ئېسىل (ئۇچقۇنى)
ئۇيغۇر دىگەن بۇ نام ئېسىل، ئۇيغۇر قىزى ئوغلام ئېسىل. ئۇيغۇرغا خاس ئۇيغۇر قېنى، پەخرىم ئەجداد بوۋام ئېسىل.
كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن بۇ، ئەزىز ئانا يۇرتۇم ئېسىل. تاج-تەختكە تىگىشكۈسىز، ئىگىز ئايۋان سۇپام ئېسىل.
ئارام ھوزۇر جەننەت كەبى، باغ-ۋارانلىق ھويلام ئېسىل. كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر كۆڭۈل، مىھماندوست تام قوشنام ئېسىل.
توي-تۈكۈندە خوپ ياراشقان، شايى ئەتلەس دوپپام ئېسىل. مىڭ ئاڭلىسا قانمىغۇدەك، نەغمە مەشرەپ مۇقام ئېسىل.
زىھنى كۈچۈم ئۇرغۇپ تۇرار، شورپا كاۋاپ زاغرام ئېسىل. توغراقلاردا يېڭىلمەس روھ، ئەلگە سايە ئۈجمەم ئېسىل.
زوق قوزغايدۇ چىقسام شۇنداق، سالقىن مەپە ھارۋام ئېسىل. ھاياجاندا سۈيۈنەرمەن، ئىززەت-ئىھرام سالام ئېسىل.
بارسام سەھرا بويلىرىغا، توپا-چاڭلىق كوچام ئېسىل. چەكسىز كەتكەن قۇملۇق ئارا، ماڭغىنىمدا تۇيغۇم ئېسىل.
كىچەلمەيمەن سەندىن ۋەتەن، ئۇيغۇر تىلى ئاشنام ئېسىل. ئاھ يەنە چۆمدۈم بەخىتكە، قوينۇڭدا ھېيت بايرام ئېسىل. 2012.10.24
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-24 11:56 AM
|