xaban010 يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 04:16 PM
نىمانداق گەپنى چالا قىلىسىز،،ئىنكاسلىرىڭىزدا ساپل ...
شابان قارىم ، سىز تىخى مىنىڭ ھەقىقى ئىنكاسلىرىمنى كۆرمەپسىز ، قايلاپ تۇرۇڭ ھە !!!
ئىنكاسنىڭ ۋەششىسىنى باشلىدىم ئەمىسە ، قۇلىقاڭلار مەندە بولسۇن كۆزۈڭلار ئىكراندا ، ھە راس مۇنۇ ئىنكاسىمىنى ئوقۇغاندا ئورۇندۇقنىڭ تۇتقۇچىنى چىڭ تۇتۇپ ئولتۇرۇپ ئوقۇڭلا جۇمۇ ، ئارقىڭلىغا ئۇچۇپ كەتمەڭلار يەنە !!! شۇڭا باشتا ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش بىرىلدى ، ئوقۇش جەريانىدا ياكى ئوقۇپ بولغاندا ھەر قانداق ئالىم ھادىس ئىشلار كۆرۈلسە ئوقۇرمەن بارلىق جاۋاپكارلىقىغا ئۆزى ئىگە . ئىنكاس يازغۇچى پەقەت تور دۇنياسىدا كۆڭۈل خوشلىقى ئىزدەش ئۈچۈنلا يازغان ....................... چاخچاق قىلمىدىم جۇما ، ئىشتان بىغى بوشلا ئەڭ ياخشىسى بەختىڭىز بىلەن ئويناشماڭ !!!
مەن دايىم مۇشۇنداق تاققۇ-تۇققۇ ئىنكاس يازارمەنمۇ ؟ ھەر دايىم ئىنكاس يېزىپ بولۇپ ئىنكاسىمغا قارىسام بېشى بار ، ئايغى يوقتەكلا ئىنكاس يېزىپ يۈرۈيمەن ، بۇ نىمە كۆرگۈلۈك ئەمدى ماڭا ! قېنى مۇنبەرنىڭ بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر چوڭ كىچىك ، پىششىق توڭ پىشۋالىرى سەۋەبىنى دەپ بېقىڭلارچۇ ...؟ بۇ نىمە كارامەتتۇ ئەمدى ؟؟؟ ما بەتتىن سورىسام سوغىقىڭىز ئېشىپ قاپتۇ ، تېۋىپقا تۇمۇر تۇتقۇزۇپ بېقىڭ دەيدۇ !!!
مۇنبەردىكى ھىلىقى سىياسى شۇناس بالىدىن سورىسام سىزنى ماسۇن تەشكىلاتىدىكىلەر قەسلىۋېتىپتۇ دەيدۇ !!!
رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشچە بۇندىن نەچچە يۈز يىل بۇرۇن خاسىيەتلىك بىر روماندا مىنىڭ مۇشۇ مۇنبەرگە ئەزا بولۇشۇم قەيىت قىلىنغان ئىكەن ، ئىشەنمىسەڭلار شۇ روماننى كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ . ئادىرسى مانا ( بۇ يەرنى چەكمەڭ ، بومبا بار ) بەلكىم ماڭا نۇرغۇنىڭلار مۇشۇ ئەللىك ئاتمىش يىلنىڭ ياقى دىققەت قىلمىغان بولىشىڭلار مۇمكىن ! مەن ئادەتتە شۇنداق يۇۋاش ، چىرايلىق ، كىلىشكەن ، ئېسىل بىر يىگىت ، بۇنىڭغا ئانام بىلەن دادام گۇۋاھ !!! لىكىن نىمىشقا ئىنكاسنى ئىنكاستەك يازالمايمەن ؟ مەن ئادەتتە بولمىسا ئىنكاس دىگەننىڭ ئانا مانىسىنى كۆرسىتىۋېتىمەنچۇ ، ھەر قانداق بىر خەلىقارالىق مۇنبەرگە كىرىپلا قالسام ماڭا ياراپلا قالغان شۇ تېمىنىڭ ئۈچەي -پۈچەيلىرىنى تىتما - تىتما قىلىۋەتمىگۈچە ئاچچىغىم چىقمايدۇ مىنىڭ . شۇڭىمۇ بەسەيلەرنىڭ مۇنبىرىگە كىرسەملا مىنى چەكلىۋېتىدۇ ، نىمىشقا ؟ بىرىنجىدىن خەنلەرنىڭ مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى باش سۈرتىمدىن بەك قورقىدىچۇ ، بولۇپمۇ ( چانايمە جۇما ) دىگەن شۇئارىمنى كۆرۈپلا قالسا ئۆزىنىڭ مۇنبىرىگە ئۆزى كىرەممەي نەچچە كۈن باشقا مۇنبەرلەردە تۈنەپ قالىدۇ ، ئىككىنجىدىن ئىنكاسنىڭ بەك سەت قاتىلىنى يېزىۋېتىمەنچۇ مەن ، ھەر قېتىم ئىنكاس يازغىنىمدا بۇ بەسەيلەرنىڭ مۇنبىرى جىم جىت بولۇپ كىتىدۇ ، ھەتتا نەچچە كۈنگىچە مىنىڭ ئىنكاسىمنىڭ ئاستىغا ئىنكاس چۈشمەيدۇ ياكى مىنىڭ ئىنكاسىمنىڭ تەسىردە مۇنبىرى بەزىدە سىجى بوپ قالدۇ .... گەپنىڭ مەركىزىگە كەلسەم مانا مەن تور دۇنياسىدا جاھاندارچىلىق قىلىپ يۇرۋاتقىلى ھەش-پەش دىگۈچە 420 يىل ( تۆت يۈز يىگىرمە يىل ) بوپ قاپتۇ ، مۇشۇ نەچچە يۈز يىللىق ئازغىنە ۋاقىتلىق ھاياتىمدا ئۆتكۈر قەلەملىرىم بىلەن بىلمىگەنگە ئۆگۈتۈپ ، بىلمىگەننى ئۆگۈنۈپ تارىختا كىيىنكى ئەۋلاتلىرىمغا نۇرغۇن-نۇرغۇن مول بىلىملەرنى قالدۇرۇپ كىلىۋاتىمەن . ئەمما لىكىن ما مۇنبەردە مىنىڭ داڭقىم پەقەت چىقمايۋاتىدۇ ، ئەزىز مىسرانىم پۇخرالىرى ئەسلى سىلەر مەندەك يول باشچىڭلاردىن پەخىرلىنىشىڭلار كىرەك ئىدى !!! ماڭا ئاتاپ ، مىنى مەدھىلەپ شېئىر قوشاق يېزىپ تۇرشۇڭلار كىرەك ئىدى !!!
گەپنى قىسقا قىلاي ھە ! ئاغىزىم بۇزۇلماستا ، مەن مۇنبەرگە ئەزا بولغاندىن بىرى ئىنكاس دىگەننى شۇنداق جانلىق ، شۇنداق ۋەزنىلىك نادېر ئىنكاسلارنى يېزىپ كىلىۋاتىمەن ، لىكىن بىر قىسىم كۆرەلمەسلەر مىنىڭ بۇ مۇنبەرگە بولغان ،مىھرىمنى ، ساداقەت مەنلىكىمنى ، بۇ مۇنبەر ئۈچۈن تۆككەن قان ، تەر ، يېشىمنى ، بۇ مۇنبەرنى مىنىڭ قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىمنى كۆرەلمەيۋاتىدۇ ... ئىسىت-ئىسىت مۇنبەرگە قىلغانلىرىمنىڭ مىڭنىڭ بىرنى خەقنىڭ قىزلىرىغا قىلغان بولسام بۇ چاققا ئول گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلمىغان گۈل غۇنچىلىرىدەك نەچچە قىز مەن ئۈچۈن جان تەسەددۇق قىلغان بۇلاتتى ...
ئەمدى يوللىغان تېمىلىرىمغا كەلسەك ، بۇنىڭغا تىخىمۇ گەپ كەتمەيدۇ ، ئەزالار ئۆزى كۆرۈپ باقسا بولىدۇ ، تېما بۇلا مۇشۇنداق بۇلا دەپ ئاغىزىنى ئېچىپلا قالمىسا مانا مەن . ئەسلى مىنىڭ تېمىلىرىمغا جەۋھەر-جەۋھەر دىگەن تامغىنى بېسىپ مۇنبەرنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى تەكچىگە رەتلىك قىلىپ قاتار-قاتار تىزىپ قويۇش كىرەك ئىدى ..................
كەچۈرۈڭلا تورداشلا ، ئاخىرنى يېزىشقا چىدىيالمىدىم ، كۈلۈپ بولالماي ئۈچەيلىرىم چۇلۇپ كەتكىلى قوپتى ، ئاشقازىنىم بوپى بۇلاي دەپ قاپتۇ مانا ھى ھى ھى ئاخىرنى كىيىن يازارمەن ...
ھە راس ، مۇنۇ ئىنكاسىمنى شاش باشقۇرغۇچىدىن بىرەسى نادېرلاپ قويامدۇ تىخى ... خە خە خە
500مۇنبەر پۇلى بىلەن باھالاپ قويسىمۇ مەيلىتى . ئەمما لىكىن ئانداقلارنىڭ كاللىسى بەك ئىشلىگەچكە مانداق جانلىق ، ۋەزنىلىك ، ئاتتەك ئىنكاسلارنى ئاسانلىقچە بايقاپ بۇلاممايدا جۇما ..........!!!!!