153 يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 02:15 AM
تورداش قېرىنداشلار مىنىڭ بۇ يازمامنى كۆرۈپ ئىنكاس يو ...
ئەمدى ئازراق چۈشەندىم،ئەمدى يۇقارقى يازغانلىرىڭىز ئاساسىدا مەن تۆۋەندە چۈشۈنۈشلۈك قىلىپ تىما يېزىپ بىرەي:
ھۆرمەتلىك تورداشلار،ئاددى بىر دېھقاننىڭ ئاھۇ-زارىغا قۇلاق سالىدىغان ئادەم چىقمىدى، يۇقىرى دەرىجىلىك قانۇن ئورۇنلىرى ۋە سەھىيە ئورۇنلىرى چىقارغان كېسىم تۆۋەنگە كەلگەندە ئاقمىدى. تەپسىلاتى:
مەن 8يىل بۇرۇن ئەترەتتىن ئېلىشقا تىگىشلىك ھەققىمنى سۈرۈشتە قىلىپ بارغىنىمدا ئەترەت كادىرلىرى يولسىزلىق قىلىپ ھەققىمنى بەرمەكتە يوق ئەكسىچە جېرىمانە قويدى، مەن جېرىمانە تۆلەشنى رەت قىلغاندىن كىيىن باش قىسمىمغا 2كالتەك ئۇرۇپ،مېنى زەخمىلەندۈردى. مەن يېقىلغاندىن كىيىن ئەترەت كادىرلىرى ئۆز قىلمىشىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەنسىرەپ،ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈشنىڭ ئورنىغا رەقىپجان ئىسىملىك كىشىنىڭ خۇسۇسىي دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ س ت ئاپپاراتىدا تەكشۈرتتى. رەقىپچان دوختۇر تەكشۈرۈلگەن س ت نەتىجىسىگە ئاساسەن ھىچقانداق مەسىلە يوق دەپ دىئاگنوز قويدى. مەن بىر دېھقان بولغىنىم ئۈچۈن دوختۇرنىڭ بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدىم. كىيىن مېيىپ بولۇپ قالغاندىن كىيىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا بىرىپ تەكشۈرتكەندە،بېيجىڭلىق مۇتەخەسسىسلەر ئەينى چاغدىكى رەقىپچان دوختۇرخانىسى چىقارغان س ت تەسۋىرىنى قايتىدىن كۈزۈتۈپ ئەينى چاغدا مېڭىگە قان چۈشكەن ،سول تەرەپ قانلىق ئىشىغان ،سۇڭەك پارچە -پارچە سۇنغان، ئۆمۈچۈك تورسىمان پەردە ئاستىغا قان چۈشكەن، ۋە بېسىلىپ كەتكەن ، داۋاملىق داۋالىنىپ مۇشۇ ھالەتنى ساقلاپ قالسۇن دەپ ،ئاخىرقى دىئاگۇنۇز قويدى. سەھىيە مىنىستىرلىكى رەقىپچان دوختۇرخانىسىنىڭ ئەينى چاغدىكى س ت تەسۋىرىگە قارىتا ئىنچىگە كۈزۈتۈش ئېلىپ بارماي جىددى داۋالاشقا تىگىشلىك كېسەلنىڭ ۋاقتىدا داۋالىنالماي مېيىپ بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ئېغىر دەرىجىدىكى داۋالاش ھادىسى سادىر قىلىش قىلمىشىغا كىرىدۇ، بىمارنىڭ قانداق تەلىپى بولسا ئورۇنداپ بىرىڭلار،ھەم دوختۇرخانىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىڭلار دەپ ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ داۋالاش ھادىسلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش كوللىگيسىگە چۈشۈردى.بىراق سەھىيە ئىدارىسى ئۆز ۋاقتىدا رەقىپچان دوختۇرخانىسى ساق دەپ دىئاگنوز قويغاندا سىز ۋاقتىدا ئىپادە بىلدۈرمىگەن بولغانلىقتىن سىزنىڭ مېيىپ بولۇپ قېلىشىڭىز بىلەن رەقىپچان دوختۇرخانىسى ئوتتۇرسىدا قانۇنى تالاش-تارتىش مەۋجۇت ئەمەس دەپ مېنىڭ دىلويىمنى بىجىرىشنى رەت قىلدى. مەن ئامالسىز ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسىنى جاۋاپكار قىلىپ سوتقا ئەرز قىلدىم. شەھەرلىك سوت بۇ دىلونىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان بولسىمۇ ،لېكىن رەت قىلىش كېسىمى چىقاردى.(بۇ يەردە بىر زىتلىك بار، دىلونىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان ئورۇن ئەلۋەتتە دىلونى قوبۇل قىلاتتى،بەلكىم مەن بۇ توردىشىمىزنىڭ سۆزىنى خاتا چۈشنىۋالغاندىمەن.)ھەم بىزدىن چوڭ ئورۇنغا ھۆكۈم چىقىرالمايمىز دېدى. (مېنىڭچە بۇ سۆزدىمۇ بىر ئاز زىتلىق بار، چۈنكى شۇ شەھەرنىڭ ئۆزىدە بولغان داۋالاش ھادىسلىرى ماجرالىرىنى ئادەتتە شۇ شەھەرلىك سەھىيە ئاپپاراتلىرى ۋە سوت مەھكىمىسى قاتارلىق تارماقلار بىجىرىدۇ،ھەرگىزمۇ يۇقۇرى دەرىجىلىك سەھىيە تارماقلىرى كېلىپ ئۇ يەردىكى بىر خۇسۇسى دوختۇرخانىىڭ دىلوسىنى تەكشۈرۈپ يۈرمەيدۇ،شۇنداقلا يەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر شەخسى دوختۇرخانىغا كۈچى يەتمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالمىغاندۇ)
ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسىمۇ رەقىپچان دوختۇرنىڭ ئەترەت كادىرلىرىغا يان بېسىپ(بۇنىڭغا ئىسپات بولۇشى كىرەك،يەنى ئۇلارنىڭ بىمارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇپ،بىرلىشپ قەستەن يوشۇرغانلىق ياكى پارە قوبۇل قىلغانلىق،ياكى ئۇرۇق تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن بولغانلىق ...قاتارلىق،بولمىسا باشقىلارغا تۆھمەت چاپلىغان بولىمىز) خاتا چىقىرىپ بەرگەن دىئاگنوزى سەۋەپلىك مېنىڭ مېيىپ بولۇپ قالغانلىقىم توغۇرلۇق ھىچقانداق ئىاپدە بىلدۈرگىلى ئۇنىمىدى. ھەم داۋايىمنى رەت قىلدى.
تورداشلارنىڭ يۇقارقى ئەھۋاللارغا ئاساسەن مېنىڭ ئېشىمغا مۇۋاپىق پىكىر تەكلىپ بىرىپ مېنىڭدەك ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان ئاددى بىر دىھقاننىڭ ئاھۇ-زارىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ئاڭلىتش ۋە مۇۋاپىق ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تېپىپ بىرىشىنى سورايمەن.
ئەسكەرتىش: مەن يۇقارقى دىھقاننىڭ گىرامماتىكىلىك خاتالىقلىرىنى مۇۋاپىق تۈزۈتۈپ قويدۇم خالاس. يۇقارقى ئىنكاسنىڭ مەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1elkelem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-17 08:23 PM