سۈرخان يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 04:55 PM
ئۇ تۆھمەتلەر يالغان چىقىپتۇ، خوشنىسى ئەسلى ئايالىدىن ...
ھەي توۋا! نىمىدىگەن نومۇسسىز خەق ھە بىز؟ بۇرۇن بىر چاغلاردا 2008.يىلىغۇ دەيمەن تۆمۈرخان روزىنى قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلۈپتۇ دىدى. شۇ يىلى ئۇنىڭغا قارىتا «ھەۋەسكارنىڭ ھازىسى» دىگەن ئىتوت ئارقىلىق بۇ پىتنىچىلەرنى تازا قامچىلىغان ئىدى. ئۆتكەن يىلى تۆمۈرخان روزى بىلەن ئابدۇكىرەم ئابلىز بىر سەھنىدە كۆرۈنمىگەن ئىدى بىر دەمنىڭ ئارىلىقىدىلا ئىككىسى ئىتوتنىڭ پۇلىنى بۆلىشەلمەي ئۇرۇشۇپ قاپتۇ، پىچاق تىقىشىپ كىتىپتۇ دەپ بىرمۇنچە يالغان گەپلەرنى تاپتى بۇنىڭغا قارىتا يەنە تەڭرىتاغ تورىنىڭ زىيارىتىدە ئابدۇكىرەم ئابلىز بۇ توغرىسىدا ناھايىتى ئىنىق چەشەنچە بىرىپ بۇنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلىغان ئىدى. لىكىن بۇ نومۇسسىز پىتنىچىلەر يەنە ئىزا تاتماي تومۈرخان روزى ھەققىدە «2012.يىللىق يىڭى پىتنە»دىن بىرنى مەيدانغا كەلتۈرۈپتۇ. كىلەر يىلى نىمىدەپ گەپ تاپار بۇلار، ھەي خۇدايىم كۆڭلىگە ئىنساب بىرەر شۇلارنىڭ.