nap~rat يوللىغان ۋاقتى 2012-10-25 02:15 AM
سىز رازىۋىچىكمۇ نىمە ؟ خۇددى تۈرمىدىن قېچىشتىكى ئالى ...
ئىنكاسىڭىزغا رەخمەت،مەن خۇمدانلىق تەرەپتە تۇرىمەن.يەنئەن يولى،ئازاتلىق يولى،تېنچلىق يولى،غالىبىيەت يولى،شىنخۇا جەنۇبى يولى ۋە شۇ ئەتراپ ماڭا بەشقولدەك تونۇش،مەن مۇشۇ شەھەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان،تەڭرىتاغ رايونىغا ئاجايىپ مېھرىم بار،بىكار ۋاقىتلىرىمدا خۇمدانلىقتىكى ئۆيۈمدىن پىيادە مېڭىپ،خەلق يولى ئۆتۈشمە كۆۋرىگى ئارقىلىق جەنۇبى قوۋۇققا بارىمەن،hantengri جامەسى ئالدىدا بىرەر تىلىم تاۋۇز يەۋېتىپ،ئازاتلىق يولىنى بويلاپ بۇلاق بېشى كوچىسى تەرەپكە ماڭىمەن،ئارىلىقتا ئات بازىرى تەرەپتىكى كوچىغا كىرىپ،بەيتۇللاھ مەسچىدى ئالدىدىكى قايناق بازارنى كېسىپ ئۆتىمەن،بۇ بازار شۇنچە قىستاقىستاڭ بولغىنىغا قارىماي يەيدىغان ھەرقانداق نەرسە تېپىلىدۇ،مەسچىد ئالدىدا قىستىلىپ تۇرۇپ كىچىك پىيالىدە تولىمۇ تەملىك پۇشۇرۇلغان نوقۇت قايناتمىسى يېيىشكە بەك ئامراق،تۆمۈرچى،مىسكەرچى،باققال،ئاشپەز،ناۋايلارنىڭ تۇرمۇش ھەلەكچىلىگىدە ھەممىنى ئۇنتۇپ قىلىۋاتقان سودىلىرىغا قىزىقسىنىپ قارايمەن،بۇلاق بېشى كوچىسىغا چىقىپ مىللەتلەر كوچىسى ئىچىدىكى قاشتېشى بازىرىنى بىر ئايلىنىپ خوتەن شېۋىلىرىدىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىپ يېنىپ چىقىمەن.ئاندىن بۇلاق بېشى بىلەن ئازاتلىق يولى كېسىشكەن دوقۇمۇشتىكى تاشلاندۇق ئېگىىز بىنانى ئايلىنىپ ئۆتۈپ دۆڭكۆۋرۈك تەرەپكە ماڭىمەن،سۈبھى،ئابلىز سودا سارايلىرىدىن ئۆتۈپ ئاقمەسچىد جامەسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ،قېرى بوۋايدىن دادامغا مىسۋاك سېتىۋالىمەن،مىغ-مىغ كېتىپ بارغان ئادەم دېڭىزىدا ئۆزۈمنى تولىمۇ ئەركىن ھېس قىلىمەن،دۆڭكۆۋرۈكتە ئىخلاس شېركىتىنىڭ باش دۇكىنىغا كىرىپ تۈركىيەنىڭ ئاركو ماركىلىق ساقال ماغزىپى بىلەن،ئۈلكەر سېغىز كەمپىتى ۋە تۈركىيە زەيتۇن مېيىدىن بىر قۇتا سېتىۋالىمەن(بۇ چاغدا قولۇمدىكى نەرسىلەر خېلى ئېغىرلىشىپ قالىدۇ)،ئادەتتە دۆڭكۆۋرۈك بازىرى ئىچىگە بەكمۇ كىرىپ كەتمەيمەن(ئاساسەن ساياھەت بۇيۇملىرى سېتىلىدۇ ئەمەسمۇ)،لېكىن يېقىندىن بۇيان 3-قەۋەتنى تۈركىيە كىيىم كېچەك مەخسۇس سېتىش بازىرى قىلىپ ئۆزگەرتكەندىن كېيىن كاستيوم سېتىۋالماق بولۇپ بىرنەچچە قېتىم كىرىپ چىقتىم.يەر ئاستى ئۆتۈشمە يولىدىن ئۆتۈپ خەلقئارا بازار تەرەپكە ئۆتۈپ،يولغا قارىتىلغان ئەرلەر كىيىملىرى سېتىش دۇكانلىرىنى بىرەر قۇر ئايلىنىمەن،ئېپى كەلسە بىرەر تال كۆينەك،شىم ياكى مايكا دېگەندەكلەرنى سېتىۋالىمەن،خەلقئارا چوڭ بازاردا كەررېفور تاللا بازىرى ئېچىلغاندىن تارتىپ مەن دائىملىق خېرىدارى ئىدىم،قىش كۈنلىرى ھەر ھەپتە دېگۈدەك ئۆي بويىنچە كېلەتتۇق(ئۈرۈمچىنىڭ زىمىستان قىشىنى بىلىسىز،كىچىك بالىلارنى سىرتقا ئاچىقىپ ئوينىتىش مۈمكىن ئەمەس) ،ماشىنامنى يەر ئاستى توختۇتۇش مەيدانىغا توختۇتۇپ،بالامنى ھارۋىغا سېلىپ كەررېفورنى قانغۇچە ئايلىنىمەن،بىر ھەپتىلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى بىراقلا سېتىۋالىمەن.يېقىندىن بۇيان بەكمۇ بارمايدىغان بولدۇم،سەۋەبى ماشىنا توختۇتۇش بەك ئەپسىز بولۇپ كەتتى،قاچان بارسا ئورۇن يوق دەپ تۇسۇۋالغان،يەر ئۈستىدىكى مەيداندا توختاتسىڭىز سائاىتىگە 5سوم توختىتىش ھەققى ئالغان.ھازىر ئاساسەن ئارمانغا بېرىپ سېتىۋالىمەن.
خەلقئەرا چوڭ بازارغا باردۇقمۇ،بالىلىرىم كېنتاكى خامبۇرگېر يەيمىز دەپ تۇرۇۋالىدۇ،مۇسۇلمانچە خېتىغا قاراپ كۆڭلىمىزنى توختىتىپ يەيمىزدە ئەمدى،كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەلبېك ھامبۇرگېر دۇكىنى ئېچىلىۋىدى،شۇ يەرگىلا كىرىدىغان بولدۇق(لېكىن بالىلىرمغا شۇنداق بەلگىلىمە بار،ئايدا پەقەت بىر قېتىملا يېيىشكە بولىدۇ).
خەلقئارا چوڭ بازارنىڭ ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇش توپىدىن ئايرىلىپ،يەر ئاستىغا شۇڭغۇيمىز،ۋاھ.... دېمىغىڭىزغا ھەرخىل ئەتتىر،تەرپۇراقلىرى ئارىلىشىپ كەتكەن بىرخىل پۇراق گۈپپىدە ئۇرۇلىدۇ،بۇ يەرنى يەر ئاستى ئۆتۈشۈش يولى دېگەندىن 《قاراڭغۇ》بازار دېسەك مۇۋاپىق،بۇ يەردە تامغا چاپلانغان ھەرخىل ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈشۈپ تۇرغان كىشىلەرنى قىستاپ ماڭغىنىڭىزدا،قايسى بىر مەقئەت كېسىلى دوختۇرخانىسىنىڭ دەبدەبىلىك ئېلانلىرىغا كۆزىڭىز چۈشمەي قالمايدۇ،ھەرخىل كېسەللىك تۈرلىىرى رەڭلىك فوتو سۈرەت ئارقىلىق كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولۇپ،سىزنى بىر كۈن تاماق يېيەلمەس قىلىپ قويىدۇ(خۇداغا شۈكرى،يېقىندىن بۇيان بۇ خىل ئېلانلار ئېلىۋېتىلىپتۇ)،شۇنداق قىلىپ يېرىم نەپەس ئېلىپ،كۆڭلىمىز ئېلىشىپ دېگۈدەك ئاران دېگەندە يەر ئۈستىدىكى ساپ ھاۋاغا ئۇلىشىمىز.
يەنئەنيولىغا كەلگەندە مەن كىرمەي ئۆتمەيدىغان ئىككى يەر بار،بىرىنچىسى دوقمۇشتىكى چوڭ كىتاپخانا،ئىككىنچىسسى ئارمان تاللا بازىرى.مەن مۇشۇ يەرگە بەك ئامراق،نانا،خامقايماق،قېتىق دېگەنلەرنى مۇشۇ يەردىن ئالىمەن.ئارمان بالىلار قۇۋۋەت تالقىنى بىلەن ياڭاق تالقىنى ئىستىمال قىلىۋاتقىنىمىزغا 10يىللار بولۇپ قالدى،ھېيتلىق يېمەك-ئىچمەكنى ئاساسەن دېگۈدەك ئارماندىن سېتىۋالىمىز.
نەپرەت ئەپەندى سىز تۇررۇۋاتقان بىنا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېڭى دۇكانلار سېلىنىپ،ئارمان چوڭ تاللا بازىرى ئېچىلغاندىن بېرى بۇ جاي تېخىمۇ رەتلىك چىرايلىق بولۇپ كەتتى،بۇ يەردىن ھەر بىر ئۆتسەم سىلەرنىڭ بىناغا بىر قاراپ ئۆتۈمەن،چۈنكى بىر كۈنى دادام بىلەن مۇشۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا،دادام شۇنداق دەپ قالدى،بىزمۇ مۇشۇ بىنادا ئولتۇرۇپ قالغان بولساق-ھە،بۇ يەر تۇرمۇشقا بەك قولايلىق ئىكەن.مەن شۇنىڭدىن كېيىن سىلەرنىڭ بىناغا دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.ئاتۇشلۇق دوستلىرىم بىلەن تاماق يېسەك غېنىباينىڭكىگە كىرىپ لەغمىنى پىشقۇچە پېتيدىن بىرەرنى يەپ تۇرىمىز(ئاجايىپ ئوخشايدۇ)،ئالدىراش كەلسەك،كونسۇل كوچىسىدىكى ئاتۇش كەسكەن لەغمىنى دۇكىنى ئالدىدىك ئۈستەلدىلا ئولتۇرۇپ يەپ ماڭىمىز(بۇمۇ بەك داڭلىق)،بالىلىرىم بىلەن كەلسەم قوشئامەتكە كىرمەي ئامال يوق،ياز كۈنلىرى خۇددى ساڭناغا چۈشكەندەك بولۇپ،قىستىلىپ،تەرلەپ ئولتۇرۇپ توخۇ قوردىقى يەپ چىقىمىز(بۇ تەمنى مەن باشقا يەردە يەپباقماپتىمەن).بايلىق دوستلىرىم بىلەن كەلسەك ئەشكەن لەغمەن يېمەي ماڭمايمىز.بۇرۇن غۇلجىلىق دوستلار بىلەن ۋىسالغا تولا كىرەتتۇق،كېيىن نىمە ۋەجىدىنكى،بىر ئوبدان مېڭىۋاتقان رېستۇراننى يوق قىلىۋەتتى.
يەنئەنيولى كىتاپخانىسى مېنىڭ ھەر ھەپتە بارىدىغان مۇھىم جايلرىمنىڭ بىرى،بالامنى ئاتلانغا كىرگۈزىۋېتىپ،بالام چىققۇچە كىتاپخانىدا كىتاپ كۆرۈمەن،بىرەر كىتاپ سېتىۋېلىپ قايتىمەن.
يەنە يۇقۇرلاپ مېڭىۋەرسەم گەپ بەك ئاۋۇپ كەتكۈدەك..........جىق گەپ قىلىۋەتتىم كەچۈرۈڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Suchi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-25 03:17 PM