Uyghuran يوللىغان ۋاقتى 2012-11-1 09:07 PM
ئىسمىڭىزغا يات ھالدا شۇنداق سېسىق گەپ قىلالايدىكەنسى ...
ئالدى بىلەن ھەم قورقۇنۇچلۇق ھەم شەرەپلىك بىر خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىڭىز، ئۇلارغا ئىللىقلىق ، خۇشاللىق، ئۆمۈت ئاتا قىلىپ كىلىۋاتقىنىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت! خىزمىتىڭىز تېخىمۇ ئۇڭۇشلۇق بولسۇن، ئۆزىڭىزگە بەكمۇ دىققەت قىلىڭ!
ئىنكاسىمغا كەلسەم يامان يول بىلەن يۇقتۇرۋالغان ھەم باشقىلارغا يۇقتۇرغانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئاڭلىسام شۇنچىلىك نەپرەتلىنىمەن ھەم ئۆزىگە دىققەت قىلماي يۇقتۇرىۋىلىپ جان ئاچچىقىدا باشقىلارغىمۇ ئۇخشاش ئازاپ تارتقۇزۇش مەقسىتىدە يۇقتۇرغانلارنى ئۆلتۈرۋەتسىمۇ دەردىم چىقمايدۇ دىگەندەك دەرىجىدە ئۆچ كۆرىمەن، شۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك بۇ ھىكايىدىكى قىزغا پەقەت ھىسداشلىقىم قوزغالمىدى، ئۆزىنى ئۆزى نابۇت قىپتۇ، كىم بىلىدۇ ئەگەر بىرىنچى كىشىدىن يۇققان بولسا ئىككىنچى قىتىم باشقىسىغا بۇ قىز يۇقتۇرغان بولىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ پەقەت بالدۇر ئۆلسىمۇ كىيىن ئۆلسىمۇ بەرىبىر ئۆلىدىغان بولغاندىكىن بالدۇرراق ئۆلگىنى ئەۋزەل دەپ ئاچچىغىمدا يېزىپتىمەن ئىنكاسنى، ئادەم بولغان ئىكەنمىز چۇقۇم ئۆز ئۆزىمىزگە مەسئول بولىشىمىز ، ئۆز ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشىمىز، ئىمكان بار خاتالىق سادىر قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز ، ئۆز ئۆزىمىزنى تىزگىنلەپ تۇرۇشنى بىلىشىمىز كېرەك. ئاللا بارلىق بەندىلىرىنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي !