kaLGundi يوللىغان ۋاقتى 2012-10-23 07:22 PM
ھاھاھاھا مۇشۇ پىشانىگە پۇتۇلگەن مۇشۇكەن. تەقدىر مۇشۇ ...
شەپەرەڭ ئۆزىنى ئوتقا ئۇرىدۇ . ئەمما ئۆزىنىڭ كۆيۈپ ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ .
خۇدا ئۇنىڭغا بۇنى بايقىغۇدەك ئىقتىدار بەرمىگەن . ئەمما ، ئىنسان ئوخشىمايدۇ .
خۇدا ئۇنىڭغا ئەڭ ئالىي ھوقۇقنى ، يەنى تاللاشنى بەرگەن .
‹‹پىشانەمگە پۈتۈلگىنى شۇكەن ›› دەپ ياشاش ، نېمدىگەن ھاماقەتلەرچە ئېيتىلغان
سۆز ، ياشاش ئۇسۇلىي ھە ؟ بۇ يا ئېتىقادىنىڭ يا ئىلىمىنىڭ تايىنى يوق كىشىلەرنىڭ
تاپقان گېپى . سىز دېگەندەك ھاراقكەشكە تېگىۋېلىپ تاياقنى بولۇشىغا يەپ ، ئائىلە
خۇۋلۇقى كۆرمەي ، << تەقدىرىم شۇكەن >> دەپ ياشايدىغان ئاياللارغا ھىسداشلىق
قىلغۇمىز كېلىدۇ .
ناۋادا ، راستىنلا نىكاھ ئىشى بىر ئادەمنىڭ تەقدىرىگە ئاللىبۇرۇن پۈتۈلىدىغان ئىش
بولغان بولسا ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسالام : ‹‹ نىكاھ قۇللۇققا ئوخشايدۇ
شۇ سەۋەبتىن قىزىڭلارنى كىمگە بېرىۋاتقىنىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار ! ›› دەپ بىزنى
ياخشىلىققا ئۈندىمىگەن بۇلاتتى .
رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزى ، نىكاھنىڭ ئالدىنئالا تەقدىر تەرىپىدىن پۈتۈلۈپ كېتىدىغان
ئىش ئەمەس ئەمەسلىكىگە ئىسپات بولالايدۇ .
دېمەك ؛ تاللاش ئۆزىمىزدە ، تار ئىشتان ، يالاڭباش مودا خېنىم ئالىمىزمۇ ؟ خەنزۇ ـ
رۇس ئالىمىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئىخىتيارىدىكى ئىش . بەخىتلىك بولالايدىغانلىقىمىزغا
كۆزىمىز يەتسە ، يەھۇدىي ئالساقمۇ بولىدۇ . خۇدانىڭ بىزنى بەخىتكە ئېرىشتۈرۈش
ئۈچۈن ياراتقان . خۇدا بارلىق بەندىللىرىنى سۆيىدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-24 01:40 AM