<< گىرىم بىلەن بۇيىغىچە تېشىڭنى ،
ئېلىم بىلەن بويىغىن ئىچىڭنى . >>
ئەقىلىيە ئۈزۈندىللىرىدىن .
ھەر قانداق بىر ئايالدا گۈزەللىككە ئىنتىلىش خاھىشى بولىدۇ . لىكىن بىر قىسىم
خېمىيۋى تەركىبلىك گىرىم بۇيۇملىرى ئاياللارنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن
بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كىيىن تېرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ . ھەر قانداق نەرسە
تەبىيئى بولغىنىغا يەتمەيدۇ .
تۆۋەندە بىر قىسىم ئىلمىي بولغان تېرە ئاسراش ، گۈزەللەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ
ئۆتىمەن . مۇنبەردىكى ئاياللار تاپقان پۇلۇڭلارغا قىممەت باھالىق گىرىم بۇيۇملىرى
ئېلىپ ئىشلەتمەي مۇشۇ ئۇسۇلنى سىناب باقساڭلار بولىدۇ . ھەممىسى تەجرىبىدىن
ئۆتكەن ئىشەنچىلىك رىتسىپلار .
ئاشۇ قىممەت باھالىق گىرىم بۇيۇملىرىغا خەجلىگەن پۇللىرىڭلارغا كىتاب ئالساڭلار
ئېرىڭلارنىڭ يۈكىنى يەڭگۈللىتىپ ئائىلىگە ، پەرزەنتىڭلارغا ،چوڭلارغا خىراجەت
قىلساڭلار دېگەن ئۈمىدتىمەن . چۈنكى بىر ئائىلىدە ئىقتىسادنىڭ رولىغا سەل
قاراشقا بولمايدۇ . پۇل يۈز بېرىدىغان نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
ما تېمىنى : ئەمۋاي ۋە ئورفىلەمنىڭ گىرىملىرىنى ساتقۇچىللىرى كۆرسە مىنى
قارغاپ يۈرمىگىيدى ؟
ھەسەل ـ تۇخۇم مەلھىمى .
يېڭى تۇخۇمدىن بىر تالنى چېقىپ ، ( يەرلىك تۇخۇم بولسا تېخىمۇ ياخشى ) ئۇنىڭغا
بىر قۇشۇق ھەسەل سېلىپ ئارلاشتۇرۇپ ، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يۈزگە سۈرۈپ ئۇۋلاپ
بەرگەندە ، يۈزنى نۇرلۇق قىلىدۇ. قىشتا سۈرگەندە يۈزنىڭ يېرىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
ئۆرۈك مېغىزى مەلھىمى .
90 گىرام ئاقلىۋېتىلگەن ئۆرۈك مېغىزىنى ئېزىپ تۇخۇم ئېقىغا ئارلاشتۇرۇپ ، ھەر كۈنى
ئاخشىمى يۈزگە سۈرۈپ ، ئەتىسى يۇيۇۋەتكەندە قورۇق يوقلىدۇ .
تۇخۇم سېرىقى ـ ھەسەل مەلھىمى .
تۇخۇم سېرىقىغا ھەسەل بىلەن ئۇننى ئارلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ يۈزگە چاپسا ، دانىخورەك
داغلىرىنى يوقىتىپلا قالماستىن ، يۈزنىڭ قۇرغاقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . ئەگەر
يۈز تېرىسى مايلىق بولسا ، مەلھەمگە بىر قۇشۇق لىمۇن سۈيى ئارلاشتۇرىۋەتسە بولىدۇ .
مەلھەمنى سۈرۈپ 15 ـ 20 مىنۇتتىن كىيىن ئىلمان سۇدا يۇيۇۋېتىش كېرەك .
مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللاردىن پايدىلاندىم .