xahroh يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 05:05 PM
بەيدۇ تورىدىن مۇسۇلمانچە بولمىغان خۇرۇچلارنى ئىزلەۋې ...
香精 (مۇئەتتەر، خۇشپۇراق ماتېرىياللار)، 食品添加剂 (تەم كىرگۈزگۈچى)_ ھەرخىل خىمىيىلىك تەركىبلەردىن ياسىلىدىغان بولۇپ، بۇنى قوشۇش ئارقىلىق يېمەك-ئىچمەكنىڭ تەمى ۋە پۇرىقىنى ئۆزگىچە ھالەتكە كەلتۈرىدۇ.
بىر ماتېرىيالدا كۆرۈشۈمچە بەزى香精، 添加剂 لارنىڭ تەركىبىدە 明胶( ژىلاتىنا، يار يىلىم، ھايۋانات يىلىمى) دەيدىغان بىر ماددا باركەن، بۇ ھايۋانات سۆڭىكىدىن (ئاساسەن چوشقا سۆڭىكىدىن) ئايرىپ ئېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ نەرسە قوشۇلغان يېمەكلىك مۇسۇلمانچە ئەمەسكەن. قارىساق 喔喔奶糖، 大白兔 كەمپۈتلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈلىشىدە «明胶» دېگەن بۇ نەرسە بار. (شۇڭا ئۈستىدە مۇسۇلمانچە دەپ خەت يوق.) ئەمما بۇ ئىككى خىل كەمپۈتكە بالىلار ۋە بىر قىسىم ياشلىرىمىز بەكلا ئامراق.
ئۇنىڭدىن باشقا، 甘油 (گىلىتسىرىن) دەپ ئاتىلىدىغان بىر ماددا بولۇپ سېغىزغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇمۇ ئاساسەن چوشقا مېيىدىن ئايرىپ ئېلىنىدىكەن. قوتاز مېيىدىن ئايرىپ ئىشلەنگىنىنىڭ يېپىشقاقلىقى چوشقا مېيىنىڭكىدىن كۆپ تۆۋەن تۇرىدىكەن. قارىساق 绿箭، 木糖醇، 比巴卜، 大大 سېغىزلىرىنىڭ تەركىبىدە بۇ نەرسە بار. ئەمما مۇسۇلمان ئۇيغۇرلىرىمىز كارى يوق ھالدا چايناۋېرىدۇ. ئەجىبا بۇ سېغىزلارنىڭ ئۈستىدە مۇسۇلمانچە خېتى بارمۇ؟
ئەمما تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كىرگۈزۈلگەن سېغىزلارغا 阿拉伯胶 دېگەن ماددا ئىشلىتىلىدىكەن. قارىغاندا سېغىز چاينىغاندا تاللاپ تۇرۇپ تۈركىيە ۋە سەئۇدىنىڭ سېغىزلىرىنى چاينىساق بولغۇدەك.
ئەمما تەركىبىگە 明胶 دەپ يېزىلغان كەمپۈتلەرنى ھەرگىز يېمەڭ. بۇ ھارام نەرسە.