ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ،ۋىجدانى دۇرۇس ياخشى نىيەتلىك مەرىپەت قۇغدۇغۇچىلىرى
تۆۋەندىكىسى قەشقەرلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچكىرىدە تاماق جەھەتتە قىيىنچىلىققا يولۇققان ئەھۋالى.
بەشكىرەمنىڭ كونا چوشقا مۇدىرىنى لەنجۇ لىگوڭ داشۇدە يەنە كونا كەسپىنى تىپىپتۇ دەيدۇ.ئۇنى قەشقەردە قانات ئاستىغا ئالغان گاۋ ئەمىر يەنە يىڭى ۋەزىپىگە قۇيۇپتۇ. گاۋ ئەمىر ئاتايىن باشقىلاردىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن بىرىپ ،460 ئۇقۇغۇچىنى مەكتەپتىن خىلى يىراق بولغان،ئەۋرەز ئوستىڭى بۇيىغا جايلاشقان،چوڭقۇر ئازگالدىكى بىر تاشلاندۇق كونا بىناغا مەخسۇس ئاشخانا تەييارلاپ،ئۇقۇغۇچىلارنى ھىچنىمە ئىلىپ يىيەلمەيدىغان،سىرتقىمۇ چىقالمايدىغان قىلىپ سولىۋاپتۇ. بالىلارنىڭ 900يۇەندىن تاماق پۇلىنى چوشقا مۇدىرغا بۇيرۇپ بىرىپتۇ.ھىيتگاھتا بىر سومغا 2چىنە بىرىدىغان كەسكەن ئاشنىڭ سۇيقىشىنى بالىلارغا مەجبۇرى 6يۈەنگە ساتىدىكەن .بالىلار تاماق يسە-يىمىسە ئوخشاشلا پۇل تاپشۇرىدىكەن.سىرتتا بىر يۇەنگە 3نى بىرىدىغان مومىنى بىر يۇەن ساتىدىكەن ،تۇخۇمدىن چوڭ ئەمەس دەيدۇ.بالىلار 8نى،10نى يىسە ئاران تويىمىش.ئىككى يانداش چوشقا ھەر ئايدا 300مىڭ يۇەندىن ئارتۇق پايدا ئالىدىكەن.قاراڭلار ماۋۇ قەشقەرنىڭ ئىشلىرىنى،ئۇقۇتقۇچى تەربىيلايدىغان ئككى"باشلىق"نىڭ ئىشلىرىنى،قەشقەردە بالىلىرىغا مەسۇل ئەركەكلەر يوق ئوخشايدۇ،بىر بالىنى تەربىيلەپ چوڭ قلىپ،ئىككى يىل چوشقىنىڭ ئالدىغا تاشلاپ بەرسە قانداق بۇلغىنى؟جاھان نىمە بۇلۇپ كەتتى،ھۇكۇمەت شۇنداق ياخشى،بالىلارغا 900يۇەندىن تاماق پۇلى بىرىدۇ،بۇنى نائىنساپ ،خىيانەتچى خۇمسىلار يەپ كىتىدۇ،بۇنى ھۇكۇمەت تەكشۇرمەمدىغىندۇ؟ ياكى مائارىپنىڭ مەسۇللىرى قاراقچى بۇلۇپ كەتتىمۇ؟ئۇقۇغۇچىلار تاماق پۇلىنى تەلەپ قىلسا بەمەپتۇ،گاۋ ئەمىر يۇقۇردىن ھوججەت بار دەپتۇ،لىكىن يۇقۇرۇنىڭ ھەركەت ئولچىمى بالىلارغا تارقاتقانكەن.ۋىلايەتنىڭ ئولچىمىدە 900يۇەن تاماق پۇلى بىرلىدۇ دەپ باركەن.ئاپتۇنۇم رايۇن بەلگىلىمىسىدە تاماق پۇلى توغرۇلۇق گەپ يوقكەن.بالىلار پىكىر قىلسا ئوچ ئالىدىكەن.يۇندىگە ئامراق كونا چوشقا،ئايرىم ئويگە يالغۇز قامىۋىلىپ بالىلارنى تازا تىللايدىكەن.ھەرگىز ئككى بالىغا تەڭ گەپ قىلمايدىكەن.ھازىر بۇ تاشلاندۇق لاگىردا روھىي جەھەتتە تۇگۇشۇپ،جىسمانى جەھەتتە خوراپ تۇگۇشۇپ كىتىپتۇ.مانا بۇ بىزنىڭ كىيىنكى ئۇقۇتقۇچىلار.ھۇكۇمەت بۇنىڭغا دىققەت قىلىشى لازىم،بالىلىرمىزغا مەسۇل بولىشى لازىم.بۇنى بىز دىسەك بالىلىرمىزدىن ئۆچ ئالىدۇ. بىز باغۋەن خانىمغا (
http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=3740&fpage=0&page=330) ھىسداشلىق قىلغاندەك بۇ 460 بالىغا ھىسداشلىق قىلىشىمىز لازىم.بۇ چوشقىلارنىڭ يەنە ئۆز يىغىمىزدا ئۆز گوشىمىزنى قورۇشىغا قاراپ تۇرمايلى.مىنىڭ بالامنى،ھەممىمىزنىڭ بالىسىنى قۇتقۇزىۋالايلى.بەزى تۇرداشلار ئۇتكەندە بۇ چوشقىنىڭ يىڭى ئادرىسىنى سۇرىغان.مەن يىقىندا تاپتىم.لەنجۇ لىگوڭ داشۇنىڭ كەينىدىكى تاشلاندۇق لاگىردا460 ئۇقۇغۇچىنىڭ قىنىنى شورىماقتا.
http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=3740&fpage=0&page=330
مەنبە: باغداش مۇنبىرى