ئىيولدىكى يەكشەنبە كۈنى،
تۇيۇڭ بۇلۇپ كەتتى ئاخىرى.
ئەجەپ ئېغىر ئىكەن تاشلىنىش،
جاننى قىينار سۆيگۈنىڭ سىرى.
قوللىرىڭنى بىرىپ ئۇنىڭغا،
كەچتىڭ مەندىن جاناندىن كەچتىڭ .
خوش دىسەممۇ دەي ئەمدى ساڭا،
بەرگەن ۋەدە ۋىجداندىن كەچتىڭ.
ئېيتىپ بەرگىن ئۇزادى كىمۇ؟
ئۇمۇ مەندەك شېئىر يازامدۇ؟
قەلبىدىكى ئازاپلىرىڭنى،
قەلىمىدە كولاپ قازامدۇ.
ئاچچىق تاتلىق گەپلىرى بىلەن ،
يىغلىتىپ ھەم كۈلدۈرەلەمدۇ.
بىر كۆرۈشكە ئىنتىزار قىلىپ،
ئۇيقۇ بەرمەي كۆيدۈرەلەمدۇ.
كىملىكىنى دىمىسەڭ دىمە،
ساڭا ئايال بولغان شۇ قىزنىڭ.
ۋاز كىچىشنىڭ يولىنى بويلاپ،
بۇلۇپ كىتەي مەنمۇ بىراۋنىڭ .
بۇخەلچەم ئابدۇراخمان شېئىرى