ئۇنداق قىلسا قانداق بولۇدۇ؟
ئىشخانىسىدا يىل بويى تۈزۈكرەك ئىش قىلمايدىغانلار ھەر ئايدا تولۇق ئالىدۇ،ئەمما بىزدەك جاپاكەشلەردىن ھەر ئايدا ئۈنۈم مۇئاشى دەپ تۇتۇدۇ،يىل ئاخىرىدا قايتۇرغىچە ھەر خىل بۆكلەرنى كەيگۈزۈپ يەنە تۇتىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار زادى نىمە گۇناھ قىلدى بۇلارغا.....يەنە بىر ئىشنى دىگۈم كېلىۋاتىدۇ،2011-يىلىدىن باشلاپ ناھىيىمىز تەۋەسىدىكى ھەر قايسى مەكتەپلەردىكى سىنىپ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ھەر بىر ئوقۇتقۇچىغا ئايدا 250يۈەندىن سىنىپ مۇدىرلىق پۇلى بېرىپ كەڭ سىنىپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ئىدى،ئەمما ناھىيە رەھبەرلىرى ئالمىشىش سەۋەپلىك بۇ سىياسەتمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، كىشىنى ئەڭ خاپا قىلىدىغىنى ئىلگىرى تارقىتىپ بولغان قىسمىنى يىللىق ئۈنۈم مۇئاشىمىزدىن بىراقلا تۇتىۋەتتى،ئىشقىلىپ ئاخىرى ھېچنىمە يوق.........بولدىلا