gulbar5 يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 09:41 AM
چۇشەنمدىم دىگەن ئىتوتىنى مىنڭ ئىككى بالام ئۇگۇنۋاپتكە ...
ئاللا........سىزنىڭ ئۆيدىمۇ شۇنداقما...؟مېنىڭ بالاممۇ شۇنداق قىلىدۇ
ھەركەت ھەم چىراي ئىپادىسىنى قوشۇپ دورايدىغان بولسا،كۈلۈپ تېلىقىپ قالىمەن
دىگەن بىلەن ھازىرقى بالىلار بەك ئوماق ھەم ئەقىللىق...
مۇشۇ ئېتوت ھەممەيلەنگە ياخشى تەسىر بەردىمىكىن دەيمەن،مەنمۇ گەپ سۆزگە بەك
دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.
تۈنۈگۈن ئىستاستىكا ئىدارىسىغا ئىش بېجىرگىلى باردىم،ئىشىمنى تۈگىتىپ شۇ ئىشخانىدىكى
بىر خېنىمغا خوش ئەمىسە دەپ خوشلاشسام،ئۇ ماڭا قايتىپ تۇرۇڭ ئەمىسە ئش پۈتكەندە
سىزگە دادىيەنخۇا قىلاي دەيدۇ...توختاپ تۇرۇپ كېتىپ سىز ئابدىكىرىم ئابلىزنىڭ ئېتوتىنى
كۆرمەپسىزدە دىسەم ، چىرايى ھۈپپىدە قىزىرىپ كەتتى...ئشخانىسىدىن تىزلا چىقىپ كەتتىم.