ساغلام ئائىلىنڭ ئۆلچىمى
ساغلام ئائىلە كىشىنى شاد-خوراملىققا، جۇشقۇنلۇققا، ئىجادچانلىققا ئىگە قىلىدۇ. ساغلام ئائىلە تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:
1- ئائىلە ئەزالىرى ناھايىتى ئىناق ئۆتۈشى، ئۆز- ئارا ئىشىنىشى، بىر – بىرىگە تايىنىشى كېرەك.
2- ئائىلە ئەزالىرى ئائىلە ئەمگىكىنى ئاكتىپ ھەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى، بىر- بىرىگە ئىتتىرمەسلىكى كېرەك.
3- ئەر- خوتۇن ئۆز-ئارا ھۆرمەرلىشىشى ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇشى، ئۆز ئارا مۇئەييەنلەشتۈرشى ۋە قوللىشى كېرەك.
4- ئائىلىدە خۇشاللىق، يۇمۇرلۇق كەيپىيات بولۇشى، كىشىگە ئازادە ۋە جۇشقۇنلۇق تۇيغۇسى بېردىغان مۇھىت يارتىلىشى كېرەك.
5- ئائىلە ئەزالىرى سۆز- ھەركەتتە بىردەك بولۇشى، گەپ- سۆز ۋە يۈرۈش- تۇرۇشتە مەدەنىيەتلىك بولۇشى كېرەك.
6- ئائىلە ئەزالىرى باراۋەر بولۇشى كېرەك.
7- بالا تەربىيەلەشتە ئۆزى ئۈلگە بولۇشى، ئىلمى تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى، بالىنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
8- قىيىنچىلىققا يولۇققاندا بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ قىيىن ئۆتكەلدىن ئورتاق ئوتۈشى، قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرماسلىقى، ئۆز ئارا ئاغرىنماسلىقى كېرەك.
9- ئائىلىدە ئارام ئالغاندا ئۆز ئارا پكىر ئالماشتۇرۇش، ھەر خىل مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ تۇرۇشى كېرەك.
10- ئائىلە ئەزالىرى بىر بىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-89852-1-1.html