تۇرسۇن كۆك
(مىكرو ھىكايە)
كىچىك ۋاقتىمدا بىزنىڭ مەھەللىدە تۇرسۇن دەيدىغان بىر تەڭتۈش ئادىشمىز بۇلدىغان ،خېلى يېقىن ئۈتەتتۇق، ئائىلىسى نامىراتراق بۇلۇپ مەكتەپتىمۇ ئۇقىمايتى ،تۇيۇقسىز بىرمەزگىل يۇقاپ كېتىپ يەنە پەيدا بۇلۇپ قالدى،قارىساق كېيىنىشمۇ باشقىچە،شاڭخەي پاسۇنىدا خۇددى كىنودىكىدەك كېيىنىپتۇ ،گەپ -سۆزلىرىمۇ باشقىچە تۇيۇلدى، شۇنىڭ بىلەن كېيمىنىڭ رەڭگىگە ئاساسەن « كۆك »دېگەن لەقەم قۇيۇلۇپ« تۇرسۇن كۆك» دەپ ئاتالدى.
بىركۈنى كەچتە مەكتەپتىن قايىتىپ كىلىپ تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن مەھەللىدە بىرنەچچىمىز تۇرسۇن كۆكنى چاقىرىپ پاراڭلىشىپ قالدۇق ھەمىمىز قىزقىپ ئۇنى –بۇنى سورايتۇق.
ئاداش نەگە باردىڭ؟
ئىچكرنىىڭ بىرقانچەشەھەرلىرىگە دېدى .
نىمە ئىش قىلدىڭلار ؟
نىمە ئىش قىلاتتۇق ئوغىرلىق قىلدۇق ،شۇ ۋېلىسپىت قوغلاپ، كۆتەرمىكەشلىك قىلىپ دېگەندەك.شۇ چاغدا بىزدە ئۇنىڭغا نسبەتەن قىزقىشلا بار ئىدى.
نىمە ئۇ ۋېلسپىت قوغلاش دېگەن؟
ۋېلسپىت مېنىپ كېتىپ بارغانلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ئېسۋالغان سومكىسدىكى ھەميان ،تېلفۇن قاتارلىق نەرسىلىرنى تۇيدۇرماي ئېلۋالمىز .
ئۇنداقتا كۆتەرمىكەشلىك دېگەنچۇ؟
بۇ بىر نەچچىمىز بازار ئايلىنىپ يۈرۈپ يايمىكەش، سودىگەر قاتارلىق مەيلى كىم بۇلىشدىن قەتئىي نەزەر سومكىسلا بولسا بىريەرگە قۇيۇپ ئېلىپ بولغىچە دەقىقە ئىچىدە قولتۇققا قىستۇرۇپ كۆتۈرۈپ ماڭىمىز شۇ..
ئو ... ماندا دەڭلا . ھە ئاداش تۇتۇلۇپ قالساڭلا قانداق قىلسلە؟
بوينىمىزنىڭ تىرىسىنى كىسىۋالىمىز شۇنىڭ بىلەن قان چىقىدۇ-دە قاندىن قورقۇپ قۇيۇۋىتىدۇ.
قېنى سىلنىڭ بوينىڭلىدىمۇ تاتۇق بامۇ ؟
بار بار مانا ،.
ئو ..راست باركەن.. ھە شۇنىڭ بىلەن قۇيۋىتەمدا؟
ھەئە ..
سىلە تۈرمىدىمۇ يېتىپ باقتىڭلىمۇ؟(تۈرمە دىگەن ئۇقۇم تۆت
تامنىڭ ئىچى ئىدى)
ھەئە، تۇنجى قېتىم 1ئاي ياتتىم ،كىرىپ كەچ بولغاندا كامىردىكىلەر تۇرە دەپ ، بىرسى كېلىپ سەن نېمىدەك دەپ سورىدى ،ئادەمدەك دىسەم تاراس -تۇرۇس قىلىپ ئۇرۇپ كەتتى ،يەنە نېمىدەك دەپ سورىغانتى، سىلە نىمە دىسەڭلا شۇنىڭدەك دېسەم يەنە ئۇرۇپ كەتتى .شۇنىڭ بىلەن كامىرنىڭ نوچىسى چاقرىپ سەن كىمنىڭ ئادىمى دەپ سوراپ بىلگەندىن كېيىن تەربىيلەش تۈگىدى. ئەسلى سۇئال سوراش ئارقىلىق تۇنجى كىرىشمۇ ياكى كونىمۇ شۇنى بىلۋالغاندىن كېيىن شۇنىڭغا قاراپ ئىش كۆردىكەن.كېينكى قېتىم كىرگەندە تاياق يىمىدىم. لىكىنزە ئايرۇپىلان ئۇچۇرۇپ بوزەك قىلدى.
ئاداش ئەسلى نىمە دەيدىكەنتۇق؟
ھەي... ئەسلى سەن نېمىدەك دىسە :يولۋاستەك، يەنە نېمىدەك دىسە :بۈركۈتنىڭ ئالقىنىدا تۇرالىغۇدەك دەيدىكەنمىز.
ئاداش ئايرۇپىلان ئۇچۇرۇش دېگەن نېمىكەن ؟ قىزقىش ئىلكىدە توختىماي سورايتۇق.
ئۇخلاپ قالغاندا پۇت ياكى قۇلىمىزنىڭ بارمىقىغا قەغەز پارچىسى قىستۇرۇپ ئوت ياقساپۇت ياكى قۇلىمىز كۆيۈپ ۋارقىراپ ئورنىمىزدىن تۇرۇپ كېتىدىكەنمىز ،شۇكەن ئايرۇپىلان ئۇچۇرۇش دىگەن .
تېخى موتوسىكىلىت مېنىشمۇ بار، ئادەمنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ئىككى قۇلىنى كەينىگە قارىپ ،بىر پۇتىنى كەينىگە قىلىپ پۇتنىڭ ئۇچىنى يەرگە تىرەپ قۇيۇپ پۇتنىڭ ئالقىنىغا دەسىسە ۋايجانلاپ كېتىدىغان گەپكەن .
تۈرمىدە نېمە ئىش قىلسىلەر ؟
رېستۇرانغا ئىشلىتىدىغان قەغەز قاتلايمىزياكى قەغەز يەشىك ياسايمىز.
تاماقچۇ؟
كىرگەندىن كېيىن كۈندە ۋاخاخا بىلەن ۋاۋاتو يەپ يۈردۇق .
ئەجەپ ياخشى نەرسە بىردىكىنا ؟ (ۋاخاخا، ۋاۋاتو دېگەنلەر شۇ ۋاقىتتكى ئىسل ماروژنى ئىدى)
نەرى ياخشى ئاداش ،ۋاخاخا دىگىنى كالىغا بەرسىمۇ يىمەيدىغان سېسىپ قالغان يېسىۋىلەكنى قالايمىقان توغراپلا قازاندا قايناتقان يىسىۋىلەك شورپىسى ،ۋاۋاتو دىگەن قۇناق ئۇننىڭ كېپىكنىڭ كېپىكىنى قاسقاندا دۈملەپ ھور ناندەك قىلىپ بىرىدۇ ..
ئو ... ماندا دەڭلا.. كەچ بۇلۇپ كەتتى ئۆيگە كىرىپ ئۇخلايلى.
شۇنداق قىلىپ 15-20 كۈندىن كېيىن تۇرسۇن كۆك يەنە يۇقاپ كەتتى ، ھەي يەنە ئېچكىرگە كېتىپتۇ –دە .
.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كۆلەڭگە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-20 02:08 AM