Suchi يوللىغان ۋاقتى 2012-10-24 11:31 AM
قۇربان ھېيت ھارپىسىدا نومۇسسىز تىلەمچىلەر ئۈرۈمچى كوچ ...
مەنمۇ دىققەت قىلغان . بىر تىلەمچى ئايال شۇنداق يۇقىرى ئاۋازدا يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتىدۇ . يېنىدىكى ھارۋىدا 4-5 ياشلاردىكى بىر قىز كۆزى يۇمۇقلۇق ، ئېغىزى يوغان ئېچىقلىق ھالدا ياتىدۇ . ھېلىقى قىزغا بەكلا ئىچىم ئاغرىدى . ئۇ مىدىر سىدىر قىلماي ياتاتتى . بىرىنچى كۈنى مەنمۇ ئۇ ئايالغا پۇل بەردىم . نۇرغۇن كىشىلەر پۇل بەردىغۇ دەيمەن . لىكىن قارىسام ئەتىسى ،ئۆگۈنى ....تا بۇگۈنگىچە .ئۇ ئايال ۋە ئۇ كىچىك قىز يەنىلا شۇ ھالەتتە دۆڭكۆۋرۈكتە بار . ئۇ ئايال ئۇ قىزنى دوختۇرخانىغا ئاپارمامدىغاندۇ ، بار پۇلغا داۋالاتقاچ تۇرمامدۇ ، بۇنداق كىسەل كىچىك بالا مۇشۇنداق ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان كوچىدا ئاشۇنداق يېتىۋەرسە ئەھۋالى قانداق بولار دەپ ئويلىدىم . ئۇ بالىنى يالغاندىن شۇنداق يېتىۋالدىمىكىن دىسەم ، قىز بەكلا كىچىك ، پەقەتلا مىدىرلىماي ، ئېغىزىنى يۇمماي شۇ يەردە نەچچە سائەت يېتىش ھەر قانچە ئۇستا ئارتىسنىڭمۇ قولىدىن كەلمەيدۇ . ۋاي ئاللا ...ئۇ قىز ئۆلۈپ بولغانمۇ يا دېگەنلەرنىمۇ ئويلاپ قېلىۋاتىمەن . بۇدا كۆرسەم يەنىمۇ ئوبدانراق قاراپ باقمىسام .