تېۋىپجان بەكلا قايناپ كېتىپسىزمۇ قانداق؟
ئەر كىشىگە تۆت خوتۇن ئېلىشقا يول قويۇلغانلىقىنى سىز ئەمەس بىزمۇ بىلىمىز، ئەمما ئۇنىڭمۇ ئادا قىلىدىغان شەرتلىرى بار دە، ئۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى ھالال نىكاھ بولۇش، نىكاھ دىگەننىڭ نىمىلىكىنى بىلىدىغانسىز، بىر جۈپ ئەر ئايالنىڭ ھالال نىكاھلىنىپ خەلق ئالەمگە جاكارلىنىشىدۇر، قېنى قايسى ئىكىكى خوتۇنلۇق ئەركەك ئىككىنچى نىكاھىنى خەلق ئالەمگە جاكارلىيالىدى؟ قېنى قايسى ئەركەك بىرىنچى خوتۇنىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ ئوچۇق ئاشكارە ھالدا ئىككىنچى خوتۇنىنى ئالالىدى؟ قېنى شۇ ئىككىنچى خوتۇننىڭ تۇرمۇشى ۋە ھوقۇقلىرى جەمئىيىتىمىزدە كاپالەتكە ئىگە قىلىندىمۇ يوق؟
نىكاھ دىگەن يۇقاردا دىيىلگەدەك ئوچۇق ئاشكارە بولىدۇ، ھەرگىزمۇ باشقىلارغا ئاشكارلاشقا بولمايدىغان مەخپى نىكاھ بولمايدۇ، مۇسۇلمانلار تورىدا «مەخپى نىكاھ» دىگەن ئاتالغۇغا ئۆلىمالارنىڭ بەرگەن جاۋابىنى كۆرگەنمەن، ئۇلارنىڭ دىيىشىچە «مەخپى نىكاھ» دەپ نىكاھ بولمايدىكەن، نىكاھ دىگەن ئاشكارە بولىدىكەن.
ئىككىنچى خوتۇن ۋە ئىككىنچى خوتۇننىڭ بالىلىرىنىڭ جەمئىيىتىمىزدە ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس، بەلكىم سىلەر ئىككى ياكى ئۈچ خوتۇنلۇق كىشىلەر ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىنكى ئاشۇ كۆپ خوتۇنلارنىڭ ئارسىدا شەكىللەنگەن ھەق تەلەپ دەۋالىرىنى كۆرمىگەن بولۇشۇڭلار مومكىن، شۇڭا ھەممە تەرەپنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالىساڭلار ياكى ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن دەۋا شەكىللەنمەيدىغان قىلىپ ھەل قىلالىساڭلار ئېلىڭلار، بولمىسا قىسىپ يۈرگەنمۇ ياخشى ھۆنەر.
مەخپىي نىكاھ ھارامغا تۈزۈلگەن توختامدۇر
دىنىمىزدا «مەخپىي نىكاھ» ياكى «ۋاقىتلىق نىكاھ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر نىكاھ مەۋجۇت ئەمەس. دىنىمىزدا نىكاھنىڭ پەقەت بىر خىللا شەكلى بار. ئۇ بولسا، ئارىلىرىدا نىكاھ چۈشىدىغان بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ، نىكاھلىنىش ئۈچۈن ئايالنىڭ ۋەلىيلىرىنىڭ نازارىتى ۋە كونتروللۇقى ئاستىدا ئۆزئارا رازىلىشىپ قارار بېرىشكەندىن كېيىن، نىكاھنىڭ پۈتۈن شەرتلىرىنى تولۇق ھازىرلاپ، ئاندىن ئەل-يۇرتقا ئېلان قىلىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئېلىپ بارىدىغان نىكاھىدۇر.
بۇ نىكاھتا ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەلچىلەر ئەۋەتىلىدۇ، يۇرت ئاقساقاللىرىنىڭ مەسلەھەتى ئېلىنىدۇ. بۇ نىكاھدىن بۇرۇن قۇدا-باجا نامزاتلىرى بىر-بىرى بىلەن تونۇشىدۇ، ئايالنىڭ ۋەلىيلىرى بۇ نىكاھنىڭ شەرىئەتكە ۋە ئۆرپ-ئادەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى كونترول قىلىپ ماقۇللۇق بىلدۈرگەندىن كېيىن، رەسمىيەتلەر بېجىرىلىدۇ.
ئاندىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ ئائىلىلىرى ئارىسىدا توي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ مۇراسىمىگە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يېقىن-يورۇقلىرى چاقىرىلىدۇ، بۇ مۇراسىمىدە داقا-دۇمباقلار ۋە ناغرا-سۇنايلار چېلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پالانى ئاخۇن بىلەن پۇستانى خان نىكاھلىنىپتۇ، دېگەن خەۋەر نىكاھ مۇراسىمىغا ھازىر بولغان، بولمىغان پۈتۈن يۇرت-جامائەتكە ئېلان قىلىنىدۇ. نەتىجىدە بۇ نىكاھتىن يىراق-يېقىن ھەممەيلەننىڭ خەۋىرى بولىدۇ.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَلَا تَنْكِحُوا الْمُشْرِكَاتِ حَتَّى يُؤْمِنَّ وَلَأَمَةٌ مُؤْمِنَةٌ خَيْرٌ مِنْ مُشْرِكَةٍ وَلَوْ أَعْجَبَتْكُمْ وَلَا تُنْكِحُوا الْمُشْرِكِينَ حَتَّى يُؤْمِنُوا وَلَعَبْدٌ مُؤْمِنٌ خَيْرٌ مِنْ مُشْرِكٍ وَلَوْ أَعْجَبَكُمْ أُولَئِكَ يَدْعُونَ إِلَى النَّارِ وَاللَّهُ يَدْعُو إِلَى الْجَنَّةِ وَالْمَغْفِرَةِ بِإِذْنِهِ وَيُبَيِّنُ آيَاتِهِ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ»
«ئى مۇسۇلمانلار! مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغىچە ئۇلارنى ئالماڭلار. شۈبھىسىزكى، مۇئمىن بىر چۆرە مۇشرىك بىر ئايالدىن ياخشىدۇر، بۇ مۇشرىك ئايال سىلەرنى مەپتۇن قىلىۋالغان تەقدىردىمۇ. مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغىچە مۇئمىن ئاياللارنى ئۇلارغا بەرمەڭلار. شۈبھىسىزكى، مۇئمىن بىر قۇل مۇشرىك بىر ئەردىن ياخشىدۇر، بۇ مۇشرىك ئەر سىلەرنى مەپتۇن قىلۋالغان تەقدىردىمۇ. مۇشرىكلار دوزاخقا چاقىرىدۇ. ئاللاھ ئۆزىنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن جەننەتكە ۋە مەغپىرەتكە چاقىرىدۇ. ئاللاھ ئىنسانلارغا ئىبرەت ۋە نەسىھەت ئالسۇن دەپ ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ»- بەقەرە 2/221.
ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتتە، ئەرلەرگە «ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار» دەيدۇ. سۆز ئاياللارغا كەلگەندە «ئۇلارغا تەگمەڭلار» دېمەستىن، ئۇلارنىڭ ۋەلىيلىرىگە خىتاب قىلىپ، «مۇئمىن ئاياللارنى ئۇلارغا بەرمەڭلار» دەيدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ بۇ سۆزىدىن، مۇئمىن ئاياللارنى ۋەلىيلىرى ياتلىق قىلمىسا، ئۇلار ئۆزلىرى چاغلىشىپ ياتلىق بولالمايدىغانلىقى ئېنىق چىقىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ھەر قانداق ئايال ۋەلىيىسىنىڭ رۇخسىتىز نىكاھلانسا، ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر، ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر، ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر» دېگەن سۆزى بۇ مەنانى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.- ئەبۇ داۋۇد، نىكاھ، 20؛ تىرمىزى، نىكاھ، 14.
ئاللاھ تەئالا نىسا سۈرىسىنىڭ 23- ئايىتىدە ۋە 24- ئايىتىنىڭ بېشىدا نىكاھلىنىش ھارام قىلىنغان ئاياللارنى بايان قىلىپ بولغاندىن كېيىن، 24- ئايەتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ:
«وَأُحِلَّ لَكُمْ مَا وَرَاءَ ذَلِكُمْ أَنْ تَبْتَغُوا بِأَمْوَالِكُمْ مُحْصِنِينَ غَيْرَ مُسَافِحِينَ»
«يۇقىرىدىكى ئېلىش دۇرۇس بولمايدىغان ئاياللاردىن باشقىلىرىنى ئىپپەتلىك بولغان ۋە زىنادىن ساقلانغان ھالدا، ماللىرىڭلارنى سەرپ قىلىپ نىكاھلاپ ئېلىشىڭلار سىلەرگە ھالال قىلىندى».
بۇ ئايەتتىكى «ئىپپەتلىك بولغان ۋە زىنادىن ساقلانغان ھالدا» دېگەن سۆزنىڭ ئەرەپچىسى مۇھسىنىينە، غەيرە مۇسافىھىينە «مُحْصِنِينَ غَيْرَ مُسَافِحِينَ» دۇر. بۇ ئىككى سۆز، قىلىنماقچى بولغان نىكاھقا ئىككى شەرت قوشىدۇ. بۇ ئىككى شەرتنى ئېنىق چۈشىنىش ئۈچۈن بۇ ئىككى كەلىمىنىڭ لۇغەت مەنىسى ۋە جۈملىدىكى ئورنى ئۈستىدە بىرئاز توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
1- مۇھسىنىينە «مُحْصِنِينَ». بۇ سۆزنىڭ سۆز تومۇرى (مەسدىرى) قورغان، ئىستىھكام ۋە قەلئە مەنىسىدىكى «ھىسن» بولۇپ، ئىسمى فائىل (پېئىل ئىگىسىنىڭ نامى) دۇر، بۇ سۆزنىڭ جۈملىدىكى ئورنى ھالى مۇقەددەرەدۇر. يەنى پېئىلنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەھۋالى توغرىسىدا پائىل تەرىپىدىن قىلىنغان پىلاننى ئىپادىلەيدىغان ھالەت قوشۇمچىسىدۇر.
بۇنىڭغا ئاساسەن، «مۇھسىنىينە» نىڭ ئەسلى مەنىسى «قورغان ئىچىگە ئېلىشنى مەقسەت قىلغان ھالەتتە» دېگەن بولۇپ، بۇ سۆز، ئەرلەرنىڭ نىكاھنى ئۆمۈرلۈك بولۇشىنى نىيەت قىلىشلىرىنى ۋە ئەل جامائەت ئىچىدە ئېلان قىلىشلىرىنى شەرت قىلىدۇ. چۈنكى ئەرلەرنىڭ نىكاھ بىلەن ئايالنى «قورغان ئىچىگە ئېلىشنى مەقسەت قىلغان ھالەتتە» بولۇشى، ئۇلارنىڭ نىكاھ پېئىلىنى قىلغان چاغدا شۇنداق نىيەتتە بولۇشى ۋە بۇ نىيىتىنى رەسمىي توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئېلان قىلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. بولمىسا ئۇ ئايال قورغان ئىچىگە ئېلىنمىغان بولىدۇ.
بۇ سۆزنىڭ قىسقىچە مەنىسى مۇنداق بولىدۇ:
ئى نىكاھ پېئىلىنى قىلغۇچى ئەرلەر! نىكاھ پېئىلىنى، نىكاھىڭلارغا ئالغان ئاياللارنى ئۆزلىرىڭلارنىڭ ئەرلىك قورغىنى ئىچىگە ئېلىشنى ۋە ئۇلارنى بۇ قورغان ئىچىدە ساقلاشنى پىلانلىغان، بۇنى يۇرت–جامائەتكە ئېلان قىلغان ھالەتتە قىلىڭلار. مۇشۇنداق قىلساڭلار باشقا ئەرلەر بۇ ئاياللارغا نىكاھلىنىش تەكلىپى قويمايدۇ. چۈنكى باشقا ئەرلەر نىكاھ ئەل-يۇرتقا ئېلان قىلىنغاندا ئۇ ئاياللارنىڭ سىلەرنىڭ مەنىۋى قورغىنىڭلار ئىچىدە كىرىپ بولغانلىقىنى بىلگەن.
2- غەيرە مۇسافىھىينە «غَيْرَ مُسَافِحِينَ». مۇسافىھىينە «مُسَافِحِينَ» دېگەن سۆزنىڭ سۆز تومۇرى (مەسدىرى) تۆكمەك ۋە ئېقىتماق مەنىسىدىكى «سەفھ/سۇفۇھ» بولۇپ، مۇفائەلە بابىدىن ئىسمى فائىل (پېئىل ئىگىسىنىڭ نامى) دۇر. بۇ سۆز يۇقىرىدىكى ئايەتتە نىكاھ پېئىلىغا باغلىنىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ يەردىكى مەنىسى مەنىي تۆكۈشۈش دېگەن بولىدۇ.
مۇفائەلە بابى پېئىلنى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قىلغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. مەسىلەن: قەتەلە ئۆلتۈردى، دېگەن بولىدۇ، مۇفائەلە بابىدىن بولغان قاتەلە ئۆلتۈرۈشتى دېگەن بولىدۇ.
مۇسافىھىينە «مُسَافِحِينَ»، بېشىغا غەيرە «غَيْرَ» سۆزىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن بولۇشسىز ئىسمى فائىلغا ئايلىنىدۇ. بۇ سۆزنىڭ جۈملىدىكى ئورنىمۇ ھالى مۇقەددەرەدۇر. يەنى پېئىلنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەھۋالى توغرىسىدا پائىل (ئىگە) تەرىپىدىن ۋە مەپئۇل (ئوبېكتى) تەرىپىدىن قىلىنغان پىلاننى ئىپادىلەيدىغان ھالەت قوشۇمچىسىدۇر.
بۇنىڭغا ئاساسەن غەيرە مۇسافىھىينە «غَيْرَ مُسَافِحِينَ» نىڭ ئەسلى مەنىسى: «ھەر ئىككى تەرەپ بۇ نىكاھتىن مەنىي تۆكۈشۈشنى مەقسەت قىلىشمىغان ھالەتتە» دېگەن بولۇپ، بۇ سۆز نىكاھتىن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنىلا ئەمەس، بالا-چاقا تېرىشنى ۋە نەۋرە-چەۋرە كۆرۈشنى مەقسەت قىلىشىنى شەرت قىلىدۇ. چۈنكى نىكاھ پېئىلى قىلىنغان چاغدا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ نىكاھتىن «مەنىي تۆكۈشۈشنى مەقسەت قىلىشمىغان ھالەتتە» بولۇشى، ئۇلارنىڭ بۇ نىكاھدىن ئائىلە قۇرۇپ بالا-چاقا تېرىشنى نىيەت قىلغان ھالەتتە بولۇشلىرى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.
بۇ سۆزنىڭ قىسقىچە مەنىسى مۇنداق بولىدۇ:
ئى نىكاھ پېئىلىنى قىلغۇچى ئەر-ئاياللار! نىكاھ پېئىلىنى، مەنىي تۆكۈشۈشنى يەنى جىنسىي ھەۋەسلىرىڭلارنى قاندۇررۇشۇشنى ئەمەس، بەلكىدە ئائىلە قۇرۇشنى، بالا-چاقا تېرىشنى ۋە نەۋرە-چەۋرە كۆرۈشنى پىلانلىغان ھالەتتە قىلىڭلار.
دىنىمىزدا ۋاقىتلىق ياكى مەخپىي قىلىنغان نىكاھ ئىپپەتسىزلىك، ئائىلە قۇرۇپ بالا-چاقا تېرىش مەقسىتى بىلەن قىلىنمىغان نىكاھ زىنا ھېسابلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئايەتتىكى مۇھسىنىينە، غەيرە مۇسافىھىينە «مُحْصِنِينَ غَيْرَ مُسَافِحِينَ» دېگەن ئىككى كەلىمە «ئىپپەتلىك بولغان ۋە زىنادىن ساقلانغان ھالدا» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. بۇ ئۇ كەلىمىلەرنىڭ مەنا تەرجىمىسىدۇر.
تۆۋەندىكى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىمۇ نىكاھنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى شەرتىگە دالالەت قىلىدۇ:
«وَاللَّهُ جَعَلَ لَكُمْ مِنْ أَنْفُسِكُمْ أَزْوَاجًا وَجَعَلَ لَكُمْ مِنْ أَزْوَاجِكُمْ بَنِينَ وَحَفَدَةً وَرَزَقَكُمْ مِنَ الطَّيِّبَاتِ أَفَبِالْبَاطِلِ يُؤْمِنُونَ وَبِنِعْمَتِ اللَّهِ هُمْ يَكْفُرُونَ»
«ئاللاھ سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن جۈپتىلەر يارىتىپ بەردى، جۈپتىلىرىڭلاردىن سىلەرگە بالىلار ۋە نەۋرىلەر يارىتىپ بەردى، سىلەرگە پاكىز رىزىقلەر بەردى. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار يەنىلا باتىلغا ئىشىنىپ ئاللاھنىڭ نېمىتىگە تۇزكورلۇق قىلامدۇ؟»- نەھل 16/72.
دېمەككى، نىكاھلىنىشتىن مەقسەت جۈپتىلىرىدىن بالىلار ۋە نەۋرىلەر كۆرۈپ، جۈپتىمىزغا بىر ئۆمۈر ئەرلىك، بالىلار ۋە نەۋرىلەرگە ئاتىلىق قىلىشتۇر.
«وَمِنْ آيَاتِهِ أَنْ خَلَقَ لَكُمْ مِنْ أَنْفُسِكُمْ أَزْوَاجًا لِتَسْكُنُوا إِلَيْهَا وَجَعَلَ بَيْنَكُمْ مَوَدَّةً وَرَحْمَةً إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ»
«ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇ سىلەرگە كۆڭلۈڭلارنىڭ ئارام تېپىشى ئۈچۈن ئۆزۈڭلاردىن جۈپتلەر يارىتىپ بەردى، ئاراڭلاردا مېھىر-شەپقەت ئورناتتى. بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار»- رۇم 30/21.
مەخپىي نىكاھدا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭلى ئارام تاپمايدۇ ۋە بىر-بىرىگە مېھىر-شەپقەت ھېس قىلمايدۇ، ئەكسىچە بىئاراملىق ئىچىدە بولىدۇ. چۈنكى مەخپىي نىكاھدا ھەر تەرەپ ئۆزىنىڭ ئائىلە قۇرمىغانلىقىنى، قىسقا ۋاقىتتىن كېيىن يەنە ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلگەنلىكى ئۈچۈن بىئاراملىق ئىچىدە بولىدۇ، ئاشكارا بولۇپ قېلىشىدىن ھەر ئىككى تەرەپ قاتتىق ئەنسىرەيدۇ، شۇنداقلا قارشى تەرەپكە مېھىر-مۇھەببەت ھېس قىلمايدۇ.
ئادرىسى: مۇسۇلمانلار تورى
http://www.musulmanlar.com/?p=1846