مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: tatti-patti

قوي بوغۇزلاپ 250سوم تاپتىم..   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-28 10:04:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆل يوللىغان ۋاقتى  2012-10-28 05:01 PM
بۇ توغرىغۇ ؟ بۇرۇندىن شۇنداق قائدە بار ..يات ئادەم قويى ...

بۇ تېمىدا قۇربانلىققا دائىر مەزمۇنلار بار  ،  كۆرۈپ باقارسىز   .



قۇربانلىققا دائىر ئەھكاملار ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى


[ئۇيغۇرچە]

تەرجىمە قىلغۇچى:مۆمىنجان


قۇربانلىققا دائىر ئەھكاملار ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى




قۇربانلىقنىڭ ھۆكۈملىرى ۋە قۇربانلىق قىلىنىدىغان مالنىڭ ياش چەكلىمە شەرتلىرى:
قۇربانلىق قىلىش ئىسلام دىنىنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى قۇربانلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. قۇربانلىق قىلىشقا قادىر بولالايدىغان كىشىنىڭ قۇربانلىق قىلىشى تەكىتلەنگەن سۈننەتتۇر. قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ھۆكۈملىرى بار بولۇپ، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى، فىقھى سېلىشتۇرما دەرسلىك ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابدۇلفەتتاھ ئىدرىس ئۇنى سىزگە تۆۋەندە يىغىنچاقلاپ بايان قىلىپ بېرىدۇ:
قۇربانلىق قىلىش ئىسلام دىنىنىڭ بىر ئالامىتىدۇر:
قۇربان ھېيت كۈنى قۇربانلىق قىلىش ئىسلام دىنىنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ئۇنىڭ شەرىئەت بەلگىلىمىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن دەلىللەر بار. اﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن".
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سېمىز، ئاختا قىلىۋېتىلگەن، مۈڭگۈزلۈك، يۇڭلىرى ئاقىرىپ كەتكەن چوڭ ئىككى قوشقانى قۇربانلىق قىلدى؛ بىرىنى ياتقۇزۇپ: "بىسمىللاھى ئاللاھۇ ئەكبەر، ۋەللاھۇ ئەكبەر، ئى اﷲ! بۇنى مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نامىدا قۇربانلىق قىلىمەن" دېدى. ئاندىن يەنە بىرىنى ياتقۇزۇپ: "بىسمىللاھى ئاللاھۇ ئەكبەر، ۋەللاھۇ ئەكبەر، ئى اﷲ! بۇنى مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ ئۈممىتىدىن سېنىڭ


بار ۋە بىرلىكىڭگە، مېنىڭ پەيغەمبەرلىكنى يەتكۈزگەنلىكىمگە گۇۋاھلىق بەرگەنلەرنىڭ نامىدا قۇربانلىق قىلىمەن" دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى قۇربانلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: "ئىنساننىڭ قۇربان ھېيت كۈنىدە قىلغان ئەمەللىرىدىن قان تۆككەن ئەمەلىنى (قىلغان قۇربانلىقىنى) اﷲ ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ. قۇربانلىق قىلىنغان مال قىيامەت كۈنى مۈڭگۈزلىرى، يۇڭلىرى، ۋە تۇۋاقلىرى بىلەن بىللە كېلىدۇ، ئۇنىڭ قېنى يەرگەن چۈشۈشتىن بۇرۇن اﷲ بەلگىلىگەن بىر ئورۇنغا چۈشىدۇ. ئىنسانلار ئۇنىڭ خۇشپۇرىقىنى پۇرايدۇ."
قۇربانلىقنىڭ ھۆكمى:
كۆپ ساندىكى ئۆلىمالار قۇربانلىق قىلىشنىڭ تەكىتلەنگەن سۈننەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "ماڭا پەرز قىلىنغان، سىلەرگە نەپلە ئىبادەت قىلىنغان ئۈچ ئىش بار. بىرى ۋىتىر نامىزى، يەنە بىرى قۇربانلىق قىلىش، ئۈچىنچىسى، بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇشتۇر."
ئۇممۇ سەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان مۇنۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئونى كىرسە، قۇربانلىق قىلىشنى ئىرادە قىلغان كىشى قۇربانلىق قىلىپ بولغانغا قەدەر چېچىنى ئالدۇرمىسۇن، تىرنىقىنى ئالمىسۇن" دەپ، قۇربانلىق قىلىشنى قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق قىلىپ قويغان. پەرز ئىبادەتنى ئادا قىلىش ئىبادەتكە تەكلىپ قىلىنغۇچىنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق ئەمەس.
قۇربانلىق قىلغۇچى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك قائىدىلەر:


مالىكى ۋە شافىئى مەزھىبىدىكىلەردىن، شۇنداقلا ھەنبەلى مەزھىبىدىكى بىر قىسىم كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان كۆپچىلىك ئۆلىمالار ئۇممۇ سەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يۇقىرىدىكى ھەدىسىنى دەلىل قىلىپ: قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى كۈنى كىرگەندىن باشلاپ قۇربانلىق قىلىپ بولغانغا قەدەر چاچ ئالدۇرۇشى ۋە تىرناق ئېلىشىنى مەكرۇھ دەپ قارايدۇ. ئۇلار ئۇ ھەدىستىكى چەكلىمىنى مەكرۇھ دەرىجىسىدە دەپ قارىغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭمۇ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇربانلىق قىلىدىغان مالنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويىدىغان يىپنى ئېشىپ بېرەتتىم، ئاندىن ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز قولى بىلەن شۇ مالغا ئېسىپ قوياتتى، ئاندىن ئۇنى ھەرەمگە ئەۋەتەتتى. ئۇ قۇربانلىق بۇغۇزلانغانغا قەدەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا اﷲ ھالال قىلغان ئىشلاردىن ھېچبىرى ھارام بولمايتتى.
مانا بۇ رىۋايەت چاچ ۋە تىرناق ئېلىشنىڭ دۇرۇسلىقىنى تەقەززا قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ اﷲ ھالال قىلغان ئىشلاردىندۇر. (شۇڭا ئۆلىمالار ئىككى ھەدىسنى بىرلەشتۈرۈپ مەكرۇھ دېگەن ھۆكۈمنى چىقارغان).
بىر قۇربانلىق ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن كۇپايە قىلىدۇ:
قۇربانلىق قىلغۇچى ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ نامىدا بىر قوي قۇربانلىق قىلسا كۇپايە قىلىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر قوينى ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نامىدا قۇربانلىق قىلغان. قۇربانلىق قىلغۇچى تۆگە ۋە كالىغا ئوخشاش قويدىن چوڭ ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلسىمۇ شۇنداق بولىدۇ.
كۆپچىلىك فىقھىشۇناسلارنىڭ قارىشىدا تۆگە ياكى كالىغا مەيلى بىر ئۆي ئەزالىرىدىن بولسۇن ياكى باشقا ـ باشقا ئۆيدىن بولسۇن، يەتتە ئادەم شېرىك بولۇپ قۇربانلىق قىلسىمۇ كۇپايە قىلىدۇ. بۇ ھەقتە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "ھۇدەيبىيەدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن


بىرلىكتە بىر تۆگىنى يەتتە ئادەمنىڭ نامىدا، يەنە بىر كالىنى يەنە يەتتە ئادەمنىڭ نامىدا قۇربانلىق قىلغان ئىدۇق".
قۇربانلىق قىلىنىدىغان مالنىڭ شەرتلىرى:
ئالتە ئايلىق بولۇپ يەتتىنچى ئېيىغا قەدەم قويغان قوي، ئىككى يىللىق بولۇپ، ئۈچىنچى يىلىغا قەدەم قويغان كالا، بەش يىللىق بولۇپ، ئالتىنچى يىلىغا قەدەم قويغان تۆگە قۇربانلىق قىلىشقا يارايدۇ. قۇربانلىقنىڭ سېمىز، چوڭ ۋە چىرايلىق بولۇشى مۇستەھەبتۇر. گۆشىنىڭ تولۇق ۋە ياخشى بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەيىبلەردىن خالىي بولۇشى ۋاجىپتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قارىغۇ ياكى ئاقساق، ياكى ساقىيىش ئۈمىدى بولمىغان كېسەل ياكى ناھايىتى ئورۇق ۋەياكى قۇلىقىنىڭ يا مۈڭگۈزىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى چولاق ھايۋانلار قۇربانلىق قىلىشقا يارىمايدۇ. چۈنكى بەرائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "كورلىقى بىلىنىپ تۇرىدىغان قارىغۇ، كېسەللىكى چىقىپ تۇرىدىغان ئاغرىق، ئاقساقلىقى چىقىپ تۇرىدىغان توكۇر، قوۋۇرغىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئورۇق ھايۋاندىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك مالنى قۇربانلىق قىلىش دۇرۇس بولمايدۇ."
ئەگەر قۇربانلىق قىلىدىغان كالىنىڭ گۆشى كۆپ بولسا ياكى ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتكەندە گۆشى سىڭىشلىك بولمايدىغان ئەھۋال بولسا، ئىككى يىللىقتىن كىچىك بولسىمۇ، شەرىئەتنىڭ قۇربانلىق قىلىشنى بەلگىلەشتىكى ھېكمىتىگە ئاساسەن دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى قۇربانلىقتىن مەقسەت كىشىلەرگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش ۋە كەمبەغەلنى گۆش بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەتتۇر.
قۇربانلىقنى بوغۇزلاش ۋاقتى:
قۇربانلىق ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن قىلىنىدۇ. چۈنكى بەرائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "كىمكى قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇسا ۋە قۇربانلىق قىلسا، قۇربانلىقى

توغرا ئادا بولىدۇ. كىمكى قۇربانلىقىنى ھېيت نامىزىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن بوغۇزلىسا، قۇربانلىقنى قايتا قىلسۇن." يەنە بىر رىۋايەتتە: "بۇ كۈندە قىلىدىغان دەسلەپكى ئىبادىتىمىز نامازدۇر، ئاندىن قۇربانلىق قىلىشتۇر. كىمكى قۇربانلىقىنى ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن بوغۇزلىسا، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە سويۇپ بەرگەن قوينىڭ گۆشىگە ئوخشايدۇ. قۇربانلىققا ھېساب بولمايدۇ" دېيىلگەن. شۇڭا قۇربانلىقىنى نامازدىن ئىلگىرى بوغۇزلىغان كىشىنىڭ قۇربانلىقى ئادا بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىر مالنى قۇربانلىق قىلىشى لازىم.
قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ قۇربانلىقنى بوغۇزلىغان يەرگە ھازىر بولۇشى:
قۇربانلىق قىلغۇچى گەرچە قۇربانلىقنى ئۆزى بوغۇزلىمىسىمۇ، ئۇنى بوغۇزلىغان يەرگە ھازىر بولۇشى مۇستەھەبتۇر. چۈنكى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇربانلىق ھەققىدە مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "قۇربانلىقنى بوغۇزلىساڭلار، شۇ جايغا ھازىر بولۇڭلار. چۈنكى، ئۇنىڭ تۇنجى قېنى تېمىغان چاغدا سىلەرگە مەغپىرەت قىلىنىدۇ." پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "قۇربانلىقىڭنىڭ قېشىغا ھازىر بولغىن، ئۇنىڭ تۇنجى قېنى تېمىغان چاغدا ساڭا مەغپىرەت قىلىنىدۇ."
قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ مالنى بوغۇزلىغان چاغدا: "بىسمىللاھ ۋەللاھۇ ئەكبەر" دېيىشى مۇستەھەبتۇر. بۇنىڭغا يەنە مۇنۇلارنى قوشۇپ ئېيتىشى ياخشى دەپ قارىلىدۇ: "ئى اﷲ! بۇ سەندىندۇر ۋە سەن ئۈچۈندۇر. ئى اﷲ! بۇنى مەندىن (ياكى پالانىدىن) قوبۇل قىلغىن!" چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇربانلىق قوچقىرىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن ئېلىپ كېلىپ، ئاندىن ئۇنى ياتقۇزۇپ: "ئى اﷲ! بۇنى مۇھەممەدنىڭ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ۋە ئۈممىتىنىڭ نامىدا قوبۇل قىلغىن!" دېگەنلىكى، ئاندىن بوغۇزلىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: "ئى اﷲ! بۇ سەندىندۇر ۋە سەن ئۈچۈن مۇھەممەدنىڭ ۋە ئۇنىڭ

ئۈممىتىنىڭ نامىدىندۇر، بىسمىللاھ ۋەللاھۇ ئەكبەر" دېگەنلىكى، ئاندىن ئۇنى بوغۇزلىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.
قۇربانلىق گۆشنى قانداق تارقىتىش:
قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ قۇربانلىق گۆشتىن ئۈچتىن بىرىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە يېگۈزۈشى، ئۈچتىن بىرىنى خوشنىلىرى ۋە تۇغقانلىرى ئىچىدىكى كەمبەغەللەرگە ھەدىيە قىلىشى، قالغان ئۈچتىن بىرىنى قۇربانلىق گۆشنى تىلىگۈچىلەرگە سەدىقە قىلىپ بېرىشى مۇستەھەبتۇر. چۈنكى اﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "ئۇلارنى يەڭلار، قانائەتچان موھتاجلارغا ۋە سائىللارغا بېرىڭلار".
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇربانلىقىنىڭ سۈپىتى ھەققىدە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "ئۇ ئۈچتىن بىرىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە يېگۈزەتتى، ئۈچتىن بىرىنى كەمبەغەل خوشنىلىرىغا يېگۈزەتتى، قالغان ئۈچتىن بىرىنى سائىللارغا بېرەتتى." ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "قۇربانلىقنىڭ ئۈچتىن بىرى ساڭا، ئۈچتىن بىرى ئائىلەڭدىكىلەرگە، قالغان ئۈچتىن بىرى مىسكىنلەرگە تېگىشلىكتۇر."
قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ ئۇنى سويۇپ بەرگەن قاسساپقا ئىش ھەققى ئۈچۈن قۇربانلىق گۆشتىن بېرىشى توغرا ئەمەس. لېكىن ئۇ كەمبەغەل بولغانلىقى ئۈچۈن ياكى ھەدىيە ئورنىدا بىرئاز گۆش بەرسە ھېچ ۋەقەسى يوق. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى قۇربانلىق تۆگىنىڭ قېشىدا تۇرۇشقا، ئۇنىڭ تېرىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ۋە گۆشلىرىنى پارچىلاشقا، قاسساپقا ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە بەرمەسلىككە بۇيرۇدى ۋە: "قاسساپنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆزىمىزنىڭ يېنىدىن بېرىمىز" دېدى.



شۇنداقلا، قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ياكى تېرىسىنى ۋەياكى باشقا نەرسىلىرىنى سېتىشى دۇرۇس بولمايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ تېرىسىدىن ۋە باشقا نەرسىلىرىدىن ئۆزى پايدىلانسا دۇرۇس بولىدۇ. بۇنىڭدا ھېچ ئىختىلاپ يوق.
مانا بۇلار، قۇربانلىقنىڭ قىسقىچە ئەھكاملىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن شۇ مەلۇم بولىدۇكى، قۇربانلىق قىلىنىدىغان مالغا ياش چەكلىمىسى قويۇلۇشىدىكى ھېكمەت كەمبەغەللەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش بولغانلىقى ئۈچۈن، گۆش جىق چىقىدىغان ھايۋان بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا قۇربانلىق قىلىنىدىغان مالنىڭ يېشى ياش چەكلىمىسىگە يەتمىسىمۇ، گۆشى جىق بولسا، ئۇنى قۇربانلىق قىلىش دۇرۇس بولىدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئاللاھ يولىدا قىلغان قۇربانلىقلىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن.قۇربان ھېيتىمىزنى خوشال-خورال ئۆتكۈزگىلى نەسىپ ئەيلىسۇن.



قۇربانلىقنىڭ تۈرلىرى






سوئال: دىنىمىزدا قانچە تۈرلۈك قۇربانلىق بار؟
جاۋاب: دىنىىمىزدا 6 تۈرلۈك قۇربانلىق بار، ئۇلار مۇنۇلار:
(1) ھاجىلارنىڭ ھەج پائالىيىتى ئىچىدە قىلىدىغان قۇربانلىقى بولۇپ، «ئۇدھىيە»دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل قۇربانلىق ھاجىلاردىن ھەج تەمەتتۇ ياكى ھەج قىران قىلغانلارغا ۋاجىب بولىدۇ. ئەمما ھەج ئىفراد قىلغۇچىلارغا قۇربانلىق قىلىش ۋاجىب ئەمەس.
(2) ھەج ياكى ئۆمرە قىلغانلارنىڭ ئىھرام ئىچىدە ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى سەۋەبلىك بەلگىلىنىدىغان قۇربانلىق بولۇپ،«دەم» دەپ ئاتىلىدۇ.
(3) قۇربان ھېيت كۈنلىرىدە قولىدا بار كىشىلەر قىلىدىغان قۇربانلىق.
(4) ئاللاھ يولىدا ئاتىۋەتكەن قۇربانلىق بولۇپ، ئۇنى ئورۇنلاش ۋاجىبتۇر.
(5) يېڭى تۇغۇلغان بالا ئۈچۈن كېسىلىدىغان قۇربانلىق بولۇپ، «ئەقىقە»دەپ ئاتىلىدۇ.
(6) ساۋاب تېپىش نىيىتى بىلەن كېسىلىدىغان نەپلە ( ئىختىيارىي) قۇربانلىق.
قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللار ۋە ئۇلارنىڭ سۈپىتى
سوئال: قۇربانلىق قىلىدىغان ماللار قايسىلار؟
جاۋاب: قۇربانلىق قىلىدىغان ماللار: قوي، ئۆچكە، كالا ۋە تۆگە.
سوئال: قۇربانلىق ماللارنىڭ ياش ۋە سۈپەت ئۆلچىمى قانداق؟
جاۋاب: قۇربانلىق ماللارنىڭ ياش ۋە سۈپەت ئۆلچىمى تۆۋەندىكىچە:
(1) قويدىن 6 ئايلىقتىن چوڭ بولغىنى.
(2) ئۆچكىدىن بىر ياشتىن چوڭ بولغىنى.
(3) كالىدىن ئىككى ياشتىن ئاشقىنى.
(4) تۆگىدىن بەش ياشتىن ئاشقىنى.
سوئال: قۇربانلىق قىلىدىغان ھايۋانلار قانچە كىشىگە كۇپايە قىلىدۇ ؟
جاۋاب: بىر قوي ياكى بىر ئۆچكە بىر ئادەم ئۈچۈن كۇپايە قىلىدۇ. بىر كالا ياكى بىر تۆگە 7 ئادەم ئۈچۈن كۇپايە قىلىدۇ.
سوئال: قۇربانلىققا يارىمايدىغان ئۆزۈرلۈك ماللار قايسىلار؟
جاۋاب: ئۆزىدىكى ئەيىب – نوقسانلار سەۋەبلىك قۇربانلىق قىلىشقا يارىمايدىغان ماللار تۆۋەندىكىلەر:
(1) ئىنسان ساقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان كېسەللىكى بولغان ھايۋان.
(2) بىر ياكى ئىككىلى كۆزى كور بولغان ھايۋان.
(3) قولاق ياكى قۇيرۇقىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى كېسىۋېتىلگەن ھايۋان.
(4) ئۆرە تۇرالمايدىغان ھالەتتىكى توكۇر ھايۋان.
(5) قولاقسىز ياكى قۇيرۇقسىز تۇغۇلغان ھايۋان.
(6) چىشلىرىنىڭ كۆپرەكى چۈشۈپ كەتكەن ھايۋان.
(7) قاتتىق ئۇرۇق ھايۋان.
(8) مۈڭگۈزلىرىدىن بىرى ياكى ئىككىلىسى تۈۋىدىن كېسىلگەن ھايۋان.
سوئال: قانداق ئۆزۈرلۈك ھايۋانلار قۇربانلىققا يارايدۇ؟
جاۋاب: ھايۋانلارنىڭ قۇربانلىققا كېسىلىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئەيىبلەر توسقۇن بولالمايدۇ:
(1) ئاقساپ ماڭسىمۇ ئۆزى ساق بولغان ھايۋان.
(2) تۇغۇلۇشتىن مۈڭگۈزسىز بولغان ياكى مۈڭگۈزىنىڭ ئازراق قىسمى سۇنغان ھايۋان.
(3) قولاقلىرى تېشىلگەن ھايۋان.
(4) چىشلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپ قىسمى ساق بولغان ھايۋان.
(5) پىچىۋېتىلگەن ھايۋان.
قۇربانلىقنىڭ گۆشىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر
سوئال: قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى قانداق قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: قۇربانلىقنىڭ گۆشى مۇنداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ:
(1) ھەج ياكى ئۆمرىگە ئىھرام باغلىغان كىشىنىڭ ئىھرامدا ئۆتكۈزگەن خاتالىقى سەۋەبلىك ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن قۇربانلىق(دەم)نىڭ گۆشىدىن ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر يېمەستىن، ھەممىسىنى مەككىنىڭ پېقىرلىرىغا تارقىتىپ بېرىش.
(2) ئاللاھ يولىدا قۇربانلىق قىلىشنى ئاتىۋەتكەنلىك سەۋەبتىن قىلىنغان قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يېيىش مەسىلىسىدە ئىسلام ئۆلىمالىرى ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، بەزىسى يېيىشكە بولىدۇ دېسە، بەزىسى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ پېقىرلارنىڭلا ھەققى دېگەن. يېيىشنى توسقۇچىلارنىڭ رەيى پېقىرلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق ۋە ئېھتىياتلىق ھۆكۈم. ئەمما يېسە بولىدۇ، دېگۈچىلەرنىڭ رەيىدە كەڭچىلىك كۆزدە تۇتۇلغان. شۇڭا قۇربانلىق قىلغۇچى ئەگەر پېقىر بولسا قۇربانلىقىنىڭ گۆشىدىن يېسە بولىدۇ.
(3) قۇربان ھېيتتىكى قۇربانلىق، ھاجىلارنىڭ ھەج پائالىيىتى جەريانىدا قىلىدىغان قۇربانلىقى (ئۇدھىيە)، ئەقىقە ۋە ئىختىياري قۇربانلىقلارنىڭ گۆشىنى 3 كە بۆلۈپ، بىر بۆلۈكىنى پېقىرلارغا سەدىقە ئورنىدا تارقىتىپ بېرىش، يەنە بىر بۆلۈكىنى توغقانلار، خوشنىلار ۋە دوستلارغا – گەرچە ئۇلار باي بولسىمۇ - ھەدىيە قىلىش، ئۈچىنچى بۆلۈكىنى ئائىلىسىدە يېيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئەگەر قۇربانلىق قىلغان ئادەم كەمبەغەل بولۇپ، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى باي بولسا، قۇربانلىق قىلغان مېلىنىڭ گۆشىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئائىلىسىدە يېسىمۇ بولىدۇ.




http://www.tordax.com/index.php/article/21404.html

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ئۆل + 12 ماقۇل

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 12   باھا خاتىرىسى

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56124
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4016
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 424 سائەت
تىزىم: 2011-9-12
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-28 10:15:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆل يوللىغان ۋاقتى  2012-10-28 05:13 PM
قۇربانلىق گۆشىنمۇ شۇ باشقلار ئۈچۈن سويىمىزغۇ ؟ بەرسە  ...

قاسساپقا پۇل بىرىپ رازى قىلش كىرەك بۇرادەر ھەق ھىسابلاپ گۆش بەرسە بولمايدۇ

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ئۆل + 12 مەن شۇنداق دىىمما .....

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 12   باھا خاتىرىسى

ھايات ئىنسانلارغا بىرىلگەن كاتتا مۇكاپات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6589
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 499 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-28 10:44:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.tuz. يوللىغان ۋاقتى  2012-10-28 05:22 PM
بىزنىڭ مەھەلىدىكى قاسساپلار ،قوينىڭ بىشىغا پىچاق سۈر ...

ئەرلەرگە نىمە بولدىكىن تاڭ !

ئالدىۋالغانغا س

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1563
يازما سانى: 395
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11196
تۆھپە نۇمۇرى: 729
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-28 10:48:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ پۇل ئالغان بولسام 500 كوي تاپىدىكەنمە ؟

زۇلۇم قىلغۇچىلارنىنڭ زۇلىمى قىيامەت كۇنى ئوزى ئۇچۇن قاراڭغۇ زۇلمەت بۇلدۇ ‹

بىلەتتىم ئۆزگىگە تەۋەلىكىڭنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85965
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 605
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2014-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-29 12:32:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ئ.ۆيدە ئىلگىرى دادام ئۈزى سۇياتتى قويينى،دادام تۈگەپ كەتكەندىن بىرى دائىملا نەۋرە ئىنىم سۇيۇپ بىرىۋاتىدۇ ....بىزمۇ شۇ چوڭ ئۆيدە ھېيتلاپ كەچ بولغاندا ئۇكام سويغان قوينىڭ گۈشىنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىمىز ...

ئازابلىرىم ئۇنتۇپ كەت مېنى

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 3679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29022
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 6345 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-29 01:48:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sabinur يوللىغان ۋاقتى  2012-10-28 09:58 PM
ناۋادا مەن ئوغۇل بالا بولغان بولسام قوي سويۇشنى بالدۇر ...

مەن ئايال كىشى نوغۇچنى قولتىقىغا قىسىپ قويۇپ ھايۋان،قۇش بۇغۇزلاپ سويسا بولىدۇ دىگەن گەپنى ئاڭلىغاندەك قىلغان ،راستمىدۇ؟ رەسمىي ياكى يالىڭاياغ  ‹‹دىننىي ئۆلىمالار ››بولساڭلار مەسلىھەت بەرسەڭلارچۇ؟

ئادەم بولماق تەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35040
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6028
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 368 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-29 02:08:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قۇربان ھېيتتىن بىر بۇرۇن قاسساپلىقنى ئۆگىنىۋالغانتىم تۇققانلارنىڭ قويلىرىنى سويۇپ بەرسەم بەك خوشال بولۇپ كەتتى

‹‹ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بىرىلگەن) نېئمەتلەردىن سۇئال-سوراق قىلىنىسىلەر›› تەكاسۇر سۈرىسى 8-ئايەت

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1944
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11506
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 8656 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-29 02:29:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hasalharisi يوللىغان ۋاقتى  2012-10-29 01:48 PM
مەن ئايال كىشى نوغۇچنى قولتىقىغا قىسىپ قويۇپ ھايۋان، ...

مەنمۇ ئاڭلىغان ئۇ گەپىنى، قولتىقغا  ئەمەس پۇت ئارلقغادەپ،مەنچە  دىنى ياكى باشقا پەننى
تەرەپلەردىن بۇ گەپنىڭ تازا ئاساسى يوق گەپتان بىرسىنڭ دەۋالغان گىپمىكى دەيمەن، مۇشۇ مۇنبەردىكى  ئۇزۈمتال  بۇ گەپكە تازا ياخشى جاۋاپ بىرەلەمدىكى مەنچە


ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-29 02:48:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tatti-patti يوللىغان ۋاقتى  2012-10-28 05:13 PM
ۋاي،،،ئۇ شەلىكلەر بىر توخۇنى بۇغۇزلىيالمايدۇ ،،قوين ...

مىنىڭ ئۈيۈممۇ ناھىيە بازىرىدا مەنمۇ ئۈزۈم يالغۇزلا بىر قوينى ئۆلتۈرۈپ سويدۇمغۇ  ،سىزنىڭچە شەھەرلىك ھىچقانداق ئىشنى قىلاممامدا

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86170
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 756
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 176 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2015-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-29 03:05:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
32قەۋەتتېكې قېرندشمغا رەخمەت.

ياش ئىدۇق...بىر زامانلاردا~~~~~~~~~~~~!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش