مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bugaltir

قىزىمغا نەسىھەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80745
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3030
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2012-5-28
ئاخىرقى: 2013-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-17 12:33:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ!!بارلىق ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ كۆرۈشىگە ئەرزىيدىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17733
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-17 09:47:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاياللارمۇ قۇلاق سېلىڭ ھەممە گۇناھ ئەردە ئەمەس،   
ئەر ئەمرىنى تۇتماي يۈرۈش شەرىئەتكە توغرا كەلمەس،
ئەرنى رازى قىلمىغىچە سىزگە جەننەت راۋا ئەمەس،   
شەرىئەتتە شۇنداق ئىرۇر ئەردىن دۇئا ئالغايسىزلەر.

ئەر بەرگەنگە شۈكرى قىلماي يەنە چوڭنى تەلەپ قىلساق،
قولىدا بار-يوق،كارىمىز يوق كىيىم بەر دەپ قىستىۋالساق،   
سەۋرى قىلغىن خۇتۇن دېسە‹‹خېتىمنى بەر››دەپ ئېسىلۋالساق،
ئۆلسەك گۆردە مۇنكىرـ نەكىر ئازاپ قىلۇر بىلگەيسىزلەر.

ئېرىمىزدىن رۇخسەت ئالماي بازار-كوچا كىزىپ يۈرسەك،
‹‹نەگە باردىڭ؟›› دەپ سورىسا،نىيەتنى بۇزۇپ يۈز ئۆرىسەك،  
ھەدەپ تىللاپ ھەم ئۇرۇشۇپ ئەل ئالدىدا يۈز چۈشۈرسەك،
قىيامەتتە ئوتلۇق دارغا تىلدىن ئاسار بىلگەيسىزلەر.   

ئەرنىڭ ئۆيىنى ئوبدان تۇتماي قالايىمقان بۇزۇپ چاچساق،   
ئەر يىراققا كېتىپ قالسا،غەيرى بىلەن كۆڭۈل ئاچساق،   
غىزا-تاماق ئېتىپ بەرمەي،ئېرىمىزگە تۈكرۈك چاچساق،  
قىيامەتتە دوزاق ئىچىدە يىرىڭ-زەرداپ ئىچكەيسىزلەر.

ئەر خەۋەرسىز ئۆيىمىزگە غەيرى كىشلەر كىرىپ چىقسا،
قۇلۇم-قوشنا،ئۇرۇق-تۇققان ئۆتنە-يېرىم ئېلىپ چىقسا،
ياكى خۇتۇن ئېرىگە دېمەي ئانىسى يېنىغا بېرىپ چىقسا،
ئۆلسە يۈزمىڭ ئازاپ كۆرگەي ئانداق خۇتۇن بىلگەيسىزلەر.
  
شۇنىڭ ئۈچۈن ئەي خۇتۇنلەر ئەر خىزمىتىنى ياخشى قىلىپ،  
ئۆزۈمىزنى نامەھرەمدىن،يامان ئىشتىن پىنھان قىلىپ،
ئەر ھەققىنى ياخشى ساقلاپ،رازى قىلىپ دۇئا ئېلىپ،
ئىككى ئالەم دۆلىتىنى قولغا ئېلىپ يۈرگەيسىزلەر.!!!   

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88094
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 305
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2012-12-4
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-9 02:13:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دۇنيانى ئۆزگەرتىش تەس، ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ئاسان......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88094
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 305
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2012-12-4
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-9 02:16:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەسىللەرنى    بىر  تەرەپلىمە  ئويلامسىز  نىمە

دۇنيانى ئۆزگەرتىش تەس، ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ئاسان......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17733
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 08:08:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
             بىر دانىشمەن شۇنداق دەپتۇ


ئى پەرزەنىتلىرىم ، ئېسىڭلاردا بولسۇنكى 5 نەرسىدىن ۋاپا كۈتمەڭلار !
‹1› بۇلۇتنىڭ سايىسى ،ئۇ قاراپ بولغۇچە ئۆتۈپ كېتىدۇ .
‹2› غەرەزلىك دوست ، ئۇ ھامان ساڭا ئەسقاتمايدۇ .
‹3› يالغاندىن تەرىپلەش ، ئۇمۇ ئىز بېسىپ تۇرالمايدۇ .
‹4› چىرايلىقلارنىڭ جامالى ، ئۇ ئاخىرى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ .
‹5› بۇ دۇنيانىڭ مېلى ، ئۇمۇ ئاقىۋەت ئىگىسىگە ۋاپا قىلمايدۇ .
دانىشمەن يەنە شۇنداق دەپتۇ ؛

دۇنيادا 7 نەرسە 7 نەرسىگە باغلىق بولىدۇ ؛
‹1› خوتۇننىڭ ئىززىتى ئەر بىلەن .
‹2› بالىنىڭ ئىززىتى ئاتا بىلەن .
‹3› شاگىرىتلارنىڭ ئىززىتى ئۇستازى بىلەن .
‹4› لەشكەرلەرنىڭ قۇۋۋىتى سەردار بىلەن .
‹5› پۇقرالارنىڭ خاتىرجەملىكى پادىشاھ بىلەن .
‹6› پادىشاھنىڭ ئىززىتى ئادىللىق بىلەن .
‹7› ئادىللىقنىڭ روناق تېپىشى ئەقىل ۋە ھوشيارلىق بىلەن باغلىق بولىدۇ .


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17733
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 06:47:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككى جۈملىلىك ھايات دەستۇرى


ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ ، لىكىن تەكەببۇر بولماڭ .  
ئىززىتىڭىزنى ساقلاڭ ، لىكىن ئۆزىڭىزنى چوڭ تۇتماڭ .
ئۆزىڭىزنى سۈيۈڭ ،  لىكىن قالتىس ھىساپلىماڭ .
كەمتەر بۇلۇڭ ، لىكىن ئۆزىڭىزنى كەمسىتمەڭ .  
ئۆزىڭىزنى ئەيىپلەڭ ، لىكىن ھاقارەتلىمەڭ .
ئۆزىڭىزگە تايىنىڭ ، لىكىن  شەخسىيەتچى بولماڭ .
ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇڭ ، لىكىن مەيلىڭىزچە ئىش كۆرمەڭ .
قەتئى بۇلۇڭ ، لىكىن جايىل  بولماڭ .
جانلىق  بۇلۇڭ ، لىكىن  شاللاق بولماڭ .
باتۇر بۇلۇڭ  ،  ئەمما قارام تەلۋە بولماڭ .  
تەمكىن بۇلۇڭ ، لىكىن جۈرئەتسىز  بولماڭ .
سەگەك بۇلۇڭ ، لىكىن  گۇمانخور بولماڭ  .
مەردانە بۇلۇڭ ، لىكىن قوپال  بولماڭ .
ياۋاش بۇلۇڭ ، لىكىن  دۆت بولماڭ .
ئېھتىياتچان بۇلۇڭ ، لىكىن چەكتىن ئاشۇرۋەتمەڭ .  
يۇمۇرلۇق بۇلۇڭ  ، لىكىن  چاكىنا بولماڭ .   
سۆزمەن بۇلۇڭ لىكىن مۇغەمبەرلىك  قىلماڭ .   
ساددا بۇلۇڭ ،لىكىن  گۈدەكلىك قىلماڭ .
مۇلايىم بۇلۇڭ ،لىكىن قارغۇلارچە ئىش كۆرمەڭ .  
چاقچاقچى بۇلۇڭ ، لىكىن باشقىلارنىڭ دىلىنى رەنجىتمەڭ .
ئىمانلىق   بۇلۇڭ ، لىكىن  پاسىقلاردىن بۇلۇپ قال

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17733
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 10:19:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1. شەھەردىكى فونتان ھەرقانچە ئېگىز ئېتىلىپ چىقسىمۇ توك بولمىسا شۇ ھامان توختاپ قالىدۇ،ئەمما سەھرادىكى بۇلاقلار ئۇنىڭ سىرتىدا
2.شام بىلەن توك ئۆيلەرنى يورۇتۇپ بەرگنى ئۈچۈن پۇل تەلەپ قىلىدۇ ئەمما كائىناتنى يورۇتقان قۇياش ئۇنىڭ سىرتىدا
3.يىزىغا بارغان شەھەرلىكلەر ئىسىل مىھمان سانىلىپ قىزغىن كۈتىۋىلىنىدۇ ئەمما شەھەرگە بارغان يىزىلىقلار ئۇنىڭ سىرتىدا
4.پىيادە يول يۇرگۈچىلەر ئاتلىق يول يۈرگۈچىلەرگە قارىغاندا كۆپ جاپا-مۇشاقەت تارتقۇچى بولسىمۇ ،ئەمما كەلگۈسىدىكى كارۋانلارغا يول باشلىغۇچى بولالايدۇ.ئاتلىق يول يۇرگۈچىلەربولسا ئىتىدىن ئايرىلغان ھامان ئۆز روھىنى يوقۇتۇپ قويغاندەك بولىدۇ
5.بالاڭنىڭ سورىغان سوئالىنى جاۋاپسىز قالدۇرساڭ ، كەلگۈسىدە ھەرقانچە سۆزلىسەڭمۇ قايىل قىلالمايسەن
6.قۇشنىڭ ئەركىنلىكى پەرۋازى بولسا ، ئادەمنىڭ ئەركىنلىكى خىيالى
7.جۈرئەت قىلىش _ تەۋەككۈل ئېتىلغان ئوقتۇر
8.ئىنسان قارمۇ -قارشىلىق ئىچىدە ئۆزىنىڭ مەۋجۈتلۇقىنى ساقلاپ قالالايدۇ .ئۇ ياكى مۇتلەق بەخىت ۋە ياكى مۇتلەق بەختىسىزلىك ئىچىدە تۇرغاندا ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ
9.ئاخىرى نائىنىق بولغان ئىشقا شەيتان رىژىسسورلۇق قىلىدۇ
10.بىزگە نىسپەتەن ھازىر ئەڭ مۇھىمى <<نىمە قىلىش كىرەك >> دىگەن سوئال بولماستىن بەلكى <<مەن نىمە قىلالايمەن >> دىگەن سوئالدۇر
11.ئادەمنىڭ جىنى مۆمكىن بولمايدىغان ئىشلارغا ئۆزىنى ئۇرۇشتىن خورايدۇ، تىنى ئىچىگە ئاچچىق يۈتىۋىلىشتىن قىرىيدۇ ، روھى خام خىيالىنى جىق سۈرۈشتىن يىگىلەيدۇ
12.بىزدە توغرا تاللاش ۋە تاللاش ئېڭى كەمچىل بولغانلىقتىن ۋاز كىچىشكە تىگىشلىك ئىشلاردىن ۋاقتىدا ۋاز كىچەلمەسلىكىمىز تۈپەيلىدىن تىخىچىلا قەددىمىزنى رۇسلىيالماي ياشاۋاتىمىز
13.ئاق بۇلۇت گۈزەل لىكىن ئۇ قۇپقۇرۇق قارا بۇلۇت ۋەھىمىلىك بىراق ئۇ ساخاۋەتچى
14.بىر نەرسىنى قانچە ئىگىز كۆتۇرسەڭ ، ئۆزەڭ شۇنچە پەستە قالىسەن
15.تىرىشتىڭ ،ئېرىشتىڭ . ئويلىنىپ قالدىڭ ئولتۇرۇپ قالدىڭ
16.مەن ئۇخلايدىغان قىرىندىشىمدىن ،مىنى سوتلاپ تۇردىغان دۈشمىنىمنى ياخشى كۆرىمەن
17.ئۆتكەن ياخشى ئىشلارغا پەش ، خاتالىقلارغا چىكىت قويۇپ مىڭىشنى ئۈگەن
18.سىز يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭ باش تىمىسى ،بارلىق يىقىن كىشىلەر سىزنىڭ ۋاقىتلىق ھەمراھىڭىز خالاس
19.كىچىك بالىنى ھىچنىمىنى بىلمەيدۇ دىيىش ، باللىرىمىزنىڭ يارامسىز بولۇشى ئۈچۈن بىسىلغان ئۇلتاش
20.ھايۋاننىڭ ھايۋاننى دورىشى ئەقىللىقلىقىدىن بولسا ، ئادەمنىڭ ئادەمنى دورىشى كالۋالىقىدىن بولىدۇ
21.ئىقتىساد ئىڭى بولمىغان مىللەت نامرات ، سىياسى ئىڭى بولمىغان مىللەت قۇل بولىدۇ
22.ئىسىڭىزدە بولسۇن : قىيىنچىلىقلار تاغدەك بولسا ، ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى تاغدىنمۇ ئىگىز بولىشى كىرەك . شۇ چاغدا سىز ھەرقانداق قىيىنچىلىقتىنمۇ ھالقىپ كىتەلەيسىز
23.ئادەملەرنى قەسەم باغلىيالمايدۇ ، ئەگەر ئۆزىڭىزنى بىرەر غايە قورشىۋالغانلىقىنى سەزسىڭىز ،سەزگەندىمۇ چوڭقۇر سەزسىڭىز شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە
24.كىشىلەر دوستلۇقى ئۈچۈن بولمىسا،دۇنيانىڭ يارتىلىشىدا يەنە قانداق مەقسەت بار؟    -ئابدۇراخمان جامى
25.دۈشمەنلىكتىن ئەمەس ،چاياننىڭ چىقىشى ،
    شۇنداقتۇر تەبىئىتى،پىئىلى - خائىشى                                  - شەيىخ سەئىدى
26.كىمكى يامان ئىشنى بىلىدۇ راۋا ،
    ئۇ ئۆز قىلمىشىدىن تارتىدۇ جازا .                                    -مىسراۋ دىھلىۋى
27.خىرىس قىلىپ كەلگەن ئاچ بۆرىنى ئۆلتۈرمىسەڭ ، ئۇ سىنى يەپ قويىدۇ . جەز قىلغان يىلاننىڭ بىشىنى يانجىمىساڭ ئۇ سىنى ھامان ئۆلتۈرىدۇ
28.دۇنيادا تاساددىبىلىقلار نۇرغۇن ، لىكىن ھەرقانداق تاساددىبىلىقنىڭمۇ تەبىئىتى بار.       -ئا.ئۆتكۈر
29.ئۆتكەنگە پۇشايمان ، بۈگۈنگە قانائەتلانمەسلىك ،ئەتىگە ئۈمۈت _ بۇ ئىنسان ھاياتىغا ھەرۋاقىت ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇرىدىغان بىر خىل مەنتىقى فورمىلا(لىكىن ئىنسانلارنىڭ ئەتىسىگە دائىم كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەر ھەمراھ بولۇپ كىلىدۇ)                                           _ ئا.ئۆتكۈر
30.خوشامەتچى ئادەم بىر ئۆمۈر تەمە ۋە تىلەشنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ روھى پايخان قىلىنىدۇ ، بۇنداق ئادەملەرگە مەڭگۈ ئىتىقاد ، ۋاپا دەرياسىدا كاراپتەك ئۈزەلمەيدۇ
31.ھاياتنىڭ ھەربىر مىنۇتىنى چىڭ تۇتقاندىلا ،ئارزۇ قىلغان ھاياتقا ئىرىشكىلى بولىدۇ
32.ئۆزۇڭنى بايقاش _ دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا بايقاشتۇر
33.ئوزغۇنلارغا خاس ئورۇنغا ئېرىشىش ئۈچۈن ،ئۆزۈڭنى چۈشەنمىكىڭ كىرەكتۇر . بولمىسا ھەرقانچە چىرايلىق سەھنىمۇ ،ئاخىرقى ھىساپتا سىنىڭ قەبرەڭگە ئايلىنىپ قالىدۇ
34.دۇنيادا ئەڭ ياخشى لايھە مەۋجۈت ئەمەس ، ئەڭ ياخشى ھەركەتلا مەۋجۈت
35.ھاماقەتلىكىڭ بىرەر ئىشنى بۇزۇپ قويغانلىقىڭدا ئەمەس ،بەلكى ھازىرمۇ شۇنداق بىھۇدە ئىشنى قىلىۋاتقىنىڭدا
36.سەن ھەر قىتىم ۋاز كەچكەن پۇرسەت ئۇدۇل بىرىپ باشقىلارنىڭ بايلىقىغا ئايلىنىدۇ
37.مەغلۇبىيەتكە مۇلايىملىق بىلەن تەن بەرگەندىن كۆرە،ئاخىرقى مۇشنى كىلىشتۈرۈپ ئىتىۋالغىنىڭ تۈزۈك
38.سىنى پەقەت بىرلا ئادەم ۋەيران قىلالايدۇ ، ئۇ بولسىمۇ ئۆزۈڭ
39.دۇنيادا مۇنداق ئىككى خىل ئادەم باشقىلارنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىدىغان ئەخمەقلەر سانىلىدۇ :بىرى تۈنۈگۈن ئۈچۈنلا ياشايدىغانلار بولۇپ ، ئۇلار تۈنۈگۈندىن مىھرىنى ئۈزەلمەيدۇ.ياكى بولمىسا ئەتىدىن كەچكىچە ئۆتكەن ئىشلار ئۈچۈن ھەسرەت ،نادامەت چىكىدۇ ،يەنە بىرى ئەتىسى ئۈچۈنلا ياشايدىغانلار بولۇپ، ئۇلار گويا پويىزدىكى يولۇچىلار كىلەر بىكەتنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەندەك پەقەت ئەتىلا كۆڭۈلدىكىدەك قارارگاھىم غايە ۋە ئىنتىلىشىم ئىشقا ئاشىدىغان مەنزىل ،كىشلىك ھاياتىمنىڭ ئاداقى نۇسرەتلىرى چىراي ئاچىدىغان غايىۋى ئالەم دەپ قارايدۇ
40.پەقەت ئەخمەق ئادەملەرلا ئۆزىنى ئۆز قولى بىلەن ياسىغان قەپەسكە سولاپ قويىدۇ
41.يوقالماسلىق ئۈچۈن تىرىشىش ،ئۇنتۇلماسلىق ئۈچۈن يارىتىش كىرەك
42.تەۋەككۈلچىلىك قىلىش ئۈچۈن جۈرئەت كىرەك بولغىنىدەك ،ۋاز كىچىش ئۈچۈنمۇ چىدام ،غەيرەت كىرەك
43.بىر كىشىنىڭ ناچار ئادەمىلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ،ئۇنىڭ ئۆز قىرىندىشىنى پەس كۆرىشى يىتىپ ئاشىدۇ
44.كىشى كۆرمىدى دەپ يامانلىق قىلىۋەرمە ، كۆز بىلەن قۇلاق بىكارغا يارىتىلمىغان
45.ھايات يۈرۈشنىڭ ،جاپا چىكىشنىڭ ،قاقاھلاپ كۈلۈشنىڭ ئۆزى بەخىت ،چۈنكى بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغانلار ......................
46.پىچاق ھەرقانچە ئىتتىك بولسىمۇ ، ئۆز سىپىنى كىسەلمەيدۇ
47.ئادەم ئۈچۈن ئەڭ مەخپى بولغان سىرى _قايرىلىپ بىر قاراش بىلەن ،پىسىڭڭىدە بىر كۈلۈش بىلەن ھەتتا چاندۇرماي دەم قىلىنغان بىھۇدە ھەركەتلەر بىلەن ئاسانلا ئاشكارلىنىپ قالىدۇ
50.نادانغا نادانلىقىنى قايتا -قايتا ئەسكەرتىش ،قاراڭغۇدا قاپاق تۇرگەن بىلەن باراۋەردۇر

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92019
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 117
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2013-2-21
ئاخىرقى: 2013-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 10:52:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80426
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4744
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 144 سائەت
تىزىم: 2012-5-21
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 11:09:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارىكاللا   

ئاللاھ خالىسا شۇنداق كۈنلىرىم كىلىدۇ :دوسلىرىم پەخىرلىنىپ كۈلگىدەك ، دۈشمەنلىرىم ھەسەت قىلىپ ئۆلگۈدەك .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش