىرىلسە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 1053
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 85
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2639 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 02:36:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bugaltir يوللىغان ۋاقتى  2012-10-19 01:57 PM
قۇربانلىق ماللارنىڭ تېرىلىرىنى توپلاپ سېتىپ پۇلىنى سە ...

ئىسىمى خاتا بولۇپ قاپتۇ.
ئۇلۇغ ئاللا تائالادىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا قۇربانلىق قىلىش ۋەھىي كەلگەن. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلۇغ ئاللاھتىن نېمىنى قۇربانلىق قىلىش ھەققىدە سورىغاندا، ئۇلۇغ ئاللاھ «سەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسەڭنى قۇربانلىق قىل!» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئەڭ ئامراق ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ يولىدا قۇربانلىق قىلىشنى نىيەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامغا دېگەندە، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ئاللاھ يولىدا مېنى قۇربانلىق قىلسىڭىز بولىدۇ، دېگەن...


ماۋۇ ئىنكاس باشقىچە تۇردۇ؟ بۇنىڭغا قانداق قارايسىز ؟ مەن بۇنداق ئاڭلىمىغان ...«سەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسەڭنى قۇربانلىق قىل!» بۇنداق گەپ يوقتۇ ؟

ئىبرايىم ئەلايسىلامنىڭ  ئامراق ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىش توغرىسىدا چۈشىگە كىردىغۇ؟
ئاندىن ئوغلىنى قىلبىگە قارتىپ (ئاللاھۇ ئەكبەر)دەپ پىچاق سۈرگەندە پىچاق ئۆتمەيدۇ ..مەن شۇنداق كۆرگەندەك قىلغان كىتاپتا .. بىر چۈشەنچە بەرسىڭىز..

پىلدىن بۈيۈك پىل ئوۋچىسى بار . ـــــــــــــــــــ بۆرىلەر ۋادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85654
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 188
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2012-10-3
ئاخىرقى: 2015-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 03:25:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2000-يىلدىن كىيىن تۇغۇلغانلار  مىنىڭچە قۇربان ھېيىتنى قانداق  ئۆتكۈزۈشنى ،نىمنىڭ پەرىز ئىكەنلىكىنى ئۇقمايۋاتسا كىيىنچە بىز ئۇيغۇر باللىرى نىمىنىڭ ساۋاب ئىكەنلىكىنى قۇربان ھېيىتنى قانداق ئۆتكۈزەر؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25591
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6417
تۆھپە نۇمۇرى: 393
توردا: 844 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2014-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 04:04:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداق ئۆتكۇزەتتى    ‹‹库尔班节快乐,干杯!》     دەپ ئۆتكۇزەمدىكى دەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37650
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4392
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 1395 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 04:35:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ يۇرتلاردا قۇربانلىق قوينىڭ تېرىسىنى ئىمام،مايزىنڭ ھەققى دەپ ئىمام ،مايزىلار يىغىۋالىدۇ.

شەمشەر

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41664
يازما سانى: 1777
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6393
تۆھپە نۇمۇرى: 337
توردا: 5668 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 11:45:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا قۇربان ھېتمۇ كەپ قالدى . قۇربانلىق قىلدىغان قوينى ئۆزەم سويۇپ باقسام دەيمەن .

ئادەم ئۆز قىممىتىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57398
يازما سانى: 470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5498
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2011-9-21
ئاخىرقى: 2013-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-20 06:13:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
diwane يوللىغان ۋاقتى  2012-10-19 01:00 PM
قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمىسەڭلار ماڭا بەرسەڭلار س ...


ھويلامىنى بىزەپ قويدۇم.كۈرۈپ بىقىڭلار (كۈلگەن  چىراي ئىپادىسى )

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85856
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 127
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2012-10-8
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 09:46:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇربانلىق قىلىش ھەققىدە بەرگەن بىلىمىڭىزگە رەھمەت .ئاللا نېسىپ قىلسا ،تەلىمىڭىزنى ئېسىمدە تۇتىمەن.ئاللا سىزگە ئەجېر بەرسۇن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش