مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: zulpikarjan880

يۇرتۇم قاغىلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2209
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12786
تۆھپە نۇمۇرى: 512
توردا: 2138 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-4 11:40:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاغىلىق توغىرسىدىكى تەرمە ماتىرىياللار:


قاغىلىق ناھىيەسى تەكىلماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي جەنۇپ چېتىگە جايلاشقان،يەرمەيدانى 16مىڭ 200كۇۋادرات كېلومېتىر بولۇپ، بۇ مۇنبەت زىمندا380مىڭدىن ئارتۇق 13مىللەت خەلقى ياشايدۇ،تەۋەلكىدە 26يىزابازار تۇەن مەيدان بار بولۇپ قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە ئالىي ۋىلايىتنىڭ ئوتتۇرا كېسىشمىسىدىكى ئىنتايىن مۇھەم سىتراتىگىيلىك ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ تۇرپان-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، دۆلەت يولى 315-لېنيىسى قەشقەر -خوتەن تۆمۇر يولى، قۇرلۇش باسقۇچىدىكى يەكەن ئايرودورومى قاتارلىق قاتناش تورلىرى قاغىلقىنىڭ تەرەققىياتنى كاپالەتكە ئېگە قىلغان. ئۇنۋىرسال كۈچى جەھەتتە قەشقەر شەھىرى ۋە يەكەن ناھىيەسىدىن قالسىلا ۋىلايەتتىكى 3-نۇمۇرلۇق ناھىيە بولۇپ ھېسابلنىدۇ.
ئومۇمەن قاراقۇرۇم باغىرىدىكى 1-شەھەر قاغىلىق ھەققىەتەنمۇ  تەرىپلەشكە ئەرزىيىدۇ.




1.قاغىلىق نامى توغرىسىدا مۇنداق قاراشلار بار:
1) بۇ يەر نامى «تۇرۇپ قالسا بولىدىغان يەر» دېگەن مەنەدىكى «قالغۇلۇق» دېگەن سۆزدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن.
2) «پادىشاھلىق يەر» ياكى «خانلىققا تەۋە جاي» دېگەن مەنىدىكى «قاغانلىق» دېگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن.
3) «قارلۇق» قەبىلىسىنىڭ ئىسىمىدىن كەلگەن.
4) «قارخ» ۋە «قىلىخ» دىن ئىبارەت ئىككى سۆزدىن بىرىككەن بولۇپ مەنىسى «ئالۋان يەر» (ياساق بىرىدىغان يەر) ياكى «بەگ ئەمىرلەرگە بۆلۇپ بىرىلگەن ۋە شۇلارغا ئالۋاڭ تۆلەيدىغان يېزا» دېگەنلىك بولىدۇ.
5) «قاغا كۆپ جاي» دېگەنلىك بولىدۇ.
يۇقارقىدىن باشقا يەنە «قالغۇ» ۋە ياكى «قالغانلىق» دېگەن سۆزدىن ئۆزگۇرۇپ كەلگەن دېگۇچىلەرمۇ بار.
تارىخي مەلۇماتلاردا قاغىلىق مىلادى 7- ئەسىرلەردە «چەكۈك بالىق» دەپ ئاتالغان (شىنجاڭ تەزكىرىسى، 1996-يىلى 1- سان—يىلان)، بۇنىڭدىن بىلىشكە بولۇدىكى «قاغىلىق» كىيىنكى چاغلاردا قوللىنىلغان نام بولىشى كىرەك.
يۇقارقى قاراشلارنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى 4 قاراشنىڭ پاكىتلىرى ئىنىق ئەمەس، كىيىنكى قاراشنى قۇۋەتلەيدىغانلارمۇ پەقەت: «قارغالىغ — قارغالىق — قارغىلىق — قاغىلىق» دەك سۆز ئۆزگۇرۇشىدىن ھازىرقى ئىسىم مەيدانغا كەلگەن دەپ چۇشەندۇردۇ ۋە بۇنىڭغا «تارىخي رەشىدى» ۋە تۇركىي تىللار دىۋانىدا «قارغالىخ» دەپ يىزىلغانلىقىنى پاكىت كۆرسىتىدۇ، لىكىن شىخەنزىدىكى ۋە گۇچۇڭدىكى «قاغىلىق» دېگەن يەر ئاتالغۇلىرىنى بۇ ئىسىم بىلەن چۇشەندۇرگىلى بولمايدۇ،
قاغىلىق  شىۋىسىدە ئەدەبىي تىلدىن پەرىقلىق ھالدا، خۇددى خوتەن شىۋىسىگە ئوخشاپ كىتىدىغان خاھىش ۋە زۆزۇرىيەتنى ئىپادىلەيدىغان بىر خىل پېئىل شەكلى مەۋجۇت، بۇ خىل پېئىل شەكلى «غۇ، قۇ، گۇ، كۇ» دىن ئىبارەت پېئىل ياسايدىغان قوشۇمچىلار ئارقىلىق ياسالغان ھەركەت ناملىرىنىڭ ئاخىرىغا «لىك، لىق، لۇق، لۈك» قوشۇمچىلىرى، ئۇنىڭدىن كىيىن «يا» ئۇلانمىسى ئۇلۇنۇپ ياسىلىدۇ.
مەسىلەن: بارايلى — باغۇلۇق (يا)، كۆرەيلى— كۆگۈلۈك (يا)، كېتەيلى — كەتكۈلۈك (يا)، قارايلى — قاراغۇلۇق (يا) …… دىگەندەك. ئاخىرقىسىغا دېققەت قىلىڭلار ۋە تىز تەلەپپۇز قىلىڭلار، بۇ دەل قاغىلىق سۆزىنىڭ ئىتمولۇگىيىسىدۇر.


قاغىلىق تارىختىن بىرى يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئورۇن بولۇپ،شىنجاڭنىڭ خەلىقئارالىق قاتناش تۇگۇنىگە جايلاشقان، شىزاڭ (تىبەت)، كەشمىر، ئافخانىستان، پاكىستان، ھىندىستان ئارقىلىق چەتئەللەرگە بارىدىغان مۇھىم ئۆتەڭ بولغان، سىياسى، ھەربىي ئىستىراتىگىيە جەھەتتە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، ھازىرقى چوڭ خەرىتىلەردىمۇ ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەر چۇشۇرۇلمىسىمۇ قاغىلىقنى خەرىتىدىن ھامان تاپقىلى بولىدۇ،شۇڭا قاغىلىقنى تارىختا ئۆتكەن ھۆكۇمدارلار «قارايلى» ياكى «قاراغۇلۇق» دەپ قاراپ شۇنداق ئاتىغان بولسا، بۇ سۆز كىيىنچە: قاراغۇلۇق — قاراغىلىق — قارغىلىق — قاغىلىق دەك ئۆزگۇرۇش ياساپ دەۋرىمىزگە يىتىپ كەلگەن بولىشى تامامەن مۇمكىن !!!.


1977-يىلى 17-مايدا ياڭرىغان كۆكيار 1-قۇدۇقىنىڭ فونتان ساداسى نەچچە مىڭلىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى بۇ يېڭى نېفىتلىككە جەلپ قىلغانىدى.تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇپ ۋە شىمالىدىن كېلىپ بۇ يەرگە جەم بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بەزىلىرى بويتاق بولسا، بەزىلىرى بالا-چاقىلىق ئىدى. ئۇلار ئاددىي چېدىرلاردا،گەمىلەردە ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلاتتى.ئەنە شۇ چېدىر،گەمىلەردە ئوقۇش يېشىغا يېتىپ قالغان، جۈملىدىن قاراماي،ئۆچكىلىك نېفىتلىكلىرىدە مۇنتىزىم مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان،ئەمدىلىكتە بولسا ئوقۇشسىز قېلىۋاتقان نەچچە يۈزلىگەن ئۆسمۈر بالىلارمۇ بار ئىدى.بۈگۈنكى كۆكيار نېفىت كان راۇنى)مەشغۇلات رايۇنى(نىڭ ئاساسى بولغان سابىق نېفىت ئېلىش،نېفىت ئايرىش چوڭ ئەترىرى رەھبەرلىكى نېفىتچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ،پەرزەنتلەرنى ئاپتوموبېل بىلەن قاغىلىق ناھيىسىنىڭ ئوششارباش بازىرى 20-كەند باشلانغۇچ مەكتىپىگە ۋە بىڭتۇەن 2-چارۋىچىلىق فېرمىسى مەكتىپىگە ئاپىرىپ ئوقۇتقان بولسىمۇ،كۈنسايىن كۆپۈيىۋاتقان ئوقۇغۇچى سانى ۋە يول مۇشەققىتى سەۋەبىدىن كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتى.مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، كۆكيار نېاىتلىكىدىكى پەسىللىك ئېقىن بويىدىكى سايغا تۆت كورپۇس سىنىپ سېلىندى ۋە 1980-يىلى 3-ئايدا نېفىت ئېلىش،نېفىت سىناش،نېفىت ئايرىش،بۇرغىلاش كەسپىدىكى بىر تۈركۈم بىلىملىك ئىشچىلارنى تاللاپ، تۇنجى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقتى.
ئەينى ۋاقىتتا،كۆكيار نېفىتلىكىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تېخى قۇرۇلمىغان بولغاچقا،نېفىتلىك ئېچىش بىرلەشمىگە جېڭىگە جۆر بولىۋاتقاندەك،ئاچچىق توپىلىق بوران ھۇشقۇيتىپ تۇراتتى.ئوقۇتقۇچىلار چېدىرلاردا يېتىپ قوپۇپ،چېدىېلارنى ئىشخانا قىلغان،ئوقۇتۇش ماتىريالى كەم بولۇپلا قالماستىن،ئوقۇتۇش ئۈسكىنىلىرىمۇ بولمىغان. مەكتەپ مەسئۇللىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار قول سېلىپ تەنھەركەت مەيدانى ياسىغان،ئېرىق چېپىپ،كۆچەت تىككەن.

ئامىر گۈلەندەم ھەيكىلى


2. قاغىلىق ناھىيىسى ئورمان باغۋەنچىلىكى تېرىپ-ئۆستۈرۈش ئىگىلىكىنى باشلىغىلى خېلى يىللار بولغان بولۇپ باغۋەنچىلىك تەرققىياتى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ئىدى.شۇڭا شىنجاڭنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئون مىليون مولۇق ئالاھىدە باغۋەنچىلىك بازىسىدا ئاساسلىق نىسبەتنى ئىگىلىدى.قاغىلىق ناھىيىسى يەككە ناھىيەلەر بويىچە باغۋەنچىلىك ئىگىلىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولۇش،مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى بولۇش،كىرىمى ياخشى بولۇش قاتارلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولۇپ دۆلىتىمىزنىڭ باغۋەنچىلىك ئىگىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇش سېپىدە ئاۋانگارت ناھىيىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
بۇ يىل قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ باغۋەنچىلىك ئومۇمى مەھسۇلات مىقدارى 292500توننىغا يېتىدىغان بولۇپ مەھسۇلات قىممىتىنى 19مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇش پىلانى ئورۇندىلىدىكەن.بۇنىڭ ئىچىدە ياڭاقنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 70مىڭ توننىدىن ئاشىدىغان بولۇپ مەھسۇلات قىممىتى 15مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن.2015-يىلىغا بارغاندا پۈتۈن ناھىيىدىكى مىۋىلىك باغلارنىڭ مەھسۇلات مىقتارىنى 366500توننىغا يەتكۈزۈش پىلان قىلىنغان بولۇپ كىشى بېشىغا 5000يۈەن كىرىم قىلالايدىكەن
.
دېھقان بازىرى

قاغىلىق ناھىيىسىدە ياڭاق دەرىخى،ئۆرۈك دەرىخى كىشىلەرنىڭ ھويلىسىغا ،ئۆيىنىڭ كەينىگە تىكىلگەن بولۇپ پۈتۈن ناھىيىنىڭ قۇم-بوراندىن ساقلىنىش يېشل بەلبىغى شەكىللەنگەن.قاغىلىق ناھىيىسىگە كىرگەندىن كېيىن خۇددى ئۆرۈك،ياڭاق،ئەنجۈر دەرەخلىرى بىلەن قورشالغان قەلئەگە كىرىپ قالغاندەك بولىدىكەن.مانا مۇشۇ گۈزەل يۇرتتا چىقىدىغان ئەنجۈر،ئۆرۈك،ئانار،ياڭاق قاتارلىق مىۋىلەر قاغىلىق ناھىيىسىنى «مېۋە-چېۋە ماكانى»دېگەن گۈزەل ناملارغا ئېرىشتۈرگەن.
نۆۋەتتە قاغىلىق ناھىيىسىدىكى دېھقانلارباغۋەنچىلىك ئىگىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنى 3282يۈەنگە يەتكۈزگەن بولۇپ ياڭاقتىن كىرگەن ساپ كىرىم 2622يۈەن ئىكەن.
نۆۋەتتە قاغىلىق ناھىيىسى باغۋەنچىلىكنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ مېۋىلەر سۈپىتى ۋە تۈرىگە ئاساسەن دەرىجىگە ئايرىلغاندىن كېيىن نەپىس ئورۇلۇپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىلىدىكەن
.




3.نەزمە
                                             گۈزەل قاغىلىق
   

                                                            مۇھەممەد ئىمىن ھەسەن

ھەيۋەت – ھەيۋەت تاغلىرى بار گۈزەل قاغىلىق،

شەربەت – شەربەت باغلىرى بار گۈزەل قاغىلىق.

مۇنبەت – مۇنبەت يەرلىرى بار گۈزەل قاغىلىق،

قەۋەت – قەۋەت كانلىرى بار گۈزەل قاغىلىق.



ئۇشبۇ يۇرتنىڭ نامى ئېرۇر ‹‹ياڭاق ماكانى››،

ياڭاقزارلار ئارا باردۇر ياڭاق خاقانى.

ئالما، ئانار، ئۆرۈكلەرمۇ شۇلار قاتارى،

غەيرەت، جۈرئەت جانلىرى بار گۈزەل قاغىلىق.



ئادەملىرى ئەجەب ئوڭلۇق، كۆڭۈل – كۆكسى كەڭ،

مېھمانلارنى كۈتەر خۇشخۇي ھەردەم تۈرۈپ يەڭ،

گەپ – سۆزىدە سەمىمىيلىك، كۆرۈنمەيدۇ رەڭ،

داڭلىق كاۋاپ، نانلىرى بار گۈزەل قاغىلىق.



يېزىسىمۇ شەھەردەكلا چاقنار ئۆزگىچە،

ئېكىنلىرى مول ھوسۇللۇق تاكى كۈزگىچە.

بىر دان بەرسەڭ قايتۇرار ئۇ بىرەر يۈزگىچە،

بەخت – ئامات ئانلىرى بار گۈزەل قاغىلىق.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   teskin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-4 04:13 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
YURT OGLANE + 50 رەھمەت سىزگە

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك  يا بولمىسائۆلگۈلۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26007
يازما سانى: 1176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9776
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 5896 سائەت
تىزىم: 2011-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-4 11:44:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەچچە يىل بوپتىكەن بۇ فىلىمنى كۆرمىگىلى .  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85143
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 884
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2012-9-16
ئاخىرقى: 2014-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-4 11:51:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەخمۇتكام ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۋاتامدۇ نىمە ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85030
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1067
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2014-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 01:56:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈمەييە يوللىغان ۋاقتى  2012-11-4 06:04 PM
ۋاي ۋۇي سىز قەيەردە ساقلىۋالغانتىڭىز ئاۋۇ فىلىمنى ، تا ...

پىشقەدەم ئارتىسلارنىمۇ تونامسىز..ئۇنداق بولسا نىمىدىگەن ياخشى....

ھە راس، 56 تورىغا كىرىپ، قاغىلىق ناۋاسى دەپ ئىزدىسىڭىز، ئاشۇ قاغىلىق ناۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك خىلى كۆپ فىلىملەر چىقىدۇ.

يۈرەك يىغلايدۇ «نېمىشقا؟» دەپ، ئەقىل كۈلىدۇ «خوپ بولدى» دەپ!!!

كامىل يۇۋاش

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34036
يازما سانى: 1428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8119
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 1729 سائەت
تىزىم: 2011-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 02:01:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن  ياخشى جايكەن

كامىل،يۇۋاش

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55725
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-6 04:14:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ فىلىمنى ماڭا بىۋاستە يوللاپ بېرىدىغان بارمۇ؟ 12 يىل بولدى بۇ مۇقەددەس دىيارنى كۆرمىگىلى... ئۇنداق قىلماي ماڭا ئەۋەتىپ بېرىڭلار.... چەتتە 56 تورى ياخشى ئىچىلمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92382
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 352
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2013-2-27
ئاخىرقى: 2013-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 08:38:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ فىلىمنى كۆرەلمىدىم لىكىن يۇرتىمنىڭ مۇشۇنداق ئىسىل يۇرتلىقىدىن پەخىىرلىنىمەن

مۇنبەردىكى بارلىق دوسلارغا مەندىن ئوتلۇق سالام

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83535
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3499
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2012-8-6
ئاخىرقى: 2014-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 11:05:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە، قوچقار ۋىلايىتى ساغىلىق  ناھىيسىنىڭ  گىپى  ئىكەندە بۇ  تىما.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش