مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bilimxumar

بىلىمخۇمار: غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سەۋر _ نەقەدەر گۈزەل

79

تېما

2046

يازما

2125

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1729
يازما سانى:
2046
نادىر تېما :
11
مۇنبەر پۇلى :
122299
تۆھپە :
754
باھا :
716
توردا:
2622 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-5-31
ئاخىرقى:
2015-5-21
ۋاقتى: 2012-10-29 21:47:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر-بىرىدىن ئېسىل ھېكمەتلەر ....

ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر قېرىندىشىم ..

غــــەيرەت قىـل ئــاي !

سۈكۈتلەر ئورۇنسىز ئەمەس!

5

تېما

121

يازما

126

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 39404
يازما سانى:
121
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3408
تۆھپە :
91
باھا :
106
توردا:
52 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-5-2
ئاخىرقى:
2015-11-25
ۋاقتى: 2012-10-30 18:47:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتابنىڭ ئۆزىنىلا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرمامسىز،كومپىيۇتىرغا ئۇزۇن قارىسام كۆزۆم ئىچىشىپ كىتەتتى

شۇنداق بىر كۈنلەر كىلىدۇكى،كۆزلەر كۆزلەرگە قادىلىدىغان،قەلىبلەر ئۈنسىز سۇئال تاشلايدىغان.قىنى كۆرەمىز كىمنىڭ كۆزىدىن ياش ئاقىدىكىن،،،،.
BESTBOY بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2012-10-31 18:57:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

0

تېما

229

يازما

229

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 76946
يازما سانى:
229
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3719
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
108 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-3-4
ئاخىرقى:
2016-3-19
ۋاقتى: 2012-10-31 19:24:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا چېكىپسىز،ئەجىرىڭىزگە رەھمەت!
مۇشۇ ساھەدىكى بىلىم بىزدە ئاز..ساقلىۋالدىم.

كومپىيوتېر تەربىيلەش دەيدۇ،بەك زىرىكتىم ئەمما گە قىمماڭ...شەنبە

0

تېما

229

يازما

229

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 76946
يازما سانى:
229
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3719
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
108 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-3-4
ئاخىرقى:
2016-3-19
ۋاقتى: 2012-11-1 00:06:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر مەسىلە: ئېنگىلىزچە ئىزاھاتنى ئېنگىلىزچە بەرسىڭىز ياخشىراق بولاركەندۇق دەپ ئويلىدىم.

كومپىيوتېر تەربىيلەش دەيدۇ،بەك زىرىكتىم ئەمما گە قىمماڭ...شەنبە

216

تېما

728

يازما

944

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 82221
يازما سانى:
728
نادىر تېما :
12
مۇنبەر پۇلى :
41849
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
2629 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-6-28
ئاخىرقى:
2016-4-1
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-1 09:39:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kaysarkasim يوللىغان ۋاقتى  2012-11-1 12:06 AM
يەنە بىر مەسىلە: ئېنگىلىزچە ئىزاھاتنى ئېنگىلىزچە بەرس ...

دېگىنىڭىز توغرا. مەن ئەسلىدە ماقالىنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا يېزىپ، ئاندىن ئۇيغۇر ئەرەپچە يېزىقىغا ئۆزگەرتكەن ئىدىم. شۇ چاغدا ئىنگلىزچە سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئەرەپچە يېزىقىغا ئۆزگىرىپ كەتتى. ئۇلارنى ئوڭشاپ قويۇشقا تىرىشقان بولساممۇ، بەزىلىرىنى كۆرمەي قاپتىمەن.

216

تېما

728

يازما

944

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 82221
يازما سانى:
728
نادىر تېما :
12
مۇنبەر پۇلى :
41849
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
2629 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-6-28
ئاخىرقى:
2016-4-1
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-1 09:46:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(داۋامى)
8. تەسەۋۋۇر ۋە چەكسىز ئەقىل

تەسەۋۋۇر ئادەم قەلبىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى بولۇپ، ئۇ يەردە كونا ئىدىيىلەر ۋە جەزملەشكەن پاكىتلار قايتىدىن تۈرلەرگە ئايرىۋېلىنىدۇ، ۋە ئۇلار يېڭى مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشقا سېلىنىدۇ.  سىزنىڭ ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشانىڭىزنى تەشكىل قىلىدىغان ماتېرىياللارمۇ سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىزدا قوراشتۇرىلىدۇ ۋە بىرلەشتۈرۈلىدۇ.  سىز ئۆز-ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى، يېڭى ئىدىيلىرىڭىزنى، ۋە لىدېرلىقىڭىزنىمۇ ئالدى بىلەن ئۆز تەسەۋۋۇرىڭىزدا بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئاندىن ئۇلارنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىسىز.  سىز ئاپتوماتىك تەكلىب پرىنسىپىنى ئۆزىڭىزنىڭ تەسەۋۋۇرىدا ئىشقا سېلىپ، ئېنىق نىشان، ئۆز-ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچ، يېڭى ئىدىيە ۋە لىدېرلىق قابىلىيىتى قاتارلىق زۆرۈر بولغان سۈپەتلەرنى بەرپا قىلىسىز.  خۇددى بىر قۇشقاچنىڭ پەيدا بولۇپ، ئۆسۈپ يېتىلىشى تۇخۇمدىكى مىكرو ئورگانىزمدىن باشلىنىدىغىنىغا ئوخشاش، سىزنىڭ ماددىي نەتىجىلىرىڭىزمۇ سىز ئۆز تەسەۋۋۇرىڭىزدا ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدىغان، ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان پىلانىڭىزدىن تەرەققىي قىلىپ ئەمەلگە ئاشىدۇ.  تەسەۋۋۇر ئەڭ ئاۋال پەيدا بولىدۇ.  ئاندىن ئۇ تەسەۋۋۇر ئىدىيە ۋە پىلانغا ئۆزگەرتىلىدۇ.  ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ پىلانلار رېئاللاشتۇرىلىدۇ.  بۇ جەريان سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىزدىن باشلىنىدۇ.  بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، سىز تەسەۋۋۇر قىلالىغان ھەر قانداق ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز.

ئادەملەرنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتىنىڭ ئىككى خىل شەكلى بار. ئۇنىڭ بىرى «ياسالما تەسەۋۋۇر» (ئىنگلىزچەsynthetic imagination) بولۇپ، يەنە بىرى بولسا «ئىجادچان تەسەۋۋۇر» (ئىنگلىزچە creative imagination) دىن ئىبارەت.  

(1) ياسالما تەسەۋۋۇر

مۇشۇ قابىلىيەتتىن پايدىلىنىپ، سىز كونا ئۇقۇم، كونا ئىدىيە ۋە كونا پىلانلارنى يېڭى بىرىكمە بويىچە ئورۇنلاشتۇرىسىز. ياسالما تەسەۋۋۇر بۇرۇنقى كەچۈرمىش، بىلىم ۋە كۆزەتمە ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ ئىش ئېلىپ بارىدۇ.  دۇنيادىكى ئەڭ ئىجادچان كىشىلەر كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ياسالما تەسەۋۋۇردىن پايدىلىنىپ يېڭى ئىدىيىلەرنى ئويلاپ چىقىدۇ.  سىز ياسالما تەسەۋۋۇرىڭىزدىن پايدىلىنىپ، كاللىڭىزدىكى ئۇچۇرلارنى ياخشى رەتلەپ، ئۆزىڭىز بىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە يىغىپ، شۇ ئارقىلىق بىر ئىدىيە ياكى بىر مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ئۇسۇلنى ئويلاپ چىقىسىز.  بۇ يەردىكى «ياساش» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى مۇۋاپىق ياكى مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى توغرا ئۇسۇل بىلەن بىر يەرگە ئەكىلىپ قۇراشتۇرۇش، دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ ئىجاتچانلىقنىڭ دەرىجىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  ئالىملار، ئاشپەزلەر، كەشپىياتچىلار، رېمونتچىلار، يازغۇچىلار، ساتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار، شىركەت باشلىقلىرى، ھەمدە باشقا ھەر بىر ئادەمنىڭ كاللىسىنى ئىشقا سېلىپ، ئۆز قابىلىيەتلىرىنى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە جارى قىلدۇرغاندا قىلىدىغان ئىشى دەل ئاشۇ «ياساش» تىن ئىبارەتتۇر.

(2) ئىجادچان تەسەۋۋۇر

ئىنسانلارنىڭ چەكلىك قەلبى چەكسىز ئەقىل بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىشتا، يېڭى ھېس-تۇيغۇ ۋە يېڭى ئىلھاملارغا ئېرىشىشتە پايدىلىنىدىغان قابىلىيەت ئىجادچان تەسەۋۋۇردىن ئىبارەت.  سىز ئىجادچان تەسەۋۋۇر ئارقىلىق كۆڭلىڭىزدە ھازىرغىچە يوق بولغان، ئەمما ئاقىۋىتى توغرا بولۇپ چىقىدىغان يېڭى ئۇچۇر ۋە يېڭى ئىدىيىلەرنى تاپىسىز.  سىز بىر يېڭى خىيال ياكى يېڭى ئىلھامغا تەسسادىپىي ئىگە بولغاندا، ئاشۇ ئىجادچان تەسەۋۋۇردىن پايدىلىنىسىز. ئالىملار ۋە كەشپىياتچىلار بۇرۇن تېخى بايقالمىغان نەرسىلەرنى بايقاش ياكى بەرپا قىلىشتا پايدىلىنىدىغان قابىلىيەتمۇ دەل ئاشۇ ئىجادچان تەسەۋۋۇردىن ئىبارەت.  

ئىنسان كۆڭلى ئىجادچان تەسەۋۋۇر ئارقىلىق چەكسىز ئەقىل بىلەن ئالاقىلىشىدىغان بولغاچقا، تەسەۋۋۇر ئۇقۇمى كارنىگىنىڭ سىرى بىلەن ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتىنىڭ تەتقىقاتىغا كىرگۈزۈلگەن.

ئىلاۋە: ناپولىيوننىڭ كىتابىدىكى بەزى جايلاردا «ئىجادچان تەسەۋۋۇر» نىڭ ئورنىدا «ئىجادچان تەپەككۈر» (ئىنگلىزچە creative thought) مۇ ئىشلىتىلگەن.

(3) ئىجادچان تەسەۋۋۇردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش

كارخانا، سانائەت ۋە ئىقتىسادنىڭ ئۇلۇغ لىدېرلىرى، ھەمدە ئۇلۇغ ئارتىسلار، مۇزىكانتلار، شائىرلار ۋە يازغۇچىلارنىڭ ئۇلۇغ بولالىشىدىكى بىردىن-بىر سەۋەب، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدە ئىجادىي تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرگەنلىكىدۇر.  

ئوتتۇراھال كىشىلەر كۆرۈش، ئاڭلاش، تۇيۇش، پۇراش ۋە تېتىشتىن ئىبارەت 5 خىل فىزىكىلىق سېزىمنىڭ ياردىمى ئارقىلىق چۈشەنگىلى بولمايدىغان بىر نەرسىگە دۇچ كەلگەن ھامان، ئۇ نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھەرگىزمۇ ئاڭقىرالمايدۇ.  چەكسىز ئەقىل بۇ 5 خىل سېزىم ئارقىلىق ئىش كۆرمەيدىغان بولۇپ، سىز ئاشۇ 5 تۈرلۈك تۇيغۇ ئارقىلىق چەكسىز ئەقىلنىڭ ياردىمىنىمۇ قولغا كەلتۈرەلمەيسىز.  چەكسىز ئەقىلنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدىن پايدىلىنىشنىڭ بىردىن-بىر يولى ئىجادچان تەپەككۇرنى ئىشقا سېلىشتىن ئىبارەت.  

ئىنسانلارنىڭ 6-سېزىمى ئۇلارنىڭ ئىجادچان تەسەۋۋۇردىن ئىبارەت.  ئۇ ئىنسانلارنىڭ چەكلىك كۆڭلى بىلەن چەكسىز ئەقىلنى ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرىدىغان ئالاقە لىنىيىسى بولۇپ، كەشپىيات ساھەسىدىكى ئاساسىي ياكى يېڭى پرىنسىپلىق ئاشكارىلىنىش ۋە بايقاشلارنىڭ ھەممىسى ئىجادچان تەسەۋۋۇر قابىلىيىتى ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.

يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئۇقۇم، ۋە يېڭى تۇيغۇ تۆۋەندىكى 4 مەنبەنىڭ بىرسىدىن كېلىدۇ:
1-باشقا بىر ئادەمنىڭ بىلىپ تۇرۇپ سىزگە ئاشكارىلىشى.
2-سىزنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىڭىز.  ئۇ سىزنىڭ 5 خىل سېزىمىڭىز ئارقىلىق مېڭىڭىزگە يېتىپ كەلگەن ھەممە ئوي ۋە تەسىراتلارنى ساقلاپ تۇرىدۇ.
3-باشقا بىر ئادەمنىڭ يۇشۇرۇن ئاڭ ئىسكىلاتى.
4-چەكسىز ئەقىل.

ناپولىيوننىڭ قارىشىچە «مۆجىزە» دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، ئۇ سىزنىڭ ئۆز ئارزۇيىڭىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىشىڭىزغا ياردەم قىلالمايدۇ.  تەبىئەت ئۆزىنىڭ جەزملەشكەن قانۇنىيەتلىرىدىن ھەرگىزمۇ چەتنەپ كەتمەيدۇ.  ئەمما، تەبىئەتنىڭ بەزى قانۇنىيەتلىرىنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس بولۇپ، ئۇلار خۇددى بىر «مۆجىزە» دەك كۆرىنىدۇ.  ئىنسانلارنىڭ ئىجادچان تەسەۋۋۇردىن ئىبارەت 6-سېزىمىنى مانا ئاشۇنداق مۆجىزىگە ئەڭ يېقىن كېلىدىغان بىر نەرسە، دەپ قاراشقا بولىدۇ.

سىز ئۆز نىشانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ھەرگىزمۇ موجىزىگە تايانماي، چەكسىز ئەقىلنىڭ سىزنى تەبىئىي يوللار ۋە تەبىئىي قانۇنىيەتلەرنىڭ ياردىمى بىلەن يېتەكلىشىگە تايىنىڭ.  ھەرگىزمۇ «چەكسىز ئەقىل مەن نىشانلىغان نەرسىنى ماڭا ئەكىلىپ بېرىدۇ»، دەپ ئويلاپ قالماڭ.  ئۇنىڭ ئورنىغا، «چەكسىز ئەقىل مېنى ئۆزەم تىكلىگەن نىشانغا يېتەكلەپ ماڭىدۇ»، دەپ ئويلاڭ.

ئىجادچان تەپەككۈر سىزدىن ھەر ۋاقىت «مەن ئۆز غايەمنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايمەن»، دېگەن ئويدا بولۇشنى، ئۆز غايىڭىزنى توغرا يول ۋە توغرا تەرتىپ بويىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا نىسبەتەن ئۆزىڭىزدە كۈچلۈك ئېتىقاد ۋە تولۇق ئىشەنچ بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.  سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى قانچە كۆپ ئىشلەتسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ ئاڭلىق ۋۇجۇدىڭىزنىڭ سىرتىدا باشلانغان ئامىللارغا شۇنچە سەزگۈر بولىدۇ،ھەمدە ئۇ ئامىللارنى قانچە ئاسان قوبۇل قىلىدىغان بولىدۇ.  شۇنداقلا سىز بۇ ئىجادىي قابىلىيىتىڭىزنى قانچە كۆپ ئىشلەتسىڭىز، يېڭى تەپەككۈر ۋە يېڭى ئىدىيە يارىتىشتا سىز ئۇنىڭغا شۇنچە كۆپ تايىنىدىغان بولىسىز.  بۇ قابىلىيەتنى سىز پەقەت ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىش ئارقىلىقلا يېتىلدۈرەلەيسىز ۋە تەرەققىي قىلدۇرالايسىز.

ئىلاۋە: بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ ماڭا دەپ بېرىشىچە، ناپولىيوننىڭ «مۇۋەپپەقىيەت قانۇنىيىتى» دېگەن كىتابى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى» دېگەن ئىسىم بىلەن 2 قىسىم قىلىپ نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنى ئالما تور كىتابخانىسى http://book.alma.cn دىن سېتىۋالغىلى بولىدىكەن.
9. مەركەزلەشتۈرۈش ۋە ئىجادىي كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش

«مەركەزلەشتۈرۈش» دېگەن سۆز ئىنگلىزچە concentration دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، «ئىداجىي كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش» بولسا ئىنگلىزچە creative visualization دەپ ئاتىلىدۇ.  مەركەزلەشتۈرۈش دېگەن سۆز ناپولىيوننىڭ كىتابىدا «بىر ئىستەكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يوللىرى بىلەن ۋاستىلىرىنى تېپىپ چىقىپ، ئۇلارنى رەسمىي ئىشقا سالغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، زېھىن ۋە ئىش-پائالىيەتنى ئاشۇ ئىستەككە مەركەزلەشتۈرۈش ھەرىكىتى» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلگەن.  زېھىن ۋە ئىش-پائالىيەتنى مەلۇم بىر ئىستەككە مەركەزلەشتۈرۈشتە مۇنداق ئىككى قانۇنىيەت مۇھىم رول ئوينايدۇ: بىرى ئاپتوماتىك تەكلىب قانۇنىيىتى، يەنە بىرى بولسا ئادەت قانۇنىيىتى.  

ئادەت مۇھىتنىڭ ئىچىدە يېتىلىدۇ.  ئۇ سىزنىڭ كۆرۈش، ئاڭلاش، پۇراش، تېتىش ۋە تۇيۇشتىن ئىبارەت 5 سېزىمىڭىز ئارقىلىق سىزگە تەسىر كۆرسەتكەن ھەممە مەنبەلەر ئارقىلىق، ئوخشاش ئىشنى ئوخشاش ئۇسۇلدا قايتا-قايتا قىلىش ئارقىلىق، ئوخشاش خىيالنى قايتا-قايتىلاپ تەكرار قىلىش ئارقىلىق يېتىلىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ قەلبى مەلۇم بىر ئىدىيىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماتېرىياللارنى ئۆزىنىڭ ئەتىراپىدىكى مۇھىتتىن يىغىدۇ.  ئادەت بۇ ئىدىيىنى بىر مۇقىم قۇرۇلما شەكلىدە ئۇيۇتۇپ، يوشۇرۇن ئاڭنىڭ ئىچىگە تۈرگە ئايرىپ ئەكىرىپ قويىدۇ.  ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىدىيە سىزنىڭ مىجەزىڭىزنىڭ كام بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىغا ئايلىنىپ، سىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىڭىزگە جىمجىت ھالدا تەسىر كۆرسىتىدۇ، سىزنىڭ بىر تەرەپلىمە ۋە ئاغما كۆز-قاراشلىرىڭىزنى شەكىللەندۈرىدۇ، ھەمدە سىزنىڭ پىكرىڭىزنى كونترول قىلىدۇ.  شۇڭلاشقا سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىتنى ئەڭ يوقىرى دەرىجىدىكى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللىشىڭىز ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى، مۇھىت سىزنىڭ كاللىڭىزغا كىرىدىغان ئۇزۇقنى تەمىنلەيدىغان مەنىۋىي ماكاندىن ئىبارەتتۇر.

(1) «مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مەنبەسى» دېگەن ماقالىدىن بىر ئۈزۈندە

مەن مەزكۇر ماقالىنىڭ 1-بۆلۈمىدە تىلغا ئالغان «مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مەنبەسى» دېگەن ماقالىنى ناپولىيوننىڭ كىتابىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ناپولىيوننىڭ كىتابىدىكى مەزمۇن ئۇ ماقالىدىكىدىن جىق ئەتراپلىق ۋە تولۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ماقالىدىكى ئەقىدە بىلەن مۇھىتنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى مەزمۇن يۇقىرىدىكى ئادەت بىلەن مۇھىتنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى مەزمۇن بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، ئۇنى بىر ئاز كېڭەيتىپ بېرىدىغان بولغاچقا، ئۇ ماقالىنىڭ ئەقىدە بىلەن مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى قىسمىنى بۇ يەرگە بىر نەقىل شەكلىدە قىستۇرۇپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇم.  تۆۋەندىكىسى «مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مەنبەسى» دېگەن ماقالىنىڭ بىر قىسمى:

ئەمدى بىز قايتا ئەسلەپ كۆرەيلى، ئەقىدە دېگەن نېمە؟ ئەقىدە بولسا ئالدىن تەشكىللەپ قويۇلغان، بىزنى ئۆز – ئۆزىمىز بىلەن ئالماشتۇرۇش قىلىشقا ئۈزلۈكسىز ھالدا يېتەكلەيدىغان بىر خىل ھېس – تۇيغۇ ئۇسۇلىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇنداقتا، ئەقىدە قەيەردىن كېلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەرنىڭ ئەقىدىسى ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت مەنزىلىگە قاراپ قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولسا، يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ ئەقىدىسى ئۇلارنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىدۇ؟ ئەگەر بىز مۇۋەپپەقىيەتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەقىدىلەرگە تەقلىد قىلماقچى بولساق، ئۇ چاغدا ئالدى بىلەن ئاشۇ خىل ئەقىدىلەرنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇنلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.  

بىرىنچى كېلىش مەنبىيى مۇھىتتۇر. قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار، يامانغا يولۇقساڭ يارىسى، دەيدىغان گەپ بار. بۇ رەھىمسىز ئەمەلىيەتلەر تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان ھەقىقەتتۇر. تۇرمۇشتىكى ئادەمنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان نەرسە پەرىشانلىق ۋە بېسىمغا ئۇچراش تۇيغۇسى ئەمەس، ئادەملەر بۇلارنى تامامەن يېڭىپ كېتەلەيدۇ. تۇرمۇشتىكى ھەقىقى قورقۇنچلۇق نەرسە بولسا مۇھىتنىڭ ئەقىدە ۋە ئارزۇغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىن ئىبارەتتۇر. ئەگەر سىزنىڭ ئۆز ئەتراپىڭىزدا كۆرگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى مەغلۇبىيەت ۋە ئۈمىدسىزلىكتىن ئىبارەت بولغان بولسا، ئۇ چاغدا سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىزغا ياردىمى بولىدىغان ئىچكى تەسەۋۋۇرلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىشىڭىز ناھايىتى تەسكە توختايدۇ. ئالدىنقى بىر بابتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى توختاۋسىز ھالدا تەقلىد قىلىشنى ئويلايدۇ. ئەگەر سىز باي ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇھىت ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بولسىڭىز، ئۇ چاغدا سىز ناھايىتى ئاسانلا بايلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە تەقلىد قىلىسىز. ئەگەر سىز نامراتلىق ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بولسىڭىز، ئۇ چاغدا سىزدە ناھايىتى ئاسانلا نامراتلىق ۋە ئۈمىدسىزلىنىش ئەقىدىسى شەكىللىنىدۇ. ئالبىرىت ئېينىشتېيىن مۇنداق دەيدۇ: ئۆزى تۇرىۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىتقا ئوخشىمايدىغان نۇقتىنەزەرنى ئوتتۇئىرىغا قويالايدىغان كىشىلەر ناھايىتى ئاز چىقىدۇ. كۆپ قىسىم ئادەملەر بۇنداق نۇقتىنەزەرلەرنى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ.
  
[بۇ يەردىكى ئىككى ئابزاس مەزمۇن قىسقارتىلدى.]

چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىنجامىن بىراند دېگەن كىشى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن يۈز نەپەر ياش تەنھەرىكەتچى، مۇزىكانت ۋە ئالىمغا قارىتا تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ بۇ جەرياندا بۇ تالانت ئىگىلىرىنىڭ باشتىن باشلاپلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەمەسلىكىنى بايقىغان. ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى باشقىلارنىڭ يېتەكلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئاندىن ئالغا ئىلگىرلىگەنلەر ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھەرقاندىقىنىڭ تالانت ئالامىتى پەقەت ئۇلاردا مەن تالانت ئىگىسى بولالايمەن دەيدىغان ئەقىدە پەيدا بولغاندىن كېيىنلا ئاندىن نامايان بولغان ئىكەن.  

مۇھىت بەلكىم ئەقىدىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوزغاتقۇچىسى بولۇش مۇمكىن، لېكىن، ئۇ ئەقىدىنىڭ بىردىن-بىر قوزغاتقۇچىسى ئەمەس، ئەگەر ئۇ بىر دىنبىر قوزغاتقۇچ بولىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا بىز مەڭگۈ ئۆزگەرمەس مۇھىت ئىچىدە ياشىغان بولاتتۇق. باي بالىلار پەقەت باي مۇھىتنىلا بىلگەن، نامرات بالىلار بولسا پەقەت نامراتلىقنىلا بىلگەن بولاتتى. ئەكسىچە، باشقا خىل كەچۈرمىش ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلىلىرىمۇ ئەقىدىنىڭ كېلىش مەنبىيى بولالايدۇ.  

تۇرمۇشتىكى چوڭ – كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەقىدە پەيدا قىلالايدۇ. ئادەمنىڭ ھاياتىدا، بەزى ئىشلار مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ. جون ف كىننىدى قەستكە ئۇچرىغان شۇ كۈننى ئەسلىيەلەيدىغان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ شۇ كۈنى قەيەردە ئىكەنلىكىنىمۇ چوقۇم بىلەلەيسىز. نۇرغۇن ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشى مەڭگۈگە ئۆزگەرگەن بىر كۈن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئوخشاشلا، كۆپ قىسىم ئادەملەر مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغان كەچۈرمىشلەرنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن بولىدۇ. بۇنداق كەچۈرمىشلەرنىڭ بىزگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى دەل مۇشۇنداق كەچۈرمىشلەر تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ئەقىدىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ.  

مەن 13 ياش ۋاقتىمدىلا ئۆزۈمنىڭ نېمە قىلىشىم كېرەكلىكى توغرىسىدا ئويلاندىم. ھەم تەنتەربىيە مەخسۇس سەھىپىسىنىڭ يازغۇچىسى ياكى تەنتەربىيە پىروگراممىسىنىڭ دىكتورى بولۇشنى قارار قىلدىم. مەلۇم بىر كۈنى، مەن گېزىتتىن خوخاد كىسارنىڭ مەلۇم بىر كىتابخانىدا ئۆزىنىڭ يېڭى كىتابلىرىنى ئىمزا قويۇپ سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى ئىكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر كۆردۈم، شۇنىڭ بىلەن مەن، ئەگەر مەن تەنتەربىيە مەخسۇس سەھىپىسى يازغۇچىسى ياكى تەنتەربىيە پروگراممىسى دىكتورى بولۇشنى ئويلايدىكەنمە، ئالدى بىلەن چوقۇم زىيارەت قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىم كېرەك، دېگەنلەرنى ئويلىدىم. ھەم ئىشنى مۇشۇ يەردىنلا باشلاشنى قارار قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن مەكتەپتىن ئايرىلىپ، كىچىك ئۈنئالغۇدىن بىرنى ئارىيەت ئالدىم، ئاپام مېنى پىكاۋى بىلەن ھېلىقى كىتابخانىغا ئاپىرىپ قويدى. مەن ئۇ يەرگە يېتىپ بارغان ۋاقىتتا، كىسار ئەپەندىم كېتىشكە تەمشىلىپ تۇرغان ئىكەن. مەن بىر ئاز قورقتۇم. بىر توپ مۇخبىرلار ئۇنى ئورىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن توختىماي سوئال سوراۋاتاتتى. مەن بىر ئاماللارنى قىلىپ، بىر قانچە مۇخبىرلارنىڭ قولتۇقلىرى ئاستىدىن ئۆتۈپ كىسار ئەپەندىمنىڭ ئالدىغا باردىم. مەن دەرھال ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئۇنى ئاددىيغىنا ئۈنئالغۇ زىيارىتى قىلغۇم بارلىقىنى ئېيتتىم. ئۇ ھېلىقى بىر توپ مۇخبىرلارنى توختىتىپ قويۇپ، ماڭا شەخسەن زىيارەت قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. ئۇ كەچۈرمىش مېنىڭ ئەقىدەمنى ئۆزگەرتتى، ماڭا نېمىنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى، تۇرمۇشتا كىملەرگە يېقىنلاشقىلى بولىدىغانلىقى ۋە ئۆزۈم ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىگە ئىنتىلىشنىڭ جاۋابىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى بىلدۈردى. كېيىن مەن كىسار ئەپەندىمنىڭ شۇ قېتىملىق ئىلھاملاندۇرۇشى سەۋەبىدىن، مەلۇم بىر گېزىتكە توختىماي ماقالە ئەۋەتتىم. بۇ مېنى مۇشۇ ساھەدە ئۇنتۇلغۇسىز كەچۈرمىشكە ئىگە قىلدى.

(2) مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سېھرىي ئاچقۇچى

ناپولىيون مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك شەكىلدە مۇناسىۋەتلىك بولغان پرىنسىپلارنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى «مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سېھرىي ئاچقۇچى» دەپ ئاتىغان. بۇرۇنقى كىشىلەر مۇشۇ سېھرىي ئاچقۇچنىڭ ياردىمى بىلەن دۇنيادىكى بارلىق ئۇلۇغ كەشپىياتلارنىڭ مەخپىي ئىشىكىنى ئاچقان.  ھەمدە بۇرۇنقى بارلىق ئەقىل-پاراسەت ۋە تالانتلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئاچقۇچنىڭ سېھرىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ يېتىلدۈرۈلگەن ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان.

مەركەزلەشتۈرۈش دېگىنىمىز سىزنىڭ مۇقىم ئادەت ۋە ئەمەلىيەتتىن پايدىلىنىپ، مەلۇم بىر نەرسىنى تەلتۆكۈس چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ بولغىچە، كۆڭلىڭىزنى ئاشۇ نەرسىگە يىغىپ تۇرۇش قابىلىيىتىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ سىزنىڭ ئۆز دىققىتىڭىز ۋە زېھنىڭىزنى تىزگىنلەپ، ئۇلارنى مەلۇم بىر مەسىلىگە ئاشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بولغىچە مەركەزلەشتۈرۈپ تۇرۇش قابىلىيىتىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ سىزنىڭ ئۆزىڭىز تاشلىۋېتىشنى ئىستەيدىغان ئادەتلەرنىڭ تەسىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇش ئىقتىدارىڭىز بىلەن يېڭى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈش كۈچ-قابىلىيىتىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ سىزنىڭ ئۆز-ئۆزىڭىزنى تەلتۆكۈس تىزگىنلەش قابىلىيىتىڭىزنى كۆرسىتىدۇ.

مەركەزلەشتۈرۈش دېگىنىمىز سىزنىڭ ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغاندەك ئويلاش ئىقتىدارىنى، ئۆزىڭىزنىڭ ئوي-تەپەككۇرىنى كونترول قىلىپ، ئۇنى بىر ناھايىتى ئېنىق مەقسەتكە توغرىلاش ئىقتىدارىنى، ۋە ئۆزىڭىزنىڭ بىلىملىرىنى بىر ساغلام ۋە ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەت پىلانى قىلىپ تەشكىللەش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ.

سىز ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىستىكىڭىزگە مەركەزلەشتۈرۈشتە، ئۆز-ئارا ئارىلىشىپ كەتكەن ۋە بىر-بىرى بىلەن ناھايىتى زىچ باغلانغان باشقا نۇرغۇن ئىشلار ئۈستىدىمۇ باش قاتۇرۇپ، زېھنىڭىزنى مەركەزلەشتۈرمەكچى بولغان ئاساسىي نەرسىنى تاماملىشىڭىز كېرەك. چوڭ پىلان (ئىنگلىزچە ambition) بىلەن ئىستەك ئوڭۇشلۇق مەركەزلەشتۈرۈش جەريانىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشتە كام بولسا بولمايدىغان ئىككى ئاساسىي ئامىلدۇر. بۇ ئامىللار بولمايدىكەن، سېھرىي ئاچقۇچمۇ ئۈنۈم بەرمەيدۇ.  بۇ ئاچقۇچتىن پايدىلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن ئاز بولىشىدىكى سەۋەب، كۆپۈنچە كىشىلەرنىڭ چوڭ پىلانى يوق بولۇپ، ھاياتىدا بىرەر ئالاھىدە نەرسىنىمۇ ئىستىمەيدۇ.

سىز ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلالايدىغان ھەر قانداق نەرسىنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئىستەك قىلىپ تاللىسىڭىز بولىۋېرىدۇ.  ئەگەر سىزنىڭ ئىستىكىڭىز ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ۋە يېتەرلىك دەرىجىدە كۈچلۈك بولىدىكەن، مەركەزلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت سېھرىي ئاچقۇچ ئۇ ئىستەكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەم قىلىدۇ.  نۇرغۇن ئالىم ۋە پىسخولوگىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، تىلاۋەت قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنىڭ كۈچى قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان بىر ئىستەكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مەركەزلەشتۈرۈش پرىنسىپى ئارقىلىق ئۈنۈم بېرىدۇ.

ئىنسانلار بەرپا قىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئالدى بىلەن ئىستەك ئارقىلىق تەسەۋۋۇردا ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلۈپ، ئاندىن مەركەزلەشتۈرۈش ئارقىلىق رېئاللىققا ئايلاندۇرۇلغان.

مەركەزلەشتۈرۈش سېھرىي ئاچقۇچىدىن پايدىلىنىشتا، سىز ئالدى بىلەن كۆڭلىڭىزدىكى گۇمانىي قاراش ۋە ئىشەنمەسلىكنى پۈتۈنلەي يوقىتىشىڭىز كېرەك.  ھازىرغىچە بۇ ئاچقۇچتىن ئوڭۇشلۇق پايدىلىنالىغان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىك ئىدىيىسىدە بولغانلاردىن بىرسىمۇ يوق.  

تۆۋەندە بىز بۇ سېھرىي ئاچقۇچنى بىر مۇقىم فورمۇلا ئارقىلىق سىناپ باقايلى. سىزنىڭ غايىڭىز بىر داڭلىق ئاممىۋىي نۇتۇق سۆزلىگۈچى بولۇش، دەپ پەرەز قىلايلى.  ئۇنداقتا سىز بىر ۋاراق قەغەزگە تۆۋەندىكى ۋەدىنى يېزىڭ:

مېنىڭ بىر ناھايىتى قابىلىيەتلىك ئاممىۋىي نۇتۇق سۆزلىگۈچى بولغۇم بار. چۈنكى مەن شۇ ئارقىلىق دۇنياغا زۆرۈر بولغان خىزمەتلەردىن بىرىنى قىلىپ بېرەلەيمەن، ھەمدە شۇ ئارقىلىق مەن ئۆز تۇرمۇشۇمغا زۆرۈر بولغان ماددىي نەرسىلەرگە ئىگە بولالايدىغان ئىقتىسادىي كىرىمگە ئېرىشەلەيمەن.

مەن ئۆز كۆڭلۈمنى ھەر كۈنى ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن 10 مىنۇت، ۋە ئەتىگىنى ئورنۇمدىن ئەمدىلا تۇرغاندا 10 مىنۇت مۇشۇ ئىستەككە مەركەزلەشتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئاشۇ ئىستەكنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن قانداق ئىش-ھەرىكەتلەرنى قوللىنىش كېرەكلىكىنى تېپىپ چىقىمەن.

مەن ئۆزەمنىڭ بىر ئىنتايىن قابىلىيەتلىك ۋە ئىنتايىن جەلب قىلارلىق ئاممىۋىي نۇتۇق سۆزلىگۈچى بولالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن. شۇڭلاشقا مەن ھەر قانداق نەرسىنىڭ مېنىڭ مۇشۇ يولدىكى تىرىشچانلىقىمغا دەخلى قىلىشىغا يول قويمايمەن.  ئىمزا:________

سىز مۇشۇ ۋەدىگە ئىمزا قويغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدا دېيىلگەن بويىچە ئىش تۇتۇڭ.  ھەمدە سىز ئىستىگەن نەتىجىگە ئېرىشىپ بولغىچە ھەرگىزمۇ بوشۇشۇپ قالماڭ.

سىز مەركەزلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، بىر يىل، ئۈچ يىل، بەش يىل، ۋە ھەتتا ئون يىلدىن كېيىنكى ئەھۋالغا نەزەر سېلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئاشۇ دەۋردىكى ئەڭ داڭلىق ئاممىۋىي نۇتۇق سۆزلىگۈچى بولغاندىكى ئەھۋالنى كۆز ئالدىڭىزغا ئەكىلىڭ.  ئۆز تەسەۋۋۇرىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ مۇۋاپىق كىرىمگە ئېرىشكەنلىكىنى كۆز ئالدىڭىزغا ئەكىلىڭ.  سىز نۇتۇق سۆزلەش ئارقىلىق ئېرىشكەن كىرىم بىلەن ئالغان ئۆيىڭىزدە تۇرغان ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ.  سىزنىڭ نۇتۇقلارنى ئىنتايىن ياخشى سۆزلەش ئارقىلىق بىر تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك ئادەمگە ئايلانغان ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ.  سىز ئۆزىڭىزنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، مۇشۇنداق بىر كۆڭۈل مەنزىرىسىنى ناھايىتى ئېنىق سىزىپ چىقىڭ.  شۇنداق قىلسىڭىز ئۇ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە ئىنتايىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئىستەكنىڭ بىر گۈزەل سۈرىتىگە ئايلىنىدۇ.  

سىز مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ قانداق قىلىپ بىر سېھرىي ئاچقۇچلۇق رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئەمدى چۈشەنگەن بولىشىڭىز مۇمكىن. بۇ ئاچقۇچ سىزگە بىر سىرلىق ساندۇقنىڭ ئىچىدە يېتىپ كەلمىگەنلىكى، ياكى ئۇنىڭ ھەر بىر ئادەم چۈشىنەلەيدىغان ئاددىي سۆزلەر بىلەن بايان قىلىنغانلىقى ئۈچۈنلا ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى تۆۋەن چاغلاپ سالماڭ.  بارلىق ئۇلۇغ ھەقىقەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئاخىرقى ئانالىزدا ئاددىي نەرسىلەرگە، ئاسانلا چۈشەنگىلى بولىدىغان نەرسىلەرگە ئايلىنىدۇ.  ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۇلۇغ ھەقىقەتلەر بولالمايدۇ.

بۇ سېھرىي ئاچقۇچنى ئاقىلانە ئىشلىتىڭ.  ئۇنى پەقەت قىممىتى بار مەقسەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقىلا ئىشلىتىڭ.  شۇنداق قىلسىڭىز ئۇ سىزگە بەخت ۋە مۇۋەپپەقىيەت ئادا قىلىدۇ.

بۇرۇن ئۆتكۈزگەن خاتالىقلارنى ۋە بۇرۇن ئۇچرىغان مەغلۇبىيەتلەرنى ئۇنتۇپ كېتىڭ.  ئۆتۈپ كەتكەن زامانلاردا ياشاشنى توختىتىڭ، چۈنكى ئۇ زامانلار ھەرگىزمۇ قايتىپ كەلمەيدۇ.  سىزنىڭ بۇرۇنقى تىرىشچانلىقلىرىڭىز سىزگە ياخشى نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلەلمىگەن بولسا، ئىشنى قايتىدىن باشلاپ، سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاقتىڭىزنى مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىلىرى بىلەن تولغان مەزگىلگە ئايلاندۇرۇڭ.  چوڭ پىلان، ئۇلۇغ ئىستەك ۋە مەركەزلەشتۈرۈلگەن تىرىشچانلىق ئارقىلىق ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر ئۇلۇغ نام يارىتىڭ، ھەمدە دۇنيا ئۈچۈنمۇ ئۇلۇغ خىزمەتلەرنى كۆرسىتىڭ.  ئەگەر ئۆزىڭىزگە ئىشەنسىڭىز، بۇ ئىشلارنى چوقۇم قىلالايسىز.

(3) مەركەزلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى ئىشقا سېلىش

مەزكۇر ماقالىنىڭ 3-بۆلۈمىدە «بىر ئىستەكنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئالتە قەدەم-باسقۇچلىرى» تونۇشتۇرۇلغان ئىدى. يەنى،

بىر ئىستەكنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئالتە قەدەم-باسقۇچى:
1-كۆڭلىڭىزدە سىز قانچىلىك پۇل ئىستەيدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق بەلگىلەڭ: مەسىلەن، 50 مىڭ دوللار.
2-سىز ئاشۇ پۇلنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ زاكىتىنى قانداق بېرىدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق بەلگىلەڭ—بۇ دۇنيادا ھېچنىمە بەرمەي، پەقەتلا ئالىدىغان ئىش يوق.
3-ئاشۇ پۇلغا ئېرىشمەكچى بولغان ۋاقىتنى ئېنىق بېكىتىڭ.
4-سىز ئۆز ئىستىكىڭىزنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدا بىر ئېنىق پىلان تۈزۈپ چىقىڭ.  شۇنداقلا سىزنىڭ تەييارلىقىڭىز بولسۇن-بولمىسۇن، شۇ زاماتلا ئىش باشلاڭ.
5-بىر ۋاراق قەغەزگە يۇقىرىقى 4 نەرسىنى ناھايىتى ئېنىق، ناھايىتى ئىخچام قىلىپ يېزىپ چىقىڭ.
6-قەغەزگە يېزىلغان بۇ نەرسىنى ھەر كۈنى ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن قوپقاندىن كېيىنلا بىر قېتىم، ۋە ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر قېتىم ئۈنلۈك ئوقۇپ چىقىڭ.  سىز ئۇنى ئوقۇۋاتقاندا، سىز «ئاشۇ پۇلغا چوقۇم ئېرىشىمەن»، دەپ ئۆز-ئۆزىڭىزگە ئىشىنىپ، ئاشۇ پۇلغا ئېرىشكەن ۋاقىتتىكى ئەھۋاللارنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ، ئاشۇ ۋاقىتتىكى ھېسسىياتىڭىزنى بىلىپ تۇرۇڭ.

ئەگەر بۇ كۆرسەتمىلەرنى ھازىرقى پرىنسىپ بىلەن بىرلەشتۈرسەك، تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىسىغا كېلىمىز:

1) باشقىلارنىڭ دەخلى قىلىشىغا ئۇچرىمايدىغان بىر جىمجىت يەرگە بېرىڭ. كۆزىڭىزنى يۇمۇپ، سىز يىغماقچى بولغان پۇل ھەققىدىكى يازما باياناتنى ئۆزىڭىز ئاڭلىيالىغۇدەك ئۈنلۈك ئاۋازدا قايتا-قايتا ئوقۇڭ (ئىلاۋە: ناپولىيوننىڭ كىتابىنىڭ كۆپۈنچە جايلىرىدا پۇل تېپىش بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئوخشاش مەنىدە ئىشلىتىلگەن. ناپولىيوننىڭ ئىككىنچى كىتابى 1937-يىلى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئەھۋالدىن قارىغاندا ئاشۇ زامانلاردا كۆپۈنچە كىشىلەر بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان-بولمىغانلىقىنى ئاشۇ ئادەم تاپقان پۇل بىلەن ئۆلچىگەن ئوخشايدۇ.  ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەھۋالى غەرب ئەللىرىنىڭ ئەھۋالىغا زادىلا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار غەربلىكلەردەك ئاند جۇڭگودىكى باشقا مىللەتلەردەك پۇل تېپىش ۋە بىرەر ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتىگە ئىگە ئەمەس. شۇڭلاشقا ئوقۇرمەنلەردىن بۇ يەردىكى مەزمۇنلاردىن جانلىق پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن). ئاشۇ پۇلنى يىغىپ بولىدىغان ۋاقىتنى، ھەمدە ئۇ پۇلنى سىز قانداق خىزمەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق تاپىدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق بەلگىلەڭ.  مۇشۇ يەردە كۆرسىتىلگەن يول بويىچە ئىش ئېلىپ بارغاندا، سىز ئاشۇ پۇلغا ئېرىشىپ بولغان ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ تۇرۇڭ.

2) سىز ئۆزىڭىز يىغماقچى بولغان ئاشۇ پۇلنى ئۆزىڭىزنىڭ تەسەۋۋۇرىدا كۆرەلەيدىغان بولغىچە، يۇقىرىدىكى 1-قەدەمنى ھەر كۈنى ئەتىگىنى بىلەن ھەر كۈنى ئاخشىمى بىر قېتىمدىن تەكرارلاڭ.

3) سىز بىر ۋاراق قەغەزگە يېزىلغان پىلانىڭىزنى ھەر كۈنى ئەتىگەندە ۋە ھەر كۈنى كەچتە كۆرەلەيدىغان بىر يەرگە قويۇپ قويۇڭ، ھەمدە ئۇنى ھەر كۈنى ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ۋە ھەر كۈنى ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن تۇرغاندىن كېيىن بىر قېتىم ئوقۇپ، ئۇنى تولۇق يادلىۋېلىڭ.

ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز يۇقىرىدىكى تەلىم بويىچە ئىش كۆرگەندە سىزنىڭ قىلغىنىڭىز ئاپتوماتىك تەكلىب پرىنسىپىنى ئىشقا سېلىش بولىدۇ. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا بۇيرۇق بېرىشتىن ئىبارەت.  سىز ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا بىر تەلەپنى يوللىغاندا، ئۇ تەلەپ مەلۇم ھېسسىيات ۋە قىزغىنلىق تۇيغۇسى بىلەن بىرلەشكەن چاغدىلا سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىز ئۇنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەقىدە بولسا بارلىق ھېسسىياتلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ ئۈنۈم بېرىدىغان بىرىدۇر.

يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئىشلار دەسلىۋىدە ناھايىتى ئابستراكت بولۇپ تۇيۇلىشى مۇمكىن. بۇ سىزگە دەخلى قىلمىسۇن. ئۇ ئىشلار قانچىلىك ئابستراكت ياكى ئەمەلىيەتكە قانچىلىك ئۇيغۇن ئەمەستەك تۇيۇلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنى قىلىۋېرىڭ. ئەگەر سىز روھىي ۋە ھەرىكەت جەھەتنىڭ ھەر ئىككىسىدە يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن بويىچە ئىش كۆرسىڭىز، بىردەمدىلا سىزنىڭ ئالدىڭىزدا بىر يېڭى ھاياتىي كۈچ پەيدا بولىدۇ.

بارلىق يېڭى ئىدىيىلەرگە قارىتا گومانخورلۇقنىڭ پەيدا بولۇشى ھەممە ئىنسانلارنىڭ ئورتاق خاراكتېرى. ئەگەر سىز يۇقىرىدىكى كۆرسەتمە بويىچە ئىش كۆرسىڭىز، سىزنىڭ گۇمانىڭىزنىڭ ئورنىنى بىر ئەقىدە ئىگىلەپ، ئۇ ئەقىدە بىر مۇتلەق ئېتىقات بولۇپ ئۇيۇيدۇ.

نۇرغۇن پەيلاسوپلار «ئادەم ئۆزىنىڭ مۇقەددەس تەقدىرىنىڭ خوجايىنى»، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما ئۇلار نىمىشقا شۇنداق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمىگەن.  بىر ئادەمنىڭ ئۆز-ئۆزىگە ۋە ئۆزىنىڭ مۇھىتىغا خوجايىن بولالىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ ئۆز-ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان قابىلىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەتتۇر.

ئىستەكنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئەمەلىي جەريانى ئاپتوماتىك تەكلىب ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.  مانا بۇ سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىش پرىنسىپىدىن ئىبارەت بولۇپ، قالغان پرىنسىپلار بولسا ئاپتوماتىك تەكلىب پرىنسىپىنى قوللۇنۇشتىكى قوراللاردىنلا ئىبارەت، خالاس.

10. باش كۆڭۈل قانۇنىيىتى

ناپولىيون خىل تۇنجى قېتىم ئاندرۇ كارنىگى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت جەريانىدا ئاندرۇنىڭ ئاشۇنداق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدىكى سىرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، ئادنرۇ ئۇنىڭغا ئۆز شىركىتىدە بىر «باش كۆڭۈل» نىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن.  شۇنىڭدىن كېيىن ناپولىيون نۇرغۇن يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، «باش كۆڭۈل» دېگەن بىر پىسخولوگىيە پرىنسىپىنى بايقىغان.

بۇ پرىنسىپنىڭ ئىنگلىزچە ئاتىلىشى «Master Mind» بولۇپ، بۇ يەردىكى «Master» دېگەن سۆز يۇلغۇن لوغىتىدە « ئىگە، خوجايىن، ياللىغۇچى ، باشقۇرغۇچى، مۇئەللىم، ئۇستاز، ئۇستا، پىر، بەگزادە، مۇدىر» دەپ تەرىپلەنگەن.  لېكىن مەن ناپولىيوننىڭ كىتابىدىكى  مەزمۇنغا ئاساسەن، بۇ ئۇقۇمنى ئۇيغۇرچە «باش كۆڭۈل»، دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

باش كۆڭۈل دېگەن ئۇقۇمغا «بىر ئېنىق مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۆز-ئارا ماسلىشىش روھى بىلەن، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ كىشىلەر ئارىسىدا بىلىم ۋە تىرىشچانلىقنى ماسلاشتۇرۇش»، دەپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ.  

ئاندرۇ كارنىگىنىڭ ئادەملىرى ئاشۇنداق بىر باش كۆڭۈلنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇ كۆڭۈل ئىنتايىن ياخشى تەشكىللەنگەن، ۋە ئىنتايىن ياخشى ماسلاشقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر ھەممىگە قادىر كۈچكە ئايلانغان بولۇپ، ئۇلار پولات سانائىتىدىن باشقا ھەر قانداق سانائەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، خۇددى پولات سانائىتىدىكىسى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولار ئىدى.

يۇقىرىقى قۇرلارنى بىرىنچى قېتىم ئوقۇغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر باش كۆڭۈلنىڭ بېرىدىغان پايدىسى بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا ماسلىشىپ، ۋە كۈچنى بىر يەرگە توپلاپ بىللە ئىشلىگەندە ئېرىشكىلى بولىدىغان پايدىدىن ئانچە پەرقى يوقتەك ھېسسىياتتا بولىشى مۇمكىن.  ئەمەلىيەتتە باش كۆڭۈلنىڭ يەتكۈزىدىغان پايدىسى ئۇنىڭدىن كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ بۇنداق ئالاھىدىلىگى ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

سىزنىڭ خەۋرىڭىزدە بولغىنىدەك، سىز كۆڭلىڭىزنى مەلۇم بىر ئىدىيىگە يىغسىڭىز، ئۇ ئىدىيە خۇددى بىر ماگنىتتەك رول ئويناپ، ئۆزىگە باشقا ئوخشاش ماھىيەتلىك ئىدىيىلەرنى جەلب قىلىدۇ.  بىر باش كۆڭۈل ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ كىشىلەر بىر يەرگە كېلىپ، كۆڭلىنى ئوخشاش بىر نەرسىگە مەركەزلەشتۈرگەندە ئاندىن بارلىققا كېلىدىغان بولۇپ، كۆڭۈللەرنىڭ بىرلەشمىسى ئىجادىي ئىدىيىلەرنى ئۆزىگە جەلب قىلىدۇ.  باش كۆڭۈلنىڭ ئېنىقلىمىسى بويىچە، باش كۆڭۈلنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرىنى ئوخشاش بىر پەلسەپىگە ئاتىغان بولىدۇ، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قەلبى بىر ئورتاق، ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشانغا مەركەزلەشكەن بولىدۇ، ھەمدە بارلىق ئەزالار ئايرىم-ئايرىم شەخسلەرنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا كەڭرەك ۋە چوڭقۇرراق چەكسىز ئەقىل مەنبەلىرىگە ئىگە بولغان بولىدۇ. بۇ بىرلەشكەن كۆڭۈل ھەر بىر شەخسلەر ئۆز ئالدىغا ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش قەتئىي مۇمكىن بولمايدىغان يېڭى بىلىم ۋە يېڭى ئىدىيىلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ كۆڭلى بىر خىل شەكىلدىكى ئېنېرگىيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىككى ئادەمنىڭ كۆڭلى بىر-بىرىگە تەڭكەش بولۇش روھى بىلەن ماسلاشقاندا، ھەر بىر كۆڭۈلنىڭ ئېنېرگىيىسى ئۆزىگە يەنە بىر كۆڭۈلنىڭ ئېنېرگىيىسىنى قوشۇۋالىدۇ.  

ئىنسان مېڭىسىنى بىر ئېلېكتىر باتارىيىسىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ.  كۆپ ساندىكى باتارىيىنى بىرلەشتۈرگەندە ئۇنىڭدىن چىقىدىغان ئېنېرگىيىنىڭ بىر ئايرىم باتارىيىنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ بولىدۇ.  شۇنداقلا ھەر بىر باتارىيە چىقىرىدىغان ئېنېرگىيىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىنى ئۇنىڭدىكى تارماق باتارىيىنىڭ سانى بەلگىلەيدۇ.  ئىنسان مېڭىسىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلەيدۇ.  يەنى، بىر قىسىم مېڭىنىڭ ئىش ئۈنۈمى يەنە بىر قىسىم مېڭىنىڭكىگە قارىغاندا ئۈستۈنرەك بولىدۇ.  بىر توپ مېڭىنى ئۆز-ئارا تەڭكەش بولۇش روھى بىلەن ماسلاشتۇرغاندا، ئۇلار ھاسىل قىلىدىغان تەپەككۈر بىلەن ئېنېرگىيە بىر ئايرىم مېڭىنىڭكىگە قارىغاندا زور بولىدۇ.  يەنى، باش كۆڭۈل سىزنىڭ ئىجاتچانلىقىڭىزنى ئاشۇرىدۇ.  

ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئادەملەر ئارىسىدا بىر بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىپ، شۇ ئارقىلىق بىر باش كۆڭۈل ئىتتىپاقداشلىقىنى ھاسىل قىلىشتىكى مەقسەت، مەركەزلەشتۈرۈش قانۇنىيىتىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوللىنىشتىن ئىبارەت.  يەنى، باش كۆڭۈل پرىنسىپى بىر توپ ئادەم كۆڭلىنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان ئاساسىي مەقسەتكە توپلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.   

11. ئالتۇن قائىدە

تۆت مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، كىشىلەر بىر «ئالتۇن قائىدە» نى باشقىلارغا مۇئامىلە  قىلىشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق قائىدە، دەپ تەلىم بېرىپ كەلدى.  ئەمما، گەرچە كىشىلەر بۇ پەلسەپىنى ئەخلاقلىق ئىش-ھەرىكەتنىڭ بىر توغرا قائىدىسى، دەپ قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ روھىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ياكى ئۇنىڭ قانداق بىر قانۇنىيەتكە ئاساسلانغانلىقىنى چۈشەنمەي كەلدى.  بۇ ئالتۇن قائىدىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت:
--سىز باشقىلاردىن ئۆزىڭىزگە قانداق ئىشلارنى قىلىپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىزمۇ باشقىلارغا شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ بېرىڭ.
--سىز باشقىلاردىن ئۆزىڭىز توغرىسىدا قانداق سۆزلەرنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىزمۇ باشقىلارغا ئاشۇنداق سۆزلەرنى قىلىڭ.
--سىز باشقىلاردىن ئۆزىڭىز توغرىسىدا قانداق ئويلاشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىزمۇ باشقىلار توغرىسىدا ئاشۇنداق ئويلاڭ.

ئەگەر سىز مەزكۇر ماقالىنىڭ ئالدىنقى بۆلۈملىرىدە بايان قىلىنغان مەزمۇنلارنى، يەنى، بىر ئادەمنىڭ ئوي-خىيالى ئاشۇ ئوي-خىيالنىڭ ماھىيىتى بويىچە رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەنگەن بولسىڭىز، يۇقىرىقى ئالتۇن قائىدىگە ئاساس بولىدىغان قانۇنىيەتنى ئاسانلا ئاڭقىرتالايسىز.  يەنى، سىز باشقىلار ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئاشۇ ئىش توغرىسىدا ئويلىنىشىڭىز ياكى تەپەككۈر يۈرگۈزىشىڭىز كېرەك.  شۇڭلاشقا سىزنىڭ باشقىلارغا بىرەر ئىشنى قىلىپ بېرىپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ سىزگىمۇ ئوخشاش بىر ئىشنى قىلىپ بېرىشىنى قولغا كەلتۈرىشىڭىز ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ بىر ئىنتايىن ياخشى مىسالىدۇر. يەنى ئالتۇن قائىدە بىلەن ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى ئەمەلىيەتتە ئوخشاش بىر نەرسىدىن ئىبارەت.

سىز يۇقىرىقى ئالتۇن قائىدىنى ئۆزگەرتەلمەيسىز، ئەمما ئۇنىڭدىن بىر رەت قىلغىلى بولمايدىغان كۈچ سۈپىتىدە پايدىلىنىپ، ئۇنىڭسىز ئېرىشكىلى بولمايدىغان يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشەلەيسىز.

باشقىلارغا ئادالەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش سىزنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقلىرىڭىزنىڭ بىرى.  ئەمما سىز مەزكۇر قائىدىنى چۈشەنسىڭىز، ئاخىرىدا باشقىلارمۇ سىزگە ئادالەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلىسىز.  بۇ قانۇنىيەت سىزنىڭ باشقىلارغا قىلغان ئادالەتسىزلىكلەر بىلەن رەزىللىكلەرنىڭ ئۆزىڭىزگە قايتىپ كېلىشى بىلەنلا توختاپ قالماي، سىزگە ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر، ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئەغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.  يەنى ئۇ سىز بۇرۇن قىلغان ئوي-خىياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ نەتىجىسىنى سىزگە ئېلىپ كېلىدۇ.  شۇنداق بولغاچقا، سىز باشقىلارغا ئۇلارنىڭ ئۆزىڭىزگە قىلىشىنى ئارزۇ قىلغان ئىشلارنىلا قىلىپ قالماي، سىز باشقىلارنىڭ ئۆزىڭىزنى قانداق ئويلىشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىزمۇ باشقىلارنى ئاشۇنداق ئويلىشىڭىز كېرەك.

سىز باشقىلارغا قارىتا بىرەر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئاشۇ ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ئۆز تەپەككۈرىڭىزدە ھاسىل قىلىسىز.  ھەمدە ئاشۇ ئىشنىڭ يىغىندىسى، ئاساسى ۋە ماھىيىتىنى ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئاشۇ ئىش توغرىسىدىكى تەپەككۈرىڭىزنى سىرتقا تارقىتىسىز.  سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا كىرگەن ئۇ نەرسىلەر سىزنىڭ ئۆز خاراكتېرىڭىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ، سىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىڭىز ياكى تەپەككۈرىڭىزنىڭ ماھىيىتىگە ئۇيغۇن كەلگەن ھالدا ئۆزگىرىدۇ.

مۇشۇ ئاددىي پرىنسىپنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، سىز نېمە ئۈچۈن باشقا بىر ئادەمنى ئۆچ كۆرسىڭىز ياكى ئۇنىڭغا ھەسەتخورلۇق قىلسىڭىز بولمايدىغانلىقىنى، سىز نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە ئادالەتسىزلىك قىلغان كىشىلەردىن ئۆچ ئالسىڭىز بولمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا نېمە ئۈچۈن «يامانلىققا ياخشىلىق قىلىش» كېرەكلىكىنىمۇ چۈشىنەلەيسىز.  

ئەگەر سىز ئالتۇن قائىدىگە ئاساس بولىدىغان قانۇنىيەتنى تولۇق چۈشەنسىڭىز، پۈتۈن ئىنسانىيەتنى بىرلا دوستلۇق رىشتىسى بىلەن ئەبەدىي باغلاپ تۇرىدىغان قانۇنىيەتنىمۇ چۈشىنىپ، مەيلى تەپەككۈر جەھەتتە بولسۇن ياكى ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەت جەھەتتە بولسۇن، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى زەخمىلەندۈرمەي تۇرۇپ باشقا بىر ئادەمنى زەخمىلەندۈرىشىڭىز قەتئىي مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتىسىز.  خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، سىز پۈتۈن ئىشتىياقىڭىز بىلەن قىلغان ھەر بىر تەپەككۈر ۋە ھەر بىر ئىش-ھەرىكەت سىزنىڭ ئۆز خاراكتېرىڭىزگە پايدىلىق يوسۇندا قوشۇلىدۇ.

بۇ قانۇنىيەتنى چۈشەنسىڭىز سىز قىلچىلىكمۇ گۇمانلانماي تۇرۇپ شۇنىمۇ بىلىسىزكى، باشقىلارغا قىلغان ھەر بىر يامانلىقىڭىز ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزنىمۇ جازالايسىز، شۇنداقلا باشقىلارغا قىلغان ھەر بىر ياخشىلىقىڭىز ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزگىمۇ پايدا يەتكۈزىسىز.

(1) باشقىلاردىن ئىستىگەن ئىشنى باشقىلارغا قىلىش

باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىپ، ياكى ئۇلارنىڭ ياخشىلىقىغا ئېرىشەلمىگەن، ياكى ئۇلارنىڭ رەخمىتىگىمۇ ئېرىشەلمىگەن ئەھۋال ھەممىمىزنىڭ بېشىدىن ئۆتۈپ باققان.  بۇنداق ئىشلار بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.  ئاشۇنداق ئىشلارنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققان كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى «ئالتۇن قائىدە پەلسەپىسى پەقەت بىر نەزىرىيىدىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئۇ بىرەر ئۆزگەرمەس قانۇنىيەت بىلەن باغلانغان ئەمەس»، دەپ قارىشى مۇمكىن.  سىزمۇ ھەرگىز ئاشۇنداق قاراشتا بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى توختىتىپ قويماڭ. بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق:

باشقىلارغا بىرەر ياخشىلىق قىلغاندا، سىز ئۆز تىرىشچانلىقىڭىزنىڭ تەسىرىنى ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا قاچىلاپ قويىسىز. بۇ خۇددى بىر باتارىيىگە توك قاچىلىغان بىلەن ئوخشاش. سىز چىن كۆڭلىڭىز ۋە پۈتۈن ئىشتىياقىڭىز بىلەن باشقىلارغا يېتەرلىك ساندا ياخشىلىق قىلسىڭىز، سىز ئۆزىڭىزدە بىر خىل ئىجابىي ۋە روھلۇق خاراكتېرنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆزىڭىزگە سىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش خاراكتېردىكى ياكى سىزگە ھەممە جەھەتلەردە تەڭكەش بولالايدىغان كىشىلەرنى تارتىسىز.  مانا ئاشۇ كىشىلەر سىزگە بۇرۇن باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقلىرىڭىزنى قايتۇرىدۇ.  «تۆلەپ بېرىش قانۇنىيىتى» مۇشۇ تەرىقىدە سىز ئۈچۈن ئادالەتلىكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، سىز بىر مەنبە ئارقىلىق قىلغان ياخشىلىقلارنى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان باشقا بىر مەنبە ئارقىلىق سىزگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ.

سىز خۇددى بىر ماگنىتقا ئوخشاش بولۇپ، خاراكتېر جەھەتتىن ئۆزىڭىزگە ناھايىتى ئوخشايدىغان كىشىلەرنى ئۆزىڭىزگە تارتىپ، خاراكتېر جەھەتتىن سىزگە تەڭكەش بولالمايدىغان كىشىلەرنى بولسا ئۆزىڭىزدىن يىراققا ئىتتىرىسىز.  بۇ ماگنىتنى ياسىغۇچى سىز ئۆزىڭىز بولۇپ، سىز ئۇنىڭ ماھىيىتىنى ئۆزىڭىز بوي سۇنماقچى بولغان بىر ئىدىيىگە ماسلىشىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتەلەيسىز.  ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بۇ بارلىق ئۆزگىرىشلەر سىزنىڭ تەپەككۈرىڭىز ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ.  سىزنىڭ خاراكتېرىڭىز سىزنىڭ بارلىق تەپەككۈرىڭىز بىلەن سىزنىڭ بارلىق ئىش-ئىزلىرىڭىزنىڭ يىغىندىسىدىنلا ئىبارەت، خالاس.

مۇشۇنداق بىر ھەقىقەتنىڭ بولغىنىدىن، سىز ئۆزىڭىزگىمۇ پايدا يەتكۈزمەي تۇرۇپ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلالمايسىز.  خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ئۆزىڭىز ئوخشاش دەرىجىدە زىيان تارتماي تۇرۇپ باشقىلارغا تەپەككۈر ۋە ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەت جەھەتتە يامانلىقمۇ قىلالمايسىز. دېمەك، ئالتۇن قائىدە پەلسەپىسىنى قوللىنىپ، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلسىڭىز، سىز باشقىلارغا بىر مەنبە ئارقىلىق مەنپەئەت بېرىپ، ئۆزىڭىز باشقا بىر مەنبە ئارقىلىق مەنپەئەت ئالىسىز.   

ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىزنىڭ ياخشى نامىڭىزنى باشقىلار يارىتىدىغان بولۇپ، سىزنىڭ خاراكتېرىڭىزنى بولسا سىز ئۆزىڭىز يېتىلدۈرىسىز.

(2) ئۆچ ئېلىش قانۇنىيىتى

«ئۆچ ئېلىش» نىڭ ئادەتتىكى مەنىسى «يامانلىققا يامانلىق قايتۇرۇش» تىن ئىبارەت.  لېكىن، ناپولىيوننىڭ كىتابىدا بۇ سۆز «ھەر بىر نەرسە ياكى ئىش ئۈچۈن شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسە ياكى ئىش قايتۇرۇش» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلگەن.  

ئەگەر مەن سىزنى زەخمىلەندۈرسەم، سىز بىرىنچى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مەندىن ئۆچ ئالىسىز. ئەگەر مەن سىز توغرىسىدا ئادالەتسىز گەپلەرنى قىلسام، سىز شۇنىڭغا ئوخشاش، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يوقىرى دەرىجىدە مەندىن ئۆچ ئالىسىز. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر مەن سىزگە ياخشىلىق قىلسام، سىز ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە مېنىڭ ياخشىلىقىمنى مېنىڭ قىلغىنىمدىن ئاشۇرۇپ قايتۇرىسىز.

مەن مۇشۇ قانۇنىيەتتىن مۇۋاپىق پايدىلانسام، سىزنى ئۆزەم ئىستەيدىغان ھەر قانداق ئىشنى قىلدۇرالايمەن. ئەگەر مەن سىزنى ئۆزۈمگە ئۆچ قىلدۇرماقچى بولسام، مەن سىزگە قوپال ۋە ئادالەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، سىزنى ئۆچ ئېلىشقا قىستاش ئارقىلىق سىزنى ئاشۇنداق قىلدۇرالايمەن.

ئەگەر مەن سىزدىن ھۆرمەت، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ئىستىسەم، مەن ئۇلارغا سىزگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش ۋە سىز بىلەن ماسلىشىش ئارقىلىق ئېرىشەلەيمەن.

ئەگەر سىز يۇقىرىقى بايانلارنى ئۆزىڭىزنىڭ كەچۈرمىشلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقايسىز.

سىز بەزىدە بىر ئادەمگە قارىتا «بۇ ئادەمنىڭ مىجەزى نېمە دېگەن ئېسىل؟» دەيسىز.  «مېنىڭ مىجەزىممۇ ئاشۇ ئادەمنىڭكىدەك بولغان بولسا، نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى؟» دەپ ئويلايدىغان كىشىلەرنى داۋاملىق ئۇچرىتىپ تۇرىسىز.  ئۆزىنىڭ ئېسىل مىجەزى ئارقىلىق سىزنى ئۆزىگە جەلب قىلىۋاتقان كىشىلەر ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى بىلەن، ياكى بولمىسا ئۆچ ئېلىش قانۇنىيىتى بىلەن ئاشۇنداق قىلىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئوبدان ئانالىز قىلىپ كۆرىدىغان بولسىڭىز، بۇ قانۇنىيەتلەرنىڭ ھەر ئىككىسى «ھەر بىر نەرسە ئۆزىگە ئۆزى بىلەن ئوخشاش نەرسىنى تارتىدۇ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى بايقايسىز.

بۇ قانۇنىيەتنى پۇختا ئىگىلەشتە ئالىدىغان بىرىنچى ۋە ھەممىدىن مۇھىم قەدەم ئۆز-ئۆزىنى تولۇق تىزگىنلەشتىن ئىبارەت.  سىز ئۆچ ئالماي تۇرۇپ ھەممە خىلدىكى جازا ۋە خارلاشلارنى قوبۇل قىلالايدىغان بولۇشىڭىز كېرەك.  مانا بۇ سىز ئۆچ ئېلىش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۆلىمىسىڭىز بولمايدىغان بەدەلدۇر.

ئاچچىقلىنىپ قالغان بىر ئادەم سىزگە مۇۋاپىق ياكى نامۇۋاپىق ھالدا تۆھمەت چاپلىغان ۋە سىزنى خارلىغان ۋاقىتتا، ئەگەر سىز ئۇ ئادەمدىن ئوخشاش تەرىقىدە ئۆچ ئالسىڭىز، سىز ئۆزىڭىزنى ئاشۇ ئادەمنىڭكى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدىكى روھىي ھالەتتە چۈشۈرۈپ قويۇپ، ئۇ ئادەم سىزدىن ئۈستۈن ئورۇنغا ئۆتۈپ قالىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر سىز ئۇنىڭ قىلغىنىغا ئاچچىقلانماي، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىپ، جىمجىت ۋە بىخارامان تۇرسىڭىز، سىز ئۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىسىز.  سىز ئۇ كىشىدىن ئۆزىگە ناتونۇش بولغان بىر خىل قورال بىلەن ئۆچ ئالىسىز، شۇنىڭ بىلەن سىز ئۇنىڭكىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا ئۆتىۋالىسىز.

راستىنى ئېيتقاندا، سىز كۆرۈشكەن ھەر بىر ئادەم سىز ئۈچۈن بىر روھىي ئەينەك بولۇپ، ئۇنىڭدا سىز ئۆزىڭىزنىڭ روھىي پوزىتسىيىسىنى كۆرەلەيسىز.

ئۆچ ئېلىش پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، سىز دۈشمىنىڭىزنى دوستۇڭىزغا ئايلاندۇرالايسىز.  ئەگەر سىز بوينىڭىزغا ئېسىقلىق تۇرغان «غۇرۇر» ياكى «جاھىللىق» دەپ ئاتىلىدىغان خەتەرلىك تاشنى ئۇنتۇلۇپ كېتەلەيدىكەنسىز، بىر دۈشمىنىڭىزنى بىر دوستۇڭىزغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق يۇقىرىقى باياننى ئىسپاتلىيالايسىز.  سىز ئاشۇ دۈشمىنىڭىزگە ئادەتتىن تاشقىرى كەمتەرلىك بىلەن سۆز قىلىشنى ئۆزىڭىزگە ئادەت قىلىڭ.  ئىمكانلا بولىدىكەن، ھەممە ئىشتا ئۇنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇڭ ياكى ئۇنىڭغا يول بېرىڭ.  ئۇ كىشىنى ئۆزگەرتىش دەسلىۋىدە خېلە تەستەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن تەدرىجى ھالدا ئۇ كىشى سىزنىڭ تەسىرىڭىزدە ئېرىپ، سىزدىن «ياخشىلىق بىلەن ئۆچ ئالىدۇ».

بەزىدە كۈچكە كۈچ بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، قارشى تەرەپنى كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا پۈتۈنلەي بېسىپ چۈشۈش زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ. ئەمما، ئۇلار ئاجىز كېلىپ قالغان ۋاقىت ئۇلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇش ئارقىلىق «ئۆچ ئېلىش» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇلارغا زىددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشىراق يولىنى كۆرسىتىپ قويۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتتىمۇ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

باشقىلار سىزگە قىلىپ بېرىدىغان ئىشلارنى سىز ئۆزىڭىز بەلگىلەيسىز، شۇنداقلا ئۆچ ئېلىش قانۇنىيىتى ئارقىلىق ئاشۇ ئىشلارنى باشقىلارغا سىز ئۆزىڭىز قىلغۇزالايسىز.

(3) ھەسسىلەپ قايتۇرۇش قانۇنىيىتى

بىر دېھقان تۇپراقنى ئوبدان تەييارلاپ، ئۇنىڭغا بۇغداي ئۇرۇقىنى چېچىپ قويسا، «ھەسسىلەپ قايتۇرۇش قانۇنىيىتى» بويىچە ئۇ تۇپراق كۈزدە يالغۇز دېھقان چاچقان ئۇرۇقنىڭ ئۆزىنىلا ئەمەس، ئۇرۇقنىڭ سانىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ساندىكى بۇغداينى قايتۇرىدۇ.

ئەگەر ھەسسىلەپ قايتۇرۇش قانۇنىيىتى بولمىغان بولسا، يەر شارىدىكى تۇپراق ئىنسانلار ئۈچۈن يېتەرلىك مىقداردىكى يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپ چىقىرىپ بېرەلمەي، پۈتۈن ئىنسانىيەت غايىپ بولغان بولاتتى.  ئەگەر تۇپراق چاچقان ئۇرۇقنى كۆپەيتىپ قايتۇرۇپ بەرمىگەن بولسا، يەرگە ئۇرۇق سېلىشنىڭ ھېچ بىر ئەھمىيىتى قالمىغان بولاتتى.

يۇقىرىدىكىسى تەبىئەتتىن كەلگەن «ھەسسىلەپ قايتۇرۇش قانۇنىيىتى» توغرىسىدىكى بىر «يىپ ئۇچى» دۇر. ئەمدى بىز ئاشۇ قانۇنىيەت بويىچە، باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقىمىزنىڭ قانداق قىلىپ ھەسسىلەپ قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى.

ئەينى ۋاقىتتا، ناپولىيون ئامېرىكىنىڭ ئايۋا (ئىنگلىزچە «Iowa») شتاتىدىكى بىر مەكتەپكە بېرىپ، بىر قېتىم سېمىنار بېرىپتۇ.  مەكتەپ ئۇنىڭ بارلىق يول كىراسى قاتارلىق چىقىملىرىنى كۆتۈرگەندىن باشقا، ئۇنىڭغا يەنە 100 دوللار نۇتۇق ھەققى بەرمەكچى بولۇپتۇ.  لېكىن، ناپولىيون ئۇ مەكتەپتە ئۇ يەردىكىلەرنىڭ ئىنتايىن قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشىپ، نۇرغۇن مۇھىم كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، خېلە كۆپ يېڭى بىلىملەرگە ۋە ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىگە پايدىلىق بولغان نۇرغۇن پاكىتلارغا ئېرىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ناپولىيون ئۇ مەكتەبتىكىلەرگە «مەن بۇ يەردە تۇرۇش جەريانىدا ئۆگىنىۋالغان نەرسىلەر ئارقىلىق، ئۆزەم سۆزلىگەن نۇتۇق ئۈچۈن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىش ھەققىگە ئېرىشىپ بولدۇم»، دەپ جاۋاب بېرىپ، ئۇ 100 دوللار پۇلنى ئېلىشنى رەت قىلىپ، قايتىپ كېتىپتۇ.  بۇنىڭ ئەتىسى ئەتىگەندە، مەكتەپنىڭ مۇدىرى 2000 ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا ناپولىيوننىڭ دېگەن سۆزىنى دەپ، يەنە مۇنداق دەپتۇ: «مۇشۇ مەكتەپنى باشقۇرۇپ كەلگەن 20 يىل ۋاقىت ئىچىدە، مەن نۇرغۇن كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىپ لېكسىيە بەرگۈزدۈم.  لېكىن، بۇ قېتىم 1-قېتىم ئۆزىنىڭ نۇتۇق ھەققىگە باشقا يوللار ئارقىلىق ئېرىشىپ بولغانلىقىنى ئېيتىپ، بىز بەرگەن نۇتۇق ھەققىنى رەت قىلغان كىشىنى ئۇچراتتىم.  بۇ كىشى بىر مەملىكەتلىك يورنالنىڭ مۇھەررىرى بولۇپ، مەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلەرگە ئاشۇ يورنالغا مۇشتىر بولۇشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.  چۈنكى ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئادەمنىڭ سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلارغا ئۆگىتىپ قويىدىغان، سىلەرنىڭ مەكتەپتىن چىققاندىن كېيىنكى ھاياتىڭلار ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر بولغان نۇرغۇن نەرسىلىرى چوقۇم بار.»  بۇ ئىشتىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە ناپولىيوننىڭ يورنىلىغا يېڭىدىن مۇشتىر بولغانلارنىڭ مۇشتىرلىق ھەققى 6000 دوللاردىن ئېشىپتۇ.  ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككى يىل ئىچىدە بولسا بۇ سان 50 مىڭ دوللارغا كۆپىيىپتۇ.  ئەگەر ناپولىيون ئاشۇ 100 دوللار پۇلنى باشقا بىر ئىش ئۈچۈن مەبلەغ قىلىپ سالغان بولسا، يۇقىرىقىدەك پايدا ئېلىشى ھەرگىزمۇ مۇمكىن بولمىغان بولاتتى.

ھەسسىلەپ قايتۇرۇش قانۇنىيىتىنى ناپولىيون ئىجاد قىلغان ئەمەس بولۇپ، «ئالغان ئىش ھەققىدىن كۆپرەك ئىش قىلىپ بېرىش پرىنسىپى» نىمۇ ئۇ بايقىمىغان ئىكەن.  ئەمما ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا رول ئوينايدىغان كۈچلەر ئۈستىدە ئۇزۇن يىللار تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، يۇقىرىقى قانۇنىيەتلەرنى يېڭىچە چۈشەندۈرۈپ بەرگەن.  ئەگەر ئۇ قانۇنىيەتلەرنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى سىزمۇ تولۇق چۈشەنسىڭىز، سىزمۇ ئۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايسىز.

سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىڭىز ئىگىلەپ تۇرۇشقا تېگىشلىك ئورۇننى ھازىر بىر تاغ ئىگىلەپ تۇرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.  بۇ تاغ قانداق تاغ؟  ئۇ بولسىمۇ سىزدىكى «ئەگەر مەن قىلغان ئىشقا ئىش ھەققى ئالمىسام، مەن ئالدانغان بولىمەن»، دېگەن تۇيغۇدىن ئىبارەت.  ھازىر ئاشۇ تۇيغۇ ئاڭسىز ھالدا ئۆزىنى نامايان قىلىپ، سىز تېخى ھېس قىلمىغان ھەر خىل يوللار بىلەن سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىڭىزنىڭ ئاساسىنى يىمىرىۋاتقان بولىشى مۇمكىن.

بۇ خىل  تۇيغۇنىڭ سىرتقا نامايان بولىدىغان ئەڭ ئاددىي شەكلى مۇنداق بولىدۇ: «مەن بۇ ئىش ئۈچۈن ئىش ھەققى ئالمايمەن، شۇڭا ئەگەر ئۇنى قىلسام، مەن ئالدانغان بولىمەن.»

سىز مۇۋەپپەقىيەتنى خۇددى يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى قانۇنىيىتىگە ئوخشاش ئۆزگەرمەس قانۇنىيەتلەرنى چۈشىنىش ۋە ئۇلارنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزگە تارتىپ كېلىشىڭىز كېرەك.  ھەسسىلەپ قايتۇرۇش قانۇنىيىتىدىن ئىبارەت بۇ ئىنتايىن مۇھىم قانۇنىيەتنى تولۇق چۈشىنىۋېلىشىڭىز ئۈچۈن، سىز تۆۋەندىكى تەجرىبىنى ئىشلەپ بېقىڭ:

بۇنىڭدىن كېيىنكى 6 ئاي ۋاقىت ئىچىدە، ھەر كۈنى بىر ئادەمگە ياخشىلىق قىلىشنى ئۆزىڭىزنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى قىلىڭ.  ئۇ ئادەمدىن ياخشىلىقنى قايتۇرۇۋېلىشنى ھەرگىزمۇ ئويلىماڭ، ھەمدە قىلغان ئىشىڭىز ئۈچۈن ھەق بەرسىمۇ ئالماڭ. بۇ ئىشنى «ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قانۇنىيەتلىرىنىڭ بىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ»، دېگەن ئېتىقاد بىلەن قىلىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ھەرگىزمۇ ئۈمىدسىزلەنمەيسىز.  بۇ ياخشىلىق قانداق شەكىل ئالسا بولىۋېرىدۇ. مەسىلەن، ئۇ ياخشىلىقنى سىز ئۆزىڭىز بىلىدىغان بىر ياكى بىر قانچە شەخسلەرگە قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.  ياكى سىز ھەر كۈنى ئۆز ئىدارىڭىز ياكى ئۆز شىركىتىڭىز ئۈچۈن بىر سائەتتىن ئارتۇق ئىشلەپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.  ياكى بولمىسا سىز تونۇمايدىغان، ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى كۆرمەيدىغان بىر ئادەمگە قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.  ئۇ ياخشىلىقنى كىمگە قىلىشتىن قەتئىينەزەر، ئۇنى سىز چىن كۆڭلىڭىزدىن ۋە تولۇق رازى بولغان ھالدا پەقەت باشقىلارغا پايدا يەتكۈزۈش ئۈچۈنلا قىلسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر سىز بۇ تەجرىبىنى مۇۋاپىق پۇزىتسىيە بىلەن ئۆتكۈزىدىكەنسىز، مەزكۇر قانۇنىيەتنى چۈشىنىدىغان باشقا بارلىق كىشىلەر بايقىغان بىر نەرسىنى سىزمۇ بايقىيالايسىز.  ئۇ بولسىمۇ، باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقىڭىز چوقۇم ئۆزىڭىزگە قايتىپ كېلىدۇ؛ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلماي تۇرۇپ، ياخشىلىق قىلىش ئارقىلىق ئېرىشەلەيدىغان پايدىغىمۇ ھەرگىز ئېرىشەلمەيسىز—بۇ جەرياننى سىز ھەرگىزمۇ ئۆزگەرتەلمەيسىز.  

يۇقىرىدىكىسى بىر ئۇلۇغ پرىنسىپ بولۇپ، ئۇ پىسخولوگىيە ئىلمىنىڭ ئەڭ مۇھىم پرىنسىپى بولۇشىمۇ مۇمكىن.  يەنى، بىز باشقىلارغا قاراتقان تەپەككۈر بىلەن ئىش-ھەرىكەتلەر بىر ماگنىتقا ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار بىزگە ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش تىپتىكى تەپەككۈر بىلەن ئوخشاش تىپتىكى ئىش-ھەرىكەتلەرنى تارتىپ كېلىدۇ.  ئىنسان كۆڭلى ئۆزى تاپشۇرۇپ ئالغان تەپەككۈر تەسىراتلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش تىپتىكى تەپەككۈر بىلەن ئىنكاس قايتۇرىدۇ.  ئىنسان كۆڭلى ئانا تۇپراققا ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىدە تۇرغۇزۇلغان سەزگۈ جەھەتتىكى تەسىرگە ئوخشاش تىپتىكى ئىش-ھەرىكىتى بىلەن ئىنكاس قايتۇرىدۇ.  ئاق كۆڭۈللۈك  ئاق كۆڭۈللۈكنى پەيدا قىلىدۇ، شۇنداقلا قارا كۆڭۈللۈك  بىلەن ئادالەتسىزلىك قارا كۆڭۈللۈك بىلەن ئادالەتسىزلىكنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ.  

بىز باشقىلارغا قىلغان ئاق كۆڭۈللۈك، قارا كۆڭۈللۈك، ئادالەتلىك ۋە ئادالەتسىزلىك قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىمىزگە تېخىمۇ چوڭراق مىقداردا قايتىپ كېلىدۇ.  ئىنسان كۆڭلى ئۆزى تاپشۇرۇپ ئالغان سەزگۈ جەھەتتىكى تەسىرلەرنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش تىپتىكى ئىش-ھەرىكەت ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرىدۇ.  مۇشۇ قانۇنىيەتتىن پايدىلىنىپ، بىز باشقىلارغا ئۆزىمىز ئىستىگەن ئىشنى قىلدۇرالايمىز. ئۆچ ئېلىش قانۇنىيىتىدىن ئىجابىي يوسۇندا پايدىلىنىشىمىز ئۈچۈن، بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىكى غۇرۇر بىلەن جاھىللىقنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ تۇرىشىمىز كېرەك.

12.خۇلاسە: مەن ئۆز قەلبىمنىڭ كاپىتانى (يول باشلىغۇچىسى)

ھازىرغىچە بايقالغان ئىشلارنىڭ ئىچىدە مۇنداق بىر ئىش بار: ئىنسان بەدىنى مىليونلىغان جانلىق، ئەقىللىق، ۋە ئايرىم-ئايرىم ھۆجەيلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇلار ئىنتايىن ئېنىق ۋە ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ.  بۇ ۋەزىپىلەر ئادەم بەدىنىنى قۇرۇپ چىقىش، ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى ساقلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  بۇ ھۆجەيلەرنى ئىنساننىڭ كۆڭلى ئۆزىنىڭ ئاپتوماتىك ئىش-ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەر خىل ئىشلارغا سالىدۇ.  ئادەم كۆڭلىنىڭ تۆۋەنكى قىسمى (ياكى يوشۇرۇن ئاڭ) نى ئادەمنىڭ ئاڭلىق كۆڭلى كونترول قىلىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ.  بىر ئادەم تەكرارلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆڭلىگە سىڭدۇرگەن ۋە ئۇ يەردە ساقلىغان ھەر قانداق بىر ئىدىيە ياكى ئوي-خىيال ئاشۇ ئادەمنىڭ جىسمانىي بەدىنىنى يېتەكلەپ، ھېلىقى ئىدىيە ياكى ئوي-خىيالنى ئۆزىنىڭ ماددىي ئېكۋېۋالېنتىغا (تەڭداش نەرسىسىگە) ئايلاندۇرۇشقا يۈزلىنىدۇ.  ئاپتوماتىك تەكلىپ قانۇنىيىتى ئارقىلىق كۆڭۈلنىڭ تۆۋەنكى قىسمىغا يەتكۈزۈلگەن ھەر قانداق بۇيرۇق، ئەگەر باشقا بىر كۈچلۈكرەك بۇيرۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپلا قالمايدىكەن، شۇ بۇيىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. يوشۇرۇن ئاڭ بۇيرۇقنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ توغرا-خاتالىقىنى سۈرۈشتۈرمەيدۇ، بەلكى بەدەننى ئاشۇ بۇيرۇقنى شۇ پېتى ئىجرا قىلىشقا يېتەكلەيدۇ.

بۇ ئەھۋال بىزنىڭ قانداق تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىشىمىز، ۋە تەكلىپلەرنى قايسى مەنبەلەردىن قوبۇل قىلىشىمىزنى ئىنتايىن پۇختا كونترول قىلىشىمىزنىڭ ناھايىتىمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.  شۇ نەرسە ئىنتايىن ئېنىقكى، بىز قاچان ۋە قانداق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق باشقىلارنىڭ تەسىرىگە جىم-جېت ھالدا ئۇچراۋاتقانلىقىمىزنى ئۆزىمىز سەزمەي قېلىشىمىز مۇمكىن.

ئىنسان بەدىنى ئاڭلىق كۆڭۈل ياكى تۆۋەنكى كۆڭۈل (يوشۇرۇن ئاڭ) دىن بىرسىنىڭ كونتروللىقى ئاستىدا بولۇپ، كۆڭۈلنىڭ ئاشۇ ئىككى قىسمىنىڭ بىرسىدىن بۇيرۇق ئالمىغۇچە، ئادەمنىڭ مۇسكۇللىرى ھەرگىزمۇ ھەرىكەت قىلمايدۇ.  

بىز بىر ئىدىيە ياكى خىيالنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپ، ئۇنى يوشۇرۇن ئېڭىمىز ئۆزىگە تولۇق ئۆتكۈزىۋالغىچە ئۆز  كۆڭلىمىزدە ساقلىساق، يوشۇرۇن ئېڭىمىز ئۇ ئىدىيە ياكى خىيالنى ئۆزىنىڭ ماددىي ئېكۋېۋالېنتىغا ئايلاندۇرۇش يولىدا ئىش باشلايدۇ.  بىز مۇشۇ پرىنسىپنى تولۇق چۈشەنگەندە، مەكەزلەشتۈرۈش قانۇنىيىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىدىغان تەلىمىگە ئېرىشكەن بولىمىز.

(1) بىر ئاساسىي نىشان تۇرغۇزۇشنىڭ قىممىتى

بىز مەزكۇر ماقالىدە بىر ئېنىق ئاساسىي نىشان ياكى ئىستەكنى تۇرغۇزۇشتىكى ھەقىقىي مەقسەت بىلەن ئاشۇنداق مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ پرىنسىپلىرىنى ئاددىي سۆزلەر بىلەن تەسۋىرلەپ ئۆتتۇق.

سىز ئالدى بىلەن كۆڭلىڭىزنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ سىز كۆرسىتىۋاتقان قاتتىق تىرىشچانلىقنىڭ ئوبيېكتىپىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈڭ، ئاندىن بىر ۋاراق قەغەزگە بۇ ئوبيېكتىپنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى بىر ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشاننىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن ئاساستا يېزىپ چىقىڭ.  سىز بۇ قەغەزگە يېزىلغان باياننى ھەر كۈنى كۆرۈپ تۇرۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن ئىدىيە ياكى نىشاننى يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا سىڭدۈرۈسىز. شۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىز سىزنىڭ بەدىنىڭىزنىڭ ئېنېرگىيىسىنى ئاشۇ ئىستەكنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا قاراپ يېتەكلەيدۇ.

(2) ئىستەك

كۈچلۈك، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىستەك بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە ئۇرۇقى.  ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشان دېگىنىمىز ئىستەكنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشىدۇر.  ئەگەر بىر نىشان ئاشۇ نىشاننىڭ ئوبيېكتىگە بولغان ئىنتايىن كۈچلۈك ئىستەكنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلمايدىكەن، ئۇنىڭ ھېچ بىر مەنىسى بولمايدۇ. كۆپلىگەن كىشىلەر نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەمما ئارزۇ بىلەن كۈچلۈك ئىستەك بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان نەرسىلەر بولۇپ، ئەگەر ئارزۇ ئىنتايىن ئېنىق شەكىلدىكى ئىستەك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمەيدىكەن، ئۇنىڭ ھېچ بىر قىممىتى بولمايدۇ.

بارلىق ئېنېرگىيىلەر بىلەن ھەممە جىسىملار ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتىگە ئىنكاس قايتۇرىدۇ، ھەمدە ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ. ھەر بىر نەرسە ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى بويىچە ئۆزىدىكى بىر مەركەزگە ئۆزى بىلەن ئوخشاش ماھىيەتلىك ئېلېمېنتلار بىلەن كۈچلەرنى توپلايدۇ.  خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ھەر بىر مۇقىم، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىستەك ئىستىگەن نەرسىنىڭ ماددىي ئېكۋېۋالېنتىنى، ياكى بولمىسا ئاشۇ ماددىي ئېكۋېۋالېنتىغا ئېرىشىشنىڭ ۋاستىلىرىنى ئۆزىگە تارتىدۇ.

(3) تەكلىپ ۋە ئاپتوماتىك تەكلىپ

بىر ئادەمنىڭ مۇھىتى، ياكى باشقا ئادەملەرنىڭ بايانلىرى ياكى ئىش-پائالىيەتلىرىدىن كېلىپ چىققان تۇيغۇ-ھېسسىيات تەسىراتلىرى تەكلىپ، دەپ ئاتىلىدۇ. بىز ئۆز كۆڭلىمىزگە سىڭدۈرىدىغان تۇيغۇ-ھېسسىيات تەسىرلىرىنى ئۆز كۆڭلىمىزگە ئاپتوماتىك تەكلىپ ياكى ئۆز-ئۆزىگە بەرگەن تەكلىپ ئارقىلىق كىرگۈزىمىز.

باشقىلاردىن ياكى تاشقى مۇھىتتىن كەلگەن تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسى بىز ئۇلارنى قوبۇل قىلىپ، ئاپتوماتىك تەكلىپ پرىنسىپى ئارقىلىق يوشۇرۇن ئېڭىمىزغا كىرگۈزگەندىن كېيىنلا ئاندىن بىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. دېمەك، بىر تەكلىپ ئۇنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچى كىشىنىڭ كۆڭلىگە تەسىر كۆرسىتىشتىن بۇرۇن چوقۇم بىر ئاپتوماتىك تەكلىپكە ئۆزگىرىشى كېرەك.  باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىشى ئاپتوماتىك تەكلىپنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان بولغاچقا، تەسىرگە ئۇچرىغۇچى كىشىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقىلار ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

بىر ئادەم ئويغاق ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئاڭلىق كۆڭلى بىر قاراۋۇللۇق رولىنى ئويناپ، ئۇ ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىنى قوغدايدۇ ۋە ئۇنى سىرتتىن كەلگەن بارلىق تەكلىپلەردىن ساقلايدۇ.  ئادەمنىڭ ئاڭلىق كۆڭلى سىرتتىن كەلگەن تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئاڭغا كىرىشىگە يول قويىدۇ.  بۇ تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارنى ئوغۇرلۇقچە بۆسۈپ كىرگۈچىلەردىن قوغداش ئۇسۇلى بولۇپ، ئەگەر مۇشۇنداق بىر جەريان مەۋجۇت بولمىغان بولسا، بۆسۈپ كىرگۈچىلەر باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئۆزى خالىغانچە كونترول قىلىۋالىدىغان بولاتتى. شۇڭلاشقا بۇ بىر دانا ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

(4) ئاپتوماتىك تەكلىپنىڭ بىر ئىستەكنى ئەمەلگە ئاشۇرىشتىكى قىممىتى

سىز ئاپتوماتىك تەكلىپ پرىنسىپىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى سىزنىڭ ئۆز ھاياتىڭىزدىكى ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشانىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشىڭىزغا قارىتىش ئارقىلىق، بۇ پرىنسىپتىن ئىنتايىن زور دەرىجىدە پايدىلىنالايسىز. بۇ ئىشنى قىلىش ئىنتايىن ئاسان بولۇپ، سىز مەزكۇر ماقالىنىڭ ئالدىنقى بۆلۈملىرىدە بايان قىلىنغان فورمۇلا بويىچە ئىش كۆرسىڭىزلا كۇپايە.  شۇنداق بولسىمۇ، بىز بۇ يەردە مەزكۇر فورمۇلاغا ئاساس بولۇدىغان پرىنسىپلارنى قىسقىچە خۇلاسىلاپ ئۆتىمىز.

سىز بۇنىڭدىن كېيىنكى مەلۇم مۇددەت ئىچىدە، مەسىلەن، بەش يىل ۋاقىت ئىچىدە، ئۆزىڭىزنىڭ ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشانى سۈپىتىدە ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىنى ئېنىق ۋە ئاددىي قىلىپ يېزىپ چىقىڭ.  ھەمدە ئۇ يازمىنى كام دېگەندە ئىككى نۇسخا قىلىپ، ئۇنىڭ بىر نۇسخىسىنى كۈندۈزى خىزمەت جەريانىدا بىر قانچە قېتىم كۆرەلەيدىغان يەرگە چاپلاپ، يەنە بىر نۇسخىسىنى سىز ھەر كۈنى ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ۋە ھەر كۈنى ئەتىگىنى ئەمدىلا ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا بىر قانچە قېتىم كۆرەلەيدىغان يەرگە چاپلاپ قويۇڭ.

گەرچە دەسلىۋىدە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەستەك كۆرۈنسىمۇ، بۇ رەسمىيەتنىڭ تەكلىپ بېرىش تەسىرى سىزنىڭ ئاساسىي نىشانىڭىزنىڭ مەقسىتىنى سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا سىڭدۈرىدۇ.  بىر ئىنتايىن قىسقا مۇددەتنىڭ ئىچىدە، سىز ئۆزىڭىزنى ئۆز نىشانىڭىزغا بارغانسېرى يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز.

سىز ئۆز ھاياتىڭىزدا قاتتىق ئىستەيدىغان نەرسە، شەرت-شارائىت، ياكى ئورۇن ھەققىدە ئۆز كۆڭلىڭىزدە بىر ئېنىق قارارغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ، ئەگەر سىز كىتاب، گېزىت ۋە جۇرنال ئوقۇسىڭىز، سىزنىڭ دىققىتىڭىز ئۇلاردىكى سىزنىڭ ئاساسىي نىشانىڭىزنىڭ مەقسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان خەۋەر ۋە ئۇچۇرلارغا چۈشۈشكە باشلايدۇ.  شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىز ئۆزىڭىزگە سىزنى ئۆز ئىستىكىڭىزگە بارغانسېرى يېقىنلاشتۇرىدىغان يېڭى پۇرسەتلەرمۇ ھازىرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلەلەيسىز.  

پىسخولوگىيە كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەمەس بىر ئادەم ئۈچۈن بۇ ئىشلار دەسلىۋىدە ھەقىقەتەنمۇ مۇمكىن ئەمەستەك ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەستەك كۆرىنىدۇ.  ئەمما، ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىش، ئۇنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ چىققىچە، بۇ پرىنسىپنى تەكرار تەجرىبە قىلىشتىن ئىبارەت.

ئىنسانىيەتنىڭ بۇرۇنقى تارىخىدىكى ھەر قانداق مەزگىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا، «مۇمكىن ئەمەس» دېگەن سۆزنىڭ كۈچى ھازىر ئەڭ زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتى.  بىر قىسىم كىشىلەر بىز تەسەۋۋۇر قىلالىغان ۋە قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشەنگەن ھەر قانداق ئىشنى بىز چوقۇم قىلالايمىز، دەپ ئويلاپ، «مۇمكىن ئەمەس» دېگەن سۆزنى ئۆزىنىڭ سۆز-ئىبارىلەر جۇغلانمىسىدىن چىقىرىۋەتتى.

كائىنات ماددا بىلەن ئېنېرگىيىدىن تەركىب تاپقان.  سەۋرچانلىق بىلەن ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن بىز شۇنى بايقىدۇقكى، ھازىر بىر ماددا تۈسىنى ئالغان ۋە بۇرۇن بىر ماددا تۈسىنى ئېلىپ باققان ھەر بىر نەرسىنى ئۇنىڭ ئەڭ كىچىك نۇقتىسىغىچە تەھلىل قىلسا، ئۇ بىر خىل شەكىلدىكى ئېنېرگىيىدىن باشقا نەرسە بولۇپ چىقمايدۇ.  يەنە بىر تەرەپتىن، ئىنسانلار بەرپا قىلغان ماددىي نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بىر خىل ئېنېرگىيە شەكلىدە، ئىنسان كۆڭلىنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىدىن چىققان بىر ئىدىيە ئارقىلىق باشلانغان. يەنى، ھەر بىر ماددىي نەرسە بىر خىل ئېنېرگىيە شەكلىدە باشلانغان بولۇپ، ئوخشاشلا بىر خىل ئېنېرگىيە شەكلىدە ئاخىرلىشىدۇ.

بارلىق جىسىملار مەلۇم بىر خىل ئېنېرگىيىنىڭ قوماندانلىقىغا بوي سۇنىدۇ.  ھازىرغىچە بايقالغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئېنېرگىيە ئىنسان كۆڭلى بولۇپ رول ئۆتەيدىغان ئېنېرگىيىدىن ئىبارەت.  شۇڭلاشقا ئىنسانلار ياراتقان ھەر بىر نەرسىنىڭ يېتەكلىگۈچى كۈچى ئىنسان كۆڭلىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىنسانلار بۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇ كۈچتىن پايدىلىنىپ بەرپا قىلالايدىغان نەرسىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇرۇن ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن نەرسىلەر كىچىك ۋە ئەرزىمەس نەرسىلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

بىز ھازىرغىچە شۇنى ئېنىق بىلىپ بولدۇقكى، كۆڭۈلگە سىڭدۈرۈپ، شۇ يەردە ساقلىغان ھەر قانداق بىر ئىدىيە، نىشان، ياكى مەقسەت بىلەن ئۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئىرادىسى يەڭگىلى بولمايدىغان كۈچلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئىشقا سالىدۇ.  رېئاللىققا ئايلاندۇرماقچى بولغان كۈچلۈك ئىستەكنى يوشۇرۇن ئاڭغا سىڭدۈرۈشنى ئۇنى يوشۇرۇن ئاڭ ئۆزىگە تولۇق ئۆتكۈزۋالغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.  بۇ ئىشنى بىر قانچە سائەت ياكى بىر قانچە ھەپتە ئېلىپ بېرىش كۇپايە قىلمايدۇ. قىلچە بوشاشماسلىق ئىرادىسى بىلەن ئىستەكنى كۆڭۈلدە ھاسىل قىلىپ، ئۇنى يوشۇرۇن ئاڭ ئۆزىگە ئۆتكۈزىۋالغىچە ئۆز كۆڭلىدە ساقلاش كېرەك. مۇشۇ نۇقتىغىچە، سىز ئىستەكنىڭ كەينىدە تۇرۇپ، ئۇنى يوشۇرۇن ئاڭغا قارىتىپ ئىتتىرىشىڭىز كېرەك.  بۇ نۇقتىدىن كېيىن بولسا ئىستەك سىزنىڭ ئارقىڭىزدا تۇرۇپ، سىزنى ئۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قاراپ ئىتتىرىدۇ.

قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش خۇددى ئەڭ قاتتىق تاشلاردىن بىرسىنىڭ ئۈستىگە سۇ تېمىتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئاشۇ تاشنى ئۇپرىتىپ يوقاتقانلىق بىلەن باراۋەر. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھايات داستانىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر سەھىپىسىنى پۈتتۈرگەندە، سىز ئۆزىڭىزدە بىر ئىشنى ئاخىرغىچە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش خاراكتېرىنىڭ بولغانلىقى ياكى ئۇنىڭ كەمچىل بولغانلىقى، سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىڭىزدا ياكى مەغلۇپ بولۇشىڭىزدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بايقايسىز.

تەپەككۈر بىر نەرسىدۇر.  نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، ھەر بىر پىشقان تەپەككۈر بىر مەڭگۈ توختىماس دولقۇننى بارلىققا كەلتۈرىدىغان بولۇپ، بۇ دولقۇننى تارقاتقان كىشى كېيىنكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاشۇ دولقۇن بىلەن كۈرەش قىلىشقا مەجبۇرى بولىدۇ. شۇنداقلا ئادەم چەكسىز ئەقىل تەرىپىدىن ھەرىكەتكە قويۇلغان تەپەككۈرنىڭ جىسمانىي نامايەندىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.   

ھەممە تەپەككۈر ئىجادىي بولىدۇ.  ئەمما، تەپەككۈرلەرنىڭ ھەممىسى ئىجابىي ياكى پايدىلىق بولمايدۇ. ئەگەر سىز ئازاب-ئوقۇبەتنى ۋە نامراتلىقنى تەپەككۈر قىلىپ، ئۇلاردىن ساقلىنىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلسىڭىز، سىزنىڭ تەپەككۈرلىرىڭىز دەل ئاشۇنداق ئەھۋالنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ.  لېكىن سىز بۇنىڭ تەرتىپىنى ئالماشتۇرۇپ، ئىجابىي ۋە ئۈمىدۋار ماھىيەتلىك خىياللارنى تەپەككۈر قىلسىڭىز، سىزنىڭ تەپەككۈرلىرىڭىز دەل ئاشۇنداق شەرت-شارائىتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ.

سىزنىڭ تەپەككۈرلىرىڭىز سىزنىڭ مىجەزىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىپ، سىزگە ئۆز تەپەككۈرلىرىڭىزنىڭ ماھىيىتىگە ئۇيغۇنلاشقان ماددىي نەرسىلەرنى تارتىپ ئەكىلىدۇ. كۆڭۈل ئىلمىنى ئۆگىنىشنى يېڭىدىن باشلىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگىدەك بۇ ئاساسىي ھەقىقەتكە سەل قارايدۇ.  

سىز يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا بىر ئېنىق ئىستەكنى تەكلىپ قىلغاندا، سىز خۇددى ئۇ ئىستەكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغان ۋاقىتتىكى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدىكى ئېتىقاد ۋە ئىشەنچ بىلەن شۇنداق قىلىڭ.  سىز ئۇنى يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا تەكلىپ قىلغان پەيتتىن باشلاپلا، سىز خۇددى ئۆز ئىستىكىڭىزنى ئەلەمگە ئاشۇرۇپ بولغاندەك ئويلاڭ.  سىز ئۆز ئىستىكىڭىزنى «ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، ماڭا چەكسىز ئەقىل ياردەم قىلىدۇ» دېگەن ئەقىدە بىلەن كۈچلەندۈرۈڭ.  ئەگەر سىزدە مۇشۇنداق دەرىجىدىكى ئەقىدە بولمايدىكەن، كېيىنچە ئۈمىدسىزلىنىپ قالىسىز.

ئاپتوماتىك تەكلىپ پرىنسىپىنىڭ ئۈنۈم بېرىش-بەرمەسلىكىدىن ھەرگىزمۇ گۇمانلانماڭ.  ئۆز ئارزۇيىڭىز بويىچە تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارى سىز ئۆزىڭىز مۇتلەق كونترول قىلالايدىغان بىردىن-بىر ئىقتىداردۇر.  (ئىلاۋە: مەن ئۆزەمنىڭ بۇرۇنقى بىر ماقالىسىدا، ياراتقۇچى ئىنسانلارغا تۇغۇلغاندىلا ئاتا قىلغان بىرىنچى نەرسە جان، ئىككىنچى نەرسە بولسا ئۆزىنىڭ يولىنى ئۆزى تاللاش ئەركىنلىكى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. بۇ ئۇقۇم يۇقىرىدىكى بايان بىلەن ئوخشاش.)  

يۇقىرىقى جۈملە ھەرگىز ئېسىڭىزدىن چىقمىسۇن. ئۆز تەپەككۈرىڭىزنى كونترول قىلىش كۈچ-قۇدرىتى ئۆزىڭىزدە بولغانىكەن، سىزنىڭ تەپەككۈرىڭىزنىڭ ئىجابىي ياكى سەلبىي بولۇش مەسئۇلىيىتى سىزنىڭ زىممىڭىزدە بولىدۇ. «سىز ئۆز تەقدىرىڭىزنىڭ خوجايىنى. سىز ئۆز قەلبىڭىزنىڭ كاپىتانى.»  بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، تەپەككۈرىڭىزنى سىز ئۆزىڭىز كونترول قىلىسىز. سىز ئۆز تەپەككۈرىڭىزنىڭ ياردىمى بىلەن، ئۆزىڭىز ئىستىگەن ھەر قانداق نەرسىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرەلەيسىز. ناپولىيوننىڭ كىتابىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا يۇقىرىقى مەزمۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەنگلىيە شائىرى ۋىلىيام خېنلىي (ئىنگلىزچە William Ernest Henley ، 1849-1903)  يازغان «يېڭىلمەس» دېگەن بىر ئىنگلىزچە شېئىر بار بولۇپ، ئىنگلىزچە بىلىدىغان ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئۇنى بۇ يەرگە كىرگۈزۈپ قويدۇم:
Invictus

Out of the night that covers me,
Black as the Pit from pole to pole,
I thank whatever gods may be
For my unconquerable soul.

In the fell clutch of circumstance
I have not winced nor cried aloud.
Under the bludgeonings of chance
My head is bloody, but unbowed.

Beyond this place of wrath and tears
Looms but the Horror of the shade,
And yet the menace of the years
Finds, and shall find, me unafraid.

It matters not how strait the gate,
How charged with punishments the scroll.
I am the master of my fate:
I am the captain of my soul.

William Ernest Henley

13.ئاخىرقى سۆز

مەن 2008-يىلى يازغان «ۋاقىتنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش» دېگەن تېمىدىكى ماقالەمدە ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن كېيىن قۇدرەت تېپىش ئۈچۈن قىلىشىغا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىشلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم:
  
مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈش، مىللىي روھنى ۋە مىللىي ئاڭنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇرغۇتۇش، ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش
  
مەن يېقىندىن بۇيان «بىز بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟» دېگەن سوئالغا بارغانسېرى كۆپ دۇچ كەلگەنسېرى، يۇقىرىقى ئۈچ ئىش ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئەڭ مۇھىم ئىشلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قىسقا مۇددەتلىك، ئوتتۇرا مۇددەتلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋەزىپىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، ھەمدە بۇ نۇقتىنى چۈشەنمەيدىغان، ياكى چۈشىنىشنى خالىمايدىغان كىشىلەر مەيلى ۋەتەندە بولسۇن ياكى چەت ئەللەردە بولسۇن يەنىلا ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى بارغانسېرى چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتىمەن.  مېنىڭچە بۇ ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلاشتا، مەزكۇر ماقالىدە تونۇشتۇرۇلغان غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى ناھايىتى زور ياردەمدە بولالايدۇ.  بىرىنچىدىن، بۇ قانۇنىيەت يېقىنقى زامان غەرب دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئومۇملاشقان مەدەنىيىتىگە  ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن نەرسىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇشى ئۆزىنىڭ مىللىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى  ئۈچۈن كام بولسا بولمايدىغان ئامىللاردىن بىرى.  مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇسى، نىشانى ۋە غايىسى بار بولۇپ، ئۇلار بۇ ئىستەكلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى، ئۆز ھاياتىدىكى كۆزلىگەن مەقسىتىدە ۋە قىلغان ئىشىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشنى  ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭالاشقا مەزكۇر ماقالىدا تونۇشتۇرۇلغان بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇش ئۇلار قىلمىسا بولمايدىغان ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. ئىككىنچىدىن، كۆڭۈلنىڭ مۇستەملىكە بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كۆڭۈلنىڭ باشقىچە پروگراممىلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش، مىللىي روھنى ئۇرغۇتۇش، ۋە شۇ ئارقىلىق مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش، ھەر بىر ئادەمدىن مەزكۇر ماقالىدە تونۇشتۇرۇلغان ئۆز تەپەككۇرىنى ئۆزى كونترول قىلىش، ئۆز قەلبىگە ئۆزى كاپىتان بولۇش بىلىملىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇشنى، ھەمدە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ماھارىتىنى تولۇق يېتىلدۈرۈۋېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.  مانا بۇ ئۆزەمنىڭ نېمىشقا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن ھالقىلىق تارىخىي پەيت بولغان بۈگۈنكىدەك كۈندە مۇشۇنداق بىر تېمىنى تاللىغانلىقىمنىڭ سەۋەبىدۇر.  

ھازىر بىز ئۆز تەقدىرىمىزنىڭ خوجايىنى.  ھازىرقى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان يۇقىرىقى ئۈچ مۇھىم ۋەزىپىلەر ئاسانلا ئورۇنلىغىلى بولىدىغان ئىشلار ئەمەس. لەكىن بۇ ۋەزىپىلەر بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە قابىلىيەتلىرىنىڭ ئۈستىدىمۇ ئەمەس.  ئۇلارنىڭ ئازابلىرى بىلەن جاپالىرى بىزنىڭ بەرداشلىق بېرىش چېكىمىزنىڭ سىرتىدىمۇ ئەمەس.  بىزنىڭ پەقەت بۇ ۋەزىپىلەرگە نىسبەتەن ئېتىقاتىمىزلا بولىدىكەن، ھەمدە ھېچ نېمىگە باش ئەگمەيدىغان ئىرادە-جاسارىتىمىزلا بار بولىدىكەن، بىزنىڭ يولىمىزنى ھېچ قانداق نەرسە توسۇپ قالالمايدۇ—يۇقىرىدا ئېيتىلغىنىدەك، ھازىر «مۇمكىن ئەمەس» دېگەن سۆز ئۆز قىممىتىنى يوقاتتى.  

مىلادىدىن بۇرۇنقى 384-322 يىللىرى ياشىغان گرىتسىيەلىك تەنقىدچى، پەيلاسوپ، فىزىكات، ۋە زوئولوگ ئارىستوتۇل (ئىنگلىزچە «Aristotle») مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۆزىمىز قايتا-قايتا قىلىدىغان ئىشلارنىڭ مەھسۇلى. ئۇنداق بولىدىكەن، مۇنەۋۋەرلىك بىر خىل ئىش-پائالىيەت ئەمەس، بەلكى بىر ئادەت»  (ئىنگلىزچە  We are what we repeatedly do. Excellence then, is not an act, but a habit). مەزكۇر ماقالىدە تونۇشتۇرۇلغىنىدەك، بىز ھەر قانداق كونا ئادىتىمىزنى يوقۇتۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ھەر قانداق يېڭى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرەلەيمىز. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قانداق يەر ۋە ھەر قانداق ۋاقىتتا، قىلىدىغان ھەر بىر ئىشىدا ئۆز تەپەككۇرىنى ئۆزى كونترول قىلىش، ياراتقۇچى بەرگەن ئىنسان كۆڭلىنىڭ بۇ ئىقتىدارىدىن ئىجابىي يوسۇندا پايدىلىنىشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئادىتى قىلىۋېلىش ئىنتايىن مۇھىم.  بۇ نۇقتىنى مەن قانچىلىك تەكىتلىسەممۇ ئازلىق قىلىدۇ.      

مەن بارلىق قېرىنداشلاردىن مەزكۇر ماقالىنى كام دېگەندە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى، ئاندىن ئۇنىڭدا ئۆگىتىلگەن بىلىملەردىن پايدىلىنىپ، مەن يۇقىرىدا قايتا تىلغا ئالغان «ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ مۇھىم ۋەزىپىسى» نى ئورۇنلاش يولىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلىرىدە ئېلان قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

(تۈگىدى)

216

تېما

728

يازما

944

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 82221
يازما سانى:
728
نادىر تېما :
12
مۇنبەر پۇلى :
41849
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
2629 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-6-28
ئاخىرقى:
2016-4-1
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-1 09:46:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

باشقىلارغا تەبە

15

تېما

2487

يازما

2502

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 18033
يازما سانى:
2487
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
7650
تۆھپە :
306
باھا :
443
توردا:
7956 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-11-18
ئاخىرقى:
2016-4-2
ۋاقتى: 2012-11-3 10:22:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىمخۇمار ئەپەندى يازغان ھەر بىر ئەسەرنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا ،مەن باشقىچە جانلىنىپ كىتىمەن.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

مەن اللە ۋە ئۆزۇمگىلا ئىشىنىمە

3

تېما

342

يازما

345

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 78440
يازما سانى:
342
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
4254
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
70 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-4-5
ئاخىرقى:
2015-4-15
ۋاقتى: 2012-11-3 17:20:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تىمىڭىزدىن بەك ھوزۇرلاندىم رەھمەت سىزگە

ئەتىكى ئازاپنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۈگۈنكى خۇشاللىكنىڭ نىمە كېرىكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-2 10:30 PM, Processed in 0.199206 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش