NIJATKAR يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 02:29 PM
ئارىدا ئۇقۇشماسلىق بولغاندەك قىلىدۇ، بۇيەردە گۆلەننڭ ...
ئۇيغۇر مىللىتى قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەت.ھالا بۇگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئەجدادلارنىڭ شان شۆھرەت ۋە سەلتەنىتىگە ۋارىسلىق قىلالمىغىنىمىز بىزنىڭ مەغلۇبىيىتىمىز.مانا بۇ بىزدىكى ئىللەتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. نادانلىق بىزنى تەكلىماكان بۆشىكىگە ئەللەيلىتىۋەتتى.
بىزدە ئىللەتنىڭ بارلىقى ئىنىق. بۇ كۆز يۇمغىنى بولمايدىغان ھەقىقەت.قىسمەن كىشىللىرىمىز بۇ ئىللەتلەردىن مۇستەسنا بولغان بىلەن پۇتۇن گەۋدە بويىچە ئىلىپ ئىتقاندا بىزدە ھەقىقەتەن باشقىلاردىن ئوشۇق ئىللەت بار.بۇنى تەكىتلەش زۆرۇر.بۇ ھەقىقەت.
بىز مىللەتنى ئوپراتسىيە قىلىپ ئىچىدىكى يىرىڭلارنى تازلىشىمىز كىرەك .بۇنۇڭغا چوقۇم ناركۇز كىتىدۇ. گۈللەننىڭ مىللەتتىن پەخىرلىنىش ھىسياتى توغرا.مانا بۇ ھازىرقى بىزگە كىرەكلىك ناركۇز.بىز بۇ ناركۇز بىلەن ئىللەتنى يوقىتىمز.مىنىڭ دىمەكچى بولغان ناركۇزۇم ھەرگىزمۇ ئۇخلۇتۇش ئەمەس.بەلكى پەخىرلەندۇرۇش ناركۇزى. بۇ ناركۇزنى ئەملەش ئارقىلىق كىشىلەرنى مىللەتتىن پەخىرلەندۇرۇپ ئۆز قىلمىشلىرىنى ئەنئەنىگە يات قىلىق ئىكەنلىكىنى تونۇتۇش.مانا بۇ گۈلەننىڭ مۇۋاپىقيىتى.ھەربىر دورا ئوكۇلنىڭ تەسىرى بولغۇنىدەك گۈلەن ناركۇزىنىڭمۇ ئەكىس تەسىر نۇقتىسى بار .مىللەتتە ئىللەت چورىتلا يوق دەپ مۇئەييەنلەشتۇرۇپ ئەدىپلىرىمىز ( مەسىلەن:لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدىخالىق ئۇيغۇر،ئەختەم ئۆمەر،ئابدىشۇكۈر مۇھەممەت ئىمىن)بارلىققا كەلتۇرگەن يۆنۇلۇشنى يەنى ئىللەتنى تۇزىتىش نەزىريىسىنى يوققا چىقىرىپ قويىۋاتىدۇ.مىنىڭ گۈلەن ۋە ئەختەم ئۆمەر ئىدىيىسى توغرىسىدا دىگەن يازمامدا بۇ توغۇرلۇق توختۇلۇپ ئۆتتۇم.مىنىڭ تەكلىپىم بىز بۇ ئىككى قاراشنى دىئالىكتىكىلىق بىركتۇرىشىمىز كىرەك.شۇنداق قىلساق گاڭگىراپ قالمايمىز.
ئىللەتنى تەنقىتلەش ھەرگىزمۇ مىللەتتىن سەسكىنىش ۋە تىللاش ئەمەس.بۇ گەپنى دىگەن ئادەمنىڭ چوقۇم مەسىلىسى بار.بۇ خۇددى بالىسىغا دورا يىگىزمەكچى بولغان ئانىنى بالىسىنى ئۆلتۇرمەكچى دەپ پىتنە تارقاتقانغا ئوىشايدۇ.