musab001 يوللىغان ۋاقتى 2012-10-28 11:52 PM
مۇسۇلماننىڭ قېنى قەيەردە تۆكۈلسۇن ئاللاھ ئۈچۈنلام بول ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
يازمىنى قايتا ئوقۇسىڭىز چۈشىنىپ قالارسىز.
ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيانى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش پۇرسىتى بەك ئاز. شۇڭا بىر بولسا مىسىر، ئەرەبىستان، ياكى پاكىستاندا تۇرۇپ دۇنيانى ئۆز غايىسى بىلەن خىيالىلاشتۇرۇپ چۈشەندۈرىۋاتقانلارنىڭ دامىغا چۈشۈۋاتىدۇ. بۇ دۆلەتلەر تەرەققىياتتا جوڭگۇدىن ئارقىدا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ تۈزۈمى جوڭگۇدىنمۇ قالاق. بىر مىللەتنى مىللەتلەشتۈرىدىغان ئەڭ ھالقىلىق ئامىل تۈزۈم ئامىلى ۋە تۈزۈم پەيدا قىلغان ئىجتىمائىي شارائىت. مەسىلەن، بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردا بېقىندىلىق ئېغىز، نېمە ئۈچۈن 60 يىل بېقىندۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، بىر قىسىم ئۇيغۇر پىشقەدەملەردە قورقۇنچ ئېغىز، نېمىشقا 58-يىلدىن 79-يىلغىچە تۈرلۈك سىياسىي ھەرىكەتلەردە قورقۇنچ سېلىنغانلىقى ئۈچۈن... دېمەك بۇ ئەللەردە ياشاۋاتقان يەرلىكلەردە ئاللاھ ئاتا قىلغان ئەقىلنى، ئاللاھ ئاتا قىلغان مۇھەببەتنى توسقۇنسىز ئىپادىلەش مۇمكىن ئەمەس. بۇ دۆلەتلەردە ئىنساننىڭ تەشكىللىنىش، كۈچ كۆرسىتىش ئەركى كاپالەتسىز. شۇڭا بۇ ئەللەردكى بىر قىسىم ئۆلىمالارنىڭ چۈشەنچىسى ھەقىقى ئىلمىي، ئادىل، ھەققانىي چۈشەنچە بولۇشى ناتايىن، چۈنكى بۇ ئەللەردە ئىسلام ھۆكۈمرانلارنىڭ خەلقنى باشقۇرۇشىدىكى قورالغا ئايلىنىپ قالغان. خۇلاسە كالام، مۇشۇ يەردىن قوبۇل قىلىنغان پىكىر، مۇشۇنداق يەرلەردىن بىزگە كەلگەن ئىددىيەدە ساغلاملىق، ساپ ئىسلامىيلىق بولامدۇ؟ ئاللاھتىن ئەمەس پادىشاھتىن قۇرقۇپ ياشايدىغان، بىر كىشى ئۆلمىگۈچە يەنە بىرسى ھاكىمىيەتكە چىقالمايدىغان سەئۇدىدا تۇرۇپ ئۇيغۇرغا ئىسلامدىن دەرس ئۆتۈۋاتقانلار ئالدى بىلەن پادىشاھلىق تۈزۈمىنىڭ ئىسلامغا يات ئىكەنلىكىنى دەپ باقسۇن شۇ يەردە! شۇڭا بىر قىسىم چەتئەلدىكى كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى رىياللىق دەپ يېزىپ ۋەتەندىكى ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنى كولدۇرلىتىۋاتىدۇ، چەتئەلدىكى شاھادەتكە كۇشكۇرتۇش شۇلارنىڭ بىرى.