بۇرۇنلاردا ھاجىم دىگەن ئاتالغۇ بەك ھەيۋەت ، مۇقەددەس ئاڭلىناتتى ھازىر ئادەتتىكىچىلا ئاڭلىنىدىغان بولۇپ قالدى چۈنكى ھەجنى ۋەزىپە ئۈچۈن ئۆتەيدىغان ۋە ھەج قىلغاندىن كىيىن ئەتراپىدىكىلەرگە ئەخلاق ، پەزىلەت جەھەتتە ئۈلگە بولمايدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى .
ساياھەتچى ھاجى
قوللايمەن ، ھاجى دېيىشنىڭ قىلچىلىكمۇ ھاجىتى يوق ، ھاجى دېيىش شۇ كىشىنى كىبىرگە باشلاپ قويىدۇ، ھاجى دىمىسە ئاچچىقلىنىشى بۇنىڭ بىر ئىسپاتى.
ئىسلامدىكى بەش فەرزنىڭ ئىچىدە خۇدانى بىر دەپ ئىمان ئېيتىش،بەش ۋاق ناماز ئوقۇش،رامىزان روزىسى تۇتۇش قاتارلىق ئەمەللەر مەيلى باي بولسۇن ياكى كەمبەغەل بولسۇن،خاھى شاھ بولسۇن ياكى پۇقرا بولسۇن ھەر قانداق مۇسۇلمان ئاتالغان كىشى ئۈچۈن قىلمىسا بولمايدىغان مەجبۇرىيەت ئەمەللىرىدۇر.بىراق زاكات بېرىش،ھەج قىلىش قاتارلىق ئەمەللەر بولسا ئىقتىسادىي ۋە باشقا شارائىتى يار بەرگەن كىشىلەر ئۈچۈن فەرزدۇر.نامراتلارغا فەرز ئەمەستۇر.
ھاجى دېگەن ئەرەپىچە سۆز بولۇپ ئۇيغۇرچە مەنسى بولسا : «مۇساپىر» دېگەنلىك بولىدۇ! ئاچ يۇرۇشىمۇ بىرخىل سۇننەت~! بۇ دېگەنلىك سىلەر مۇساپىر بولۇپ يۇرۇتىنىڭ ۋە ئاتا-ئاناڭلارنىڭ،قېرىندىشىڭلارنىڭ ،دوسىت -بۇرادەرلىرىڭلارنىڭ قەدىرنى مۇساپىرچىلىتا چۈشۈنىسىلەر ھەم شۇ جەرياندا بېشىڭلاردىن ئىسىق -سوغوق ،ئاچ-يالىڭاچ،ئاچ-توقلۇقنى بېشىڭلىدىن ئۆتكۈزىسىلەر شۇنىڭ بىلەن بىر گە ھەممە نەرسىنىڭ قەدىر سىلەرگە يىتىپ شۇنىڭغا زار بولسىلەر دېگەن مەندە ..قولۇنىلغان. شۇڭا ئاجى دېگەن سۆز ئۆزى بىر مۇساپىر دىگەن مەندە