بۇ Microsoft شىركىتى ئۆزى بازارغا سالغان سىستىما، ئۇيغۇرچىسىنى ئۇيغۇرسوفىت شىركىتى مەسئۇل بولۇپ ئىشلىدىغۇ دەيمەن. مىنىڭ بۇنى تەشۋىق قىلىش ۋەزىپەم يوق، لىكىن مەجبۇرىيىتىم بار دەپ قارايمەن. چۈنكى بۇنى كومپىيۇتىرغا قاچىلىغاندىن كىيىن ھەممە يەر ئۇيغۇرچە بولىدۇ. بۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلمەسلىكىدە چوك رول ئوينايدۇ دەپ قارايمەن. 5 كويلۇق ساختا نۇسخىسى چىقىشى مۈمكىن لىكىن ئۇنىڭدا ئۇيغۇرچىنى قوشقىلى بولمايدۇ. Windos8 ئۇيغۇرچىنى نىگىزدىن قوللايدۇ، دىمەك بۇندىن كىيىن ئۇيغۇرچە بولغان يۇمشاق دىتاللار كۆپلەپ مەيدانغا كىلىدۇ. بۇ توغرىسىدا بىر يەردە بىرسى مەن ئۇيغۇر دەپ تۇرۇپ ‹‹248كويغۇ جىق پۇل ئەمەس لىكىن مىنىڭ ئۇيغۇرچىغا ئىھتىياجىم يوق شۇڭا بۇمۇ لازىم ئەمەس›› دەيدۇ ئۇيغۇر تىلىدا، بۇنداقلار كۆپ، بۇنىڭ ئۆزى بىر تىراگىدىيە. مەن بۇيەردە ھەممە ئادەم چوقۇم ئىلىشى كىرەك دىمىدىم، 248 كويغا چىقىش قىلالايدىغانلار ئەپ قويايلى دىدىم.
مىسرانىمدىكى نەچچە مىڭ ئەزانىڭ Windos8 نىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ئادەمنىڭ 1% يەتمەيدىغانلىقىدىن ئىچىنىمەن.
مىنىڭچە Windos8 قاچىلاپ ئىشلىتىش ئۇيغۇرغا ھەقىقى پايدا تىگىدىغان ئىشلارنىڭ بىرسى.
مەن ئەمەلىي ئىش قىلىشنى جىق گەپ قىلىشتىن ياخشى دەپ قارايمەن.
Windos8 نىڭ تەپسىلاتى مەيەردە: http://www.alimahat.com/
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا relax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-5 09:32 AM