بۇ يەرنىڭ ئىسمى يەركەنمۇ ياكى يەكەنمۇ ؟ سىز مۇشۇ يەرلىكمۇ ؟ بۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم، مەن يەكەن ناھىيىسدىن بولىمەن.
بۇيۇرۇت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان قەشقەر ۋىلايىتىگە قارايدۇ، ھازىرىچە بىر ناھىيە بىراق يەركۆلۈمى جەھەتتە 1-ئورۇندا تۇرۇدۇ.
يۇرتىمىز ئىلگىرى سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ ئاستانىسى بولغان ئىكەن، كېيىنكى دەۋىرلەرگە كەلگەندە ئاپپاق خوجا دېگەن خوجا-ئىشانلار باشلاپ كەلگەن موڭغۇللار تەرىپىدىن باستۇرلۇپ سەئىدىيە خاندانلىقى ئاخىرلاشقان ئىكەن.
ئىسلام دېنىنىڭ تارقىتىلغان ئورنىغا كەلسەك، يەكەن ناھىيسى ئەمەس، شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم دېيارىمىزغا تۇنجى قتىم ئىسلام دېنى كىرگەن يۇرۇت ئاتۇش، يەنى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان دەۋرىدە ئاتۇشتىن تارقالغان.
بۇلار توغۇرلۇق تېخىمۇ كۆپ بېلىمگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز « جاللات خېنىم » ، « باھادىر نامە »، « سەئىدىئە خانلىقى »، « سۇتۇق بۇغراخان » ناملىق تارىىخى رومانلارنى ئوقۇسىڭىز ئاندىن ئەڭ توغىرا جاۋابقا ئېرىشەلەيسىز دوستۇم. مەن مۇشۇ يەرگىچە دەپ تۇراي، قالغىنىنى يۇقاردا دېگەن كىتابلاردىن كۆرىۋالغايسىز.